يالغان خورازلار چىللاۋاتىدۇ

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

 

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:

http://www.azizisa.org/elkun_poem/Yalghan_xorazlar_chillawatidu.mp3

 

مەن بۇ كېچە شىئېر يېزىۋاتىمەن 
تۇيغۇم تىلسىم ماكانغا ئېقىۋاتىدۇ
بىر گۈلخان تۇن قاراڭغۇسىدا 
ئۈدۈننىڭ تۈزىغان قۇم قەلئەسىدە
ھەسرەتنىڭ ئۈمىد شامى بولۇپ –
چۈشۈمدە يۇلتۇزدەك يېنىۋاتىدۇ…. 
 
ئۆتىكەن تاغلىرىدا بىر باخشى
ياۋغا ئېتىلغان زەپەر ئوق ئۈچۈن 
كۆك تەڭرىنى كۈيلەپ مۇقام چېلىۋاتىدۇ   
چىن تۆمۈرگە بىر شەيخىم ………….

ئامانلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ
ئىسرىقداندا ئىسىرىق كۆيدۇرىۋاتىدۇ! 
 
مەن بولسام ئوكيان ئىچىدە
بىر ئارالغا پالانغان مەھبۇس   
غورۇرۇمدىن ھالقىغان ئىززتىىمنى كۆتۈرۈپ 
ئۆيۈمگە باسقىن قىلغان پاقىلار ئۇستىدىن
مۇھەببەت ئىلاھىغا ئەرىز قىلىۋاتقىنىمدا  
شەرقتە كەچ ئويغانغان خوراز
كۈننىڭ چۈش بولىشى بىلەن كارى يوق  
ئارمانلىرى ئۈچۈن توختىماي چىللاۋاتىدۇ… 
 
ئۆتىكەن تاغلىرىدىن ئۇزاپ 
ئالتايدا ئېزىقىپ قالغان ئاچ بۆرىلەرمۇ  
بىر ۋاق قورساق غېمى ئۈچۈن 
قار ئاستىدىن تۆنۈگۈن بۇركۈت ئۆلتۈرگەن ـ 
توشقان تېرىسىنى تېپىپ يەۋاتىدۇ….
 
بىر زامانلاردا توخۇ جەمەتىدىن 
تەكلىماكاندا ئالتۇن كاكىلاتقان خورازلارمۇ
بەشتۈگمەن مەھەللىسىدە
روزىئاخۇننىڭ ئۆيىدە  
سەھەردە ياڭرىغان چاڭچىلغا ئەگىشىپ – 
يالغاندىن چىللاۋاتىدۇ…
ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ…
 
تارىخ رەھىمسىز 
ئۇ ئەلمىساقتىن ئەسىرلەرنىڭ
دۈمبىسىگە يېزىلىۋاتىدۇ…
يالغان خورازلار چىللاۋاتىدۇ…
قارا ۋاپانى تامان ئۇنۇتقان بۇ دۇنيا
مەن تۇغۇلغاندىن بۇيان
شەرقتىن غەربكە بەخىرامان
ئۆز ئوقىدا چۆگىلەپ كېتىۋاتىدۇ!
 

 

2015 ـ يىلى ، 4  ـ مارت ، لوندوندا يېزىلدى.

 

مەنبە: باغداش ۋە بوزقىر تورلىرى
 
http://bbs.bagdax.cn/thread-35950-1-1.html
http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=8160
 


سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !