ۋەتەن – مۇقەددەس جەننەت!

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

 

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:

http://www.azizisa.org/elkun_poem/Weten_muqeddes_jennet.mp3

 

بىزنى جۇدا قىلغان

ۋاقىتسىز ئايرىلىشتىن

كۆپ يىللا ياشىدىم يۈرىكىم زەدەپ…

ئۇزاق كۆرۈشۈشتىن بىز مەھرۇم  

توساتتىن دوستۇم ئېسىگە ئاپتۇ –  

سېغىنىپ بۈگۈن مېنى ئەجەپ؟!

 

مەۋھۇملۇققا مەھكۈم

ئېكراندىكى ئۈچرىشىشىمىزدا

ئېيتىپ قالدىڭ سۆزىمىز ئارىسىدا ـ

«ھەي سەن ياشايسەن جەننەتتە» دەپ………..

 

دوستۇم سورىدى –

«بېرىپ كۆرەي سېنىڭ جەننىتىڭنى؟»

مەن دېدىم –

«بوپتۇ كەلسەڭمۇ كەل –

ئۇ يەر ۋەتىنىم ئاسمىنىدىن ئۇزاق

جەننەتمۇ ياكى دوزاقمۇ –

بۇ ئۇقۇم تېخىچە ماڭا سوراق.»

 

دوستۇم سۆزىنى ئاڭلاپ –

ئويغا پېتىپ قالدىم

كۆڭلۈمنى تۆۋەندىكىدەك بايان ئەيلىدىم:

 

«مەن ياشايمەن

ئۆزگە ئېتىقادقا چوقۇنۇپ پىنھان –

ئەقلىڭ بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولغان  

كارۋان يولنىڭ قارشى دوقمۇشىدا

بارسا كەلمەس ئاچا يولىدا

بوراندا چېدىر قۇرغان –

يېنىدا ئۇرۇشتىن قالغان ۋەيرانە قورغان…

ئۇ يەردە مۇساپىرنىڭ مۇڭى ھەقسىز سېتىلىدۇ …

ئەمما تامچە ياش تۆكۈلمەيدۇ

چۈنكى دۇنيا ئاجىزلارنىڭ كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ

پەقەت ھىجران تۇغقان سۆيگۈلا سەرسان!

 

ئېھتىمالىم –

سەن ۋە بىزنى تۇغقان ۋەتەندىن  –

تۇنجى رەت خوش دەپ ئايرىلغان كۈنۈڭ

بىر جۈپ قارا كۆزۈڭ كۆرگەندىن كېيىن

قايتىدىن ئادەم بولۇپ تۇغۇلىسەن…

ئۆزۇڭ ھەققىدە قايتا ئۆيلىنىسەن..

بېشىڭغىمۇ كېلىدۇ ئوخشاش…

ئوڭۇمدا مېنىڭ قانداق چۈشلەرنى كۆرگەنلىكىم

قانداق تىلدا سۆزلىگەنلىكىم

قانداق تىلەكتە ياشىغانلىقىم

ھەممىنى ئاخىر چۈشىنىپ يېتىسەن

ھايات سىرلىرىغا شۇ چاغ  چۆكىسەن.

 

بىلەمسەن –

ئەلمىساقتىن بىزگە ئەۋۋەل –

ئۆلـمەس بىر ئۇدۇم قالغان

مەن ھەر كۈنى شۇنىڭ بىلەن ياشايمەن

شۇڭا ساڭا شۇنداق سۆزلەيمەن –  

ئۆزگىلەرنىڭ جەننىتىدىن

ئۆز دوزىقىمىز مىڭ ئەۋزەل!

 

ھەر تۈن كېچە چۈشلىرىمدە

تەكرار بىرلا چۈشىنى كۆرىمەن  

قۇچقاچ بولۇپ

ۋەتىنىمگە قاراپ ئۇچىمەن…

سەھەردە ئەسلىمەم

ئۆيلىرىغا پاتىمەن…

ئوڭۇمدىمۇ شۇنداق ئۈچسامكەن دەيمەن.

 

ھەر سەھەر ئىش يولۇمدا

قىزىرىپ يېڭى چىققان قۇياشقا

پويىز دېرىزىسىدىن مەيۇس باقىمەن

بارماقلىرىم بىلەن…

ۋەتەن سەندىن جۇدا بولۇپ ئۆتكەن يىللارنى

بىر – بىرلەپ ساناپ چىقىمەن…

 

ھىچ بولمىسا

قانىتى بار پەرۋانە بولسام  ـ

يۇرتنى سۆيۈپ كەلگەن شۇ نۇرلارغا

قوشۇلۇپ كۆيۈپ كەتسەم دەيمەن.   

قۇياش نۇرغا ئاخىر ئايلىنىپ

ئەتىسى ۋەتىنىم ئاسمىنىدا پارلاپ

كۈن بوغدا چوققىسىنى سۆيۈپ چىققاندا

تەڭرىتاغ تاشلىرىنى سۆيۈپ

ئاق قار ئۇستىگە چۈشسەم…

ئېرىپ كەتسەم …

ئېقىن بولۇپ سۈيىدە بىللە ئاقسام دەيمەن!»

 

كەل دوستۇم مېنى يوقلاپ كەل!

بىلىمەن ساڭا كەمدۇر پۇرسەت

ئەمما قايتىپ كەت –

قايتىپ كەت!

پەرەڭلەر ھىممىتىنى بىلىپ يەت!

بىزنى تۇغقان ئانا ۋەتەن –

ئەڭ ئۇلۇغ بىر ئەل –

ئۇ ھەممىمىزگە ئاتىمىزدىن قالغان

مۇقەددەس جەننەت!

 
 

مىلادى 2015 – يىلى، 17 – ماي. لوندون.

 
 

مەنبە:

 

http://bbs.bagdax.cn/thread-29736-1-1.html

 http://bbs.bozqir.top/forum.php?mod=viewthread&tid=7194

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !