رىزىق

ئادىل تۇنياز

 

ئە. ئە گە ئاتاپ

 

ئۇچىراشتۇق بىز
ئاۋال تېلېفوندا –
ئاندىن زاۋالنىڭ سۈرىتىدىن تىز
توختىغان قىزىل تاكسى يېنىمىزدا
قالدۇرمىدى غېرىبلىقتىن ئىز،
قالدى بىر تىكەن تىلىمىزدا.

 

سېنىڭ رىزقىڭ يات تىلدا ئىكەن
ئىككى قىزىڭ ئاق پىشماق، بىغەم
ئېنگىلىز تىلىدا ئۇچتى بىر دەم
يېرىم سۈزۈك قانىتى بىلەن.

 

چۈشتى يېقىلىپ
ئۇيغۇر تىلىغا –
بىر تىلغا ئاللاھنىڭ نەزىرى چۈشكەن
ئاستىدا ئاسمان، ئۈستى ھىم ئىتىك
مەنىسى مەڭگۈلۈك خەتلىرى تېگىك.

 

جىمجىتلىق ئىتتىك
قىلىچتىنمۇ
تىلىمنى تارتتىم چۆچۆپ كېتىپ
كەپتەر توغۇرلۇق گەپ قىلىشتىنمۇ
دەپتەر ئاق رەڭدە ئۆچۇپ كېتىپ
قەلىمىم ئاۋازلىق كىرىچتىنمۇ…

 

ئېغىلدا قوزا توغۇلسا
ئېرىقتا ئوت ئونۇپ چىقار
تۆتىنچى ئوغلۇممۇ تۇغۇلدى چىقار
ئاي-يۇلتۇز چىققان كوچىلارغا …

 

بىر ساپاق قارا ئۈزۈم
ساڭگىلىغان ئاق قەغەزگىچە،
سەن يېمىسەڭ يەي ئۆزۈم
ئەي كىتاپخان، بىر بەتلا كېچە.

 


2012-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى

 

 








سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !