كۈز كەلگەن ئوخشايدۇ

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

 

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:

http://www.azizisa.org/elkun_poem/Kuz_kelgen_oxshaydu.mp3

 

كۈز كەلگەن ئوخشايدۇ
ماڭا تونۇش ئەركە شاماللار
يۈز – كۆزۈمنى سۆيۈپ ئۆتىدۇ
ئالدىراش يەنە –
كىملەرنىدۇر سۆيمەك ئۇچۇن
خوش دېمەستىن ئۇچۇپ كېتىدۇ!

كۈز كەلگەن ئوخشايدۇ
باھاردا توغۇلغان يېشىل يۇپۇرماق………..

 ئايىغىم ئاستىدا –
ۋاپاسىز دەرەخنى قارغىماستىن
يەر باغاشلاپ ياتىدۇ!

 

كۈز كەلگەن ئوخشايدۇ
قارلىغاچنى كۆرمىگىلى ئۇزاق
كۆك دالا ئۈششۈگەن
رەڭگى سارغىيىپ –
كاككۇكلار مۇڭى مەھەللىدىن غايىپ
قاغا – قۇزغۇنلار ئورمان ئۇستىدە
ھەر جۈمە كۈنى
داپ چېلىپ مەشرەپ ئوينايدۇ!

 

كۈز كەلگەن ئوخشايدۇ
ئېرىقىمدا باھارنىڭ
شوخ سۇلىرى توختىغان
ئەتىرگۈل شاخلىرىغا غېرىبلىق چۈشكەن
تورغايلار دان ئۈچۈن يورغىلايدۇ
دېھقان ئېتىزى غەمگۇزار
ھوسۇلنىڭ غېمىدە يىغلايدۇ!

 

كۈز كەلگەن ئوخشايدۇ
ئۆمۈردىن كەتمەكچى يەنە بىر يىل
ئالدىغا بىزنى سېلىپ ھەيدەيدۇ
مۇساپىرنىڭ يۈرىكى ئۆرتەيدۇ…
ئەمما تەمكىنلىك ماڭا ھەمرا
قەلب كۆيسىمۇ سېغنىشتىن
ھاياتنىڭ بۇ قىسمەتلىرى –
زارىقىش بىلەن تولۇپ ئۆتمەيدۇ!

 

كۈز كەلگەن ئوخشايدۇ
باھارنىڭ گۈل – چىمەنىسىز
ياز ئاپتىپىدا چاڭقىغان روھىم
بۈيۈك ئورمان قېتىدىن
بۆرىلەر كېسىپ ئۆتكەن شۇ يولىدىن
ئۈچەك ئىزدەيدۇ!

 

كۈز كەلگەن ئوخشايدۇ
كۈتتۈم يارنى ئىنتىزار بىلەن
ئۇ ئۆيىدىن چىقىپ كەلمەيدۇ.
دەريا بويىدا قەدىمىم قەلەندەر
غازاڭلار بىلەن
پىچىرلىشىپ ھارمايدۇ…

 

كۈز كەلگەن ئوخشايدۇ
ئۇ ھاياتىمنىڭ ئەكسى
مەندىن سورايدۇ –
«ھەي يولۇچى كېلىپ قاپسەن بۇياققا –
ئېيتقىنە مەنزىلىڭ سېنىڭ قاياققا؟!»
ئىزدەيمەن جاۋاپ تېپىشقا –
ئىزگۈلىكتە يەككە ئۆزلۈكۈم
مۇقەررەر ئەتىلىك ئۇچۇن
ھەر يان تىپىرلايدۇ!

 

كۈز كەلگەن ئوخشايدۇ
يوپۇرماقتەك ئۆزۈمدىن –
توختىماي تۆكۈلۈۋاتىمەن …
ھەر باھاردا تۇغۇلۇپ يېڭلىۋاتىمەن
پەسىل سېزىمى مۇساپىرغا يىراق بولسىمۇ
بالىلىرىمغا تەڭرىتېغنىڭ
يالقۇنتېغنىڭ –
ئىسسىق – سوغۇقى قىسسەسىدىن
چۆچەكلەر ئېيتىپ بېرىۋاتىمەن!

 

كۈز كەلگەن ئوخشايدۇ
ھەرىلەر باراڭ ئاستىدا غۇژۇلدايدۇ
سارغايغان يۇپۇرماق –
قاتلىرىدا ئۇنىڭ كۈن نۇرى قالغان
قىشنى كۆپ كۈتۈشتىن بېشى قاتقان –
يېڭى ھاياتنىڭ مۇقەددىمىسىگە
جىمى تەبىئەتكە تەڭ قوشۇلۇپ
تىنماستىن باھار چىللايدۇ!

 
 

26 – سېنتەبىر، 2015 – يىلى. لوندون

 

مەنبە:

 

http://bbs.bagdax.cn/thread-34497-1-1.html

http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=7997

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !