قاباھەتكە گۇۋاھلىق

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شۇنداق قىلىپ، مىلادىيەنىڭ 2017- يىلى ئاۋغۇستتا دۇنياغا ئۇيغۇرنىڭ نىداسى ”جاۋابسىز قالغان تېلېفون“ قوڭغۇرقىدىن ئاڭلىنىپ، 2021 – يىلى 22-ئاپرېل تارىختا ”كۈن پاتماس“ ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، بۈيۈك برىتانىيە پارلامېنتى ئالدىدا ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك تۇغى – كۆك بايراق ئەلكۈننىڭ قولىدا غازىيانە لەپىلدىگەن كۈنى، بۈيۈك برىتانىيە پارلامېنتى ”خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزدى“ دەپ دۇنياغا جاكارلىدى!

 

ۋادەرىخا، ئەلكۈن بۇ مەملىكەتكە 20 يىلنىڭ ئالدىدا تۇنجى قەدىمىنى باسقاندا ”مەن ئۇيغۇر، خىتاي مېنىڭ ۋەتىنىمنى قانۇنسىز مۇستەملىكە قىلىۋالدى. مېنىڭ خەلقىمنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ… مەن ئۆزۈمگە ۋە ئۇيغۇر دېگەن بۇ ئېزىلگەن مىللەتكە ئادالەت ئىزدەپ سېنىڭ بۈيۈك ئېلىڭگە پاناھ تارتىپ كەلدىم…“ دېمىگەن ئەمەسمىدى؟!

 

20 يىل، ئارىدىن بىر ئەرنىڭ بۇ قاباھەتلىك 20 يىلى ئۆتۈپ كەتتى.

 

بۇ يىللار ۋە ئايلاردا ئەلكۈننىڭ كۆزلىرىدىن دەسلەپتە ۋەتەن سېغىنىشتىن تۆكۈلگەن ھىجران ياشلىرى ئاقتى… كېيىن، يەنى مىلادى 2017- يىلى ئانىسى ۋە بارلىق قېرىنداشلىرى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەندىن باشلاپ، ئۇنىڭ ھىجىرانلىق ياشلىرى قانغا ئايلاندى. 2017- يىلى نويابىردا، ۋاپات بولغان دادىسى ئۆز قەبرىسىدە 623 كۈن ياتقاندىن كېيىن، قەبرىسىنىڭ خىتاي فاشىستلىرى تەرىپىدىن بۇزۇپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكىنى 2019-يىلى ماي ئېيىدا گۇگۇل خەرىتىسىدىن بايقالدى. شۇ كۈنلەردىن باشلاپ ئەلكۈننىڭ قەلبىدە ئوخچىغان غەزەپ ۋە نەپرەتنىڭ ئوتلىرى يالقۇنىغا ئايلاندى….

 

ئەلكۈن ئۆتكەنكى بۇ تۆت يىلدا ئۆلۇم ئالدىدا جان تالىشىۋاتقان ئۇيغۇرنى قۇتۇلدۇرۇش، ئۇيغۇرنىڭ ئىززەت ۋە نومۇسىنى قوغداش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىن جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتلىرىدىن كەلگەن بارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلدى، يوللىرى توسۇلسا، ئۇ يوللاردىن ئاتلاپ ئۆتتى، ئۆز قېرىنداشلىرىدىن تىل ۋە دەشنەم ئاڭلىسا ئاڭلىماسقا سالدى، مەدەت بەرسە ”ھەشقاللا“ دەپ ئىلتىپات قىلدى. ئەمما ئەلكۈن بۇ ئاي ۋە بۇ كۈنلەردە خېلىلا چارچىغان ئىدى بىراق باسقان قەدەملىرى بىر كۈن ۋە بىر سائەتمۇ توختىمىدى. ئاللاھىم، كەمىنىگە تېخىمۇ كۆپ كۈچ ۋە ماغدىر ئاتا قىلغىن!

 

ئەلكۈن تۈنۈگۈن ھاياتىدا ئۇنچىلىك چىرايلىق چۈش كۆرۈپ ئۇخلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇ چۈش كۆردى، چۈشىدە خۇش چىراي ئاتىسىنى كۆردى… ئاتىسى بىر ئۆمۈرلۈك مېھنەتلىرى بەدىلىگە چۆلدە بەرپا قىلغان بۈك – باراقسانلىق مېۋىلىك باغدا ئۆرۈك كۆچەتلىرگە ئۇلاق ئۇلاۋاتقىدەك… بېشىدىكى گۈللۈك دوپپىسى ئۈستىدە شۇنداق بىر كۈچلۈك نۇر جۇلالىنىپ نۇر چېچىپ تۇرغۇدەك…

 

ئەلكۈن تۆت يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قاباھەتلىك كۈنلەرگە ۋە بۇ قاباھەت ياراتقان تراگېدىيەلەرگە، ئۇنىڭ ھەر كۈنى تارىخقا ئايلىنىۋاتقان بەتلىرىنىڭ ھەر بىر قۇرلىرىغا شاھىد بولدى. ئەلكۈن بۇ يېرىم ئەسىرلىك ھاياتىدا ئۆز خەلقىنىڭ كۈلكە ۋە يىغىسىغا تەڭ ھەمنەپەس بولالىغانلىقى- ئۇنىڭ چەكسىز بەختىدۇر.

 

بۈيۈك بېرتانىيە ھۆكۈمىتى، سەن خىتاي كوممۇنىست فاشىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدىڭ. ئەمدى جىنايەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئادالەتنىڭ سوتىغا تارتىش سېنىڭ مەجۇرىيىتىڭ! مەن سېنىڭ بىر پۇقرارىڭ بولغىنىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن. ساڭا ئەشقاللاھ !

 

ئۇلۇغ تەڭرىم، ئۆتۈكەن تاغلىرىدىن تەكلىماكاننىڭ قۇملىرىغىچە، تاڭرىتاغلىرىدىن پامىر ۋە كۇئېنلۇن تاغلىرىغىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر بىر توپا – تاشلىرىغىچە، روھلىرى كۆمۈلگەن باتۇر ئەجدادلىرىم، ماڭا مەدەت بەرگەيسەن، بوينى ۋاقىتسىز قىسىلغان، قەلبىدە ئۇيغۇرلۇق روھى خىرەلەشكەن ئەۋلادلىرىڭغا مەدەت بەرگەيسەن. سەن كەمىنىنى ئەڭ ئاخىرقى نەپسىگىچە خەلقى بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ باسىدىغان بۇ شەرەپلىك سەپەردىن ھېچ ئايرىمىغايسەن!

 

23- ئاپرېل، 2021- يىلى، لوندوندا قەلەمگە ئېلىندى

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !