«ئادارگۈل» ناخشىسىنىڭ تېكىستىنى زادى كىم يازغان؟

ئىسكەندەر جېلىل  (قومۇل تارانچىدىن)

 

خەلق ئىچىدە تارقىلىۋاتقان نۇرغۇن ناخشىلارنى ئەمەلىيەتتە بەزى كىشىلەر ئىجاد قىلغان، لېكىن ناخشا ئوموملىشىپ، ئۇنىڭ ئىجاتكارىنىڭ نامى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا تىلغا ئېلىنمىغاچقا، بۇ ناخشىلار ئومومەن خەلق ناخشىسى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

 

يېقىندا، خوتەندىكى بەزى پىدائىيلارنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، «ئادارگۈل» ناخشىسىنىڭ تېكىستىكىنى يازغان شائىر ئابدۇغېنى سېيىت ئاكىمىز بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ ھېكايە قىلىدۇ:

 

1969-يىلى 11-ئايدا، ئابدۇغېنى سېيىت ئاكا گۇما ناھىيەسى قوشتاغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتاتتى. بۇ چاغلاردا مەدەنىيەت ئىنقىلابى خېلى ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ليۇ شاۋچى، دىڭ شاۋپىڭ قاتارلىقلارنى ئەكسىلئىنقىلابچى، كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلار دەپ تارتىپ چىقىرىلغان ئىدى. ئابدۇغېنى سېيت ئاكىنىڭ قەلىمى كۈچلۈك، ئاۋازى ياڭراق بولغاچقا، كۆپىنچە يىغىنلاردا شۇئار توۋلاش ئۈچۈن چىقىرىپ قويۇلاتتى. بىر قېتىملىق چوڭ پىپەن قىلىش يىغىنىدا، قەغەزچىگە يېزىلغان ياشىسۇن، يوقالسۇن دېگەن شۇئارلار ئارىلاش كەلگەچكە، ئابدۇغېنى ئاكا «يوقالسۇن ليۇشاۋچى» دېگەن شۇئارنى بىخەستەنلىكتىن «ياشىسۇن ليۇشاۋچى» دەپ توۋلاپ سالغانلىقى ئۈچۈن، «ئەكسىلئىنقىلابچى» دېگەن قالپاق كەيدۈرۈلۈپ، مائاش تەمىناتى توختىتىلىپ، قوشتاغ يېزىسىنىڭ قاراسۇ كەنتىگە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە چۈشۈرۈلدى. بۇ جەرياندا، ئابدۇغېنى ئاكا كۆپ جاپارلارنى چەكتى.
 

1970-يىلى ئەتىياز پەسلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئابدۇغېنى ئاكا قاراسۇ كەنتىدىكى ئۆستەڭ بويىدا ئەمگەك قىلىۋېتىپ، بىر قارچۇغىنىڭ ئۇچۇپ كەلگىنىچە بىر ياۋا توشقاننى قوغلاپ، چاتقاللىققا يۇپۇرۇپ ئەكىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ ۋەقە ئابدۇغېنى ئاكىنىڭ غېرىبلىكى بىلەن بىرلىشىپ، ئىچىنى بىر خىل پىغان تۇتىدۇ، دەرد ئەلىمى ۋە ئىلھاملىرىنى قەغەزگە تۆكۈشكە ئادەتلەنگەن ئابدۇغېنى ئاكا دەرھال يانچۇقىغا سېلىۋالغان قەغەز ۋە قەلەمنى ئېلىپ تۆۋەندىكى مىسرالارنى يازىدۇ:

 

    لاچىن سوققان توشقاننىڭ، جاڭگالدا ئۇۋاسى بار،
    مەن غېرىپ مۇساپىرنىڭ بۇ يەردە نېمەسى بار؟
    ئاتامغا نېمە دەپ يىغلاي، ئانامغا نېمە دەپ يىغلاي،
    ئېتىڭنىڭ ئالدىدىن ئاشقان ساماندەك سارغىيىپ يىغلاي.
    …………………………………………..

 

ئابدۇغېنى ئاكا بۇ شېئىرنى ئاۋايلاپ يانچۇقىغا سېلىپ، شۇ پېتى ساقلاپ قويىدۇ.

 

1972-يىلى 5-ئايغا كەلگەندە، ئابدۇغېنى ئاكىنىڭ نامى ئاقلىنىپ، خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. 1976-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، گۇما ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىگە كەسپىي يازغۇچى بولۇپ يۆتكەلىدۇ. 1977-يىلى ئەتيازدا خوتەن ۋىلايىتىدە ئىمىن راشىدىن يازغان «ئادارگۈل» ناملىق دراممىنى سەھنىلەشتۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدۇ، بۇنىڭغا ئابدۇغېنى ئاكىمۇ گۇمىدىن ئالاھىدە كېلىپ قاتنىشىدۇ. دراممىدا ئادارگۈل بىلەن توختىنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلىنەتتى، لېكىن بۇ دراممىغا توختىنىڭ غېرىپ- مىسكىننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ناخشا تېكىستى لازىم بولۇپ قالغان ئىدى. يىغىندا نۇرغۇن شائىرلار نەق مەيداندا شېئىر يېزىپ باقتى، بەزەنلەر بىر قىسىم شېئىرلارنى تەۋسىيە قىلدى، لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى توختىنىڭ ئىچكى ھېسىياتىنى ئىپادىلەپ بېرەلمىدى.

 

ئابدۇغېنى ئاكا ئۆزىنىڭ خاتىرىسىنى ئاختۇرىۋىدى، 70-يىلى باھاردا يازغان ھېلىقى شېئىر قولىغا چىقىپ قالدى. بۇ شئېىرنى رەھبەرلەر كۆرگەندىن كېيىن، ھەممىسى ياقتۇرۇپ قېلىپ، دراممىدىكى توختىنىڭ مىسكىنلىك باسقان ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەيدىغانغا دەل چۈشىدۇ دەپ قاراپ، شۇ شېئىرنى تاللىدى.

 

كېيىن، بۇ شېئىرغا شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىدىكى بەكرى توختى مۇزىكا ئىشلەپ، ھازىرقى «ئادارگۈل» دېگەن ناخشا مەيدانغا كەلدى.

 

شۇڭا بۇ ناخشىنىڭ شېئىرىنى ئابدۇغېنى سېيتنىڭ، مۇزىكىسىنى بەكرى توختىنىڭ دەپ ئېلىشقا بولىدۇ.

 

ئابدۇغېنى سېيت ئاكا 1942-يىلى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسىدا تۇغۇلغان، ھازىر 74 ياشتا، ئۆيى خوتەن شەھىرىدە، پىنسىيونىر، تېنى ساغلام، تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى كۈچلۈك، ئۆزى جۇشقۇن، ھازىرمۇ ئىشتىن سىرت يېزىقچىلىق، ئەدەبىيات سەنئەت تەتقىقاتى ۋە پىدائىيلىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانماقتا. شىنجاڭ ئون يۈەن مېھرىبانلىق فۇندى خوتەن پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى.

 

مەنبە: http://bbs.bagdax.cn/thread-60822-1-1.html

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !