ئۇيغۇرلاردا مەدەنىيەت ۋە ئسلام
-
سەھىپە:Aziz Isa Elkun، Elkun maqaliliri، Elkun yazmilliri، Medeniyet، Uyghur dunyasi
باھا:0 دانە
19-04-2021
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
تۈركى خەلقلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېتۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يارىتىشقا مىسلىسىز تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنى روھ بولسا، باي ۋە گۈزەل ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەن بولۇپ، مىڭ يىلدىن بۇيان مۇجەسسەملەنگەن ھالدا بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرلۇقنىڭ جان تومۇرىدۇر. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكنى خۇددى روھنى تىرىك تەندىن ئايرىغىلى بولمىغانغا ئوخشاش ئايرىۋېتىشقا ئۇرۇنۇش، ياكى بىر – بىرلىرىگە قارامۇ – قارشى قويۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس بولغىنىغا ئوخشاشلا، مۇشۇنداق بىر خاھىش ۋە نىيەتلەردە بولۇش، «ئىسلام دىنى» نى ئېتىقادىمىزدىكى ناتوغرا چۈشەنچىلەرنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان بۇ قوۋمنىڭ خاس مىللەت ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە، زۇلۇم ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان بۈگۈنكى مەۋجۇتلۇقىغا خىرىس قىلىش، جاھىللارچە ھۇجۇم قىلىش، نائەھلىلىكنىڭ، نامۇسۇلمانلىقنىڭ ۋە نائىنسانلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئۇيغۇر مىللىتى ئۇچۇن سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇش خۇسۇسىيىتىدىكى بارلىقى ئەمەس ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھايات تومۇرىدۇر. بىر مىللەتنىڭ يېتۈك مىللەت بۇلۇپ، باشقا بىر مىللەت تۈركۈملىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى، ئۆز مىللىي كىملىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئانا تىلى، ئېتىقاد قىلىدىغان دىنى، ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان تۇپرىقى، مىللىي تارىخ ۋە مەدەنىيىتنىڭ بولۇشى زۆرۈر بولغىنىغا ئوخشاش، سەنئتى جۇملىدىن ناخشا – مۇزىكا بىر مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە، كىشىلەرنىڭ مىللىي، ئۆزلۈك تۇيغۇسىنى ئويغىتىشتا ئوخشاشلا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىنساننىڭ بارلىق ئىلىمگە جۈملىدىن سەنئىتىگە شۇ قەدەر ماھىر بولغان، ئەلمىساقتىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىكىدە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى ھەر بىر دەۋر ۋە زامانغا يارىشا ئۆز سەنئىتىنى بېيىتىپ كەلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. مەدەنىيەتتىكى بۇ ئالاھىدىلىكنى ئوخشاشلا مىللەتنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان بارلىق مەدەنىيەت ئۆرنەكلىر بىلەن بىرىكتۇرۇپ ۋە تاكاممۇلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنى باشقا مەدەنىيەتلەردىن پەرقلەندۈرىدىغان خاس مىللىي كىملىك ئوبرازىنى شەكىللەندۇردى.
مەنىۋىيەتتىكى ئېستېتىك گۈزەللىك باشقا گۈزەللىكلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تاجىسىدۇر. ناخشا ئۇ يۇرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان چىن سۆزدۇر. كۇي ئۇ ئىنسان قەلبنىڭ لىرىك ئاھاڭلار ئارقىلىق نامايان قىلغان بايانىدۇر. شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى ئۇيغۇرلار مۇردا ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ئاڭلايدىغان زىرەك قولىقى، سېزەلەيدىغان سەزگۈر يۇركى بار، ئۇيغۇرنىڭ باشقا دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر تائىپەلەرگە ئوخشاشلا كۈلكىسى، قايغۇسى ھەم نەپرىتى بار بىر خەلق. ئۇيغۇر كۇلەلەيدۇ، يىغلىيالايدۇ ۋە غەزەپلىنەلەيدۇ. ئۇيغۇر بۇ ھېسىياتلىرىنى «گاھىدا داپ بىلەن ئۇسۇل، گاھىدا ئاللاھ بىلەن رەسول» دېگەن ماقال – تەمسىللەردە ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار 10 – ئەسىردە ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغاندىن باشلاپ، ئىسلام ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئورۇپ – ئادەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى.
ئۇيغۇرلار قايغۇ ۋە شادلىق ھېسىياتلىرىنى بەزىدە ئىبادەت بىلەن ئاللاھقا سېغىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىسە، بەزىدە مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز بىزگە مىراس قىلىپ قالدۇرغان مۇڭلۇق كۈيلەر، دەۋىر ۋە زاماننىڭ ئىنكاسىنىڭ مۇئەييەن رەۋىشتە ئىجتىمائىي ھاياتتا ئەكىس ئېتىشى بىلەن تەدىرىجىي بېيىپ كېلىۋاتقان ناخشا-مۇزىكىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىگە مەنىۋىي روھ، زوق ۋە جاسارەت تاپىدۇ. بەزىدە ئۇيغۇرغا قاتتىقلىق بىلەن تولغان ھاياتقا، ئۇمۇتسىزلىككە سەنئەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈمىدلىك بىلەن باقىدۇ. ئەمما قانداق شەكىلدە ئىپادىلىنىشىدىن كۆرە مۇزىكا ئارقىلىق ئىپادىلەش باشقا ئىپادىلەشلەردىن تامامەن قېلىشمايدۇ. بىز شۇنى سالماقلىق بىلەن ئويلىشىشىمىز كېرەككى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىر بولغان سەنئەتنىڭ ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت مىللىي روھىيىتىدىكى بۇ نازۇك ۋە سەزگۈر تەرىپىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىقىمىز كېرەك. ھە دىسلا «بىز ئۇيغۇرلار ناخشا -ئۇسۇلغا ماھىر خەلق» دەپ باشقىلار تەرىپىدىن قانداقتۇر بىر مۇددئىانىڭ تۈرتكىسىدە كەيدۇرۇلگەن بۇ قالپاقلانى دەستەك قىلىپ، ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا، ئىجادكارلىق كۇچىنىڭ ئۇرغۇشىغا سوغۇق سۇ سەپمەسلىگىمىز، بۇگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىگىنىڭ مۇھىم تەركىۋلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەممە تەرەپلەرنى قوغدىشىمىز زۆرۈرىيەتتۇر. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مىللي خاسلىقىدىكى ھەر قانداق بىر تەركىپ ئاجىزلاشسا، ياكى ئەسلىگە كەلتۈرگىسىز دەرىجىدە بۇزۇلسا ۋە ياكى بىر – بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ئامىللار كۈچەيسە، مىللىي مەدەنىيەت تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇلۇش كىرزىسىگە ئېلىپ بارىدۇ ۋە بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇچۇن ئۆز ئىچىدە باشقا كۆپلىگەن ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ.
ئادەملەرنىڭ قېنىدىكى تەبىئىي خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بىرى ئۆزىدە قانداق نەرسە كەم بولسا شۇ نەرسىگە ئېرىشىشنىڭ يوللىرىدا كۈرەش قىلىشتۇر. بىز ياشاۋاتقان بۇ يەر شارى قارىماققا ئۆز ھەجمى جەھەتتىن خېلى چوڭ كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئىنسان ئەقىل بۇلىقى – ئىلىم بىلىم ۋە تېخنىكىلىق ئۇقۇم جەھەتتىن كىچىك بىر مەھەللىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. چۈنكى تېگى – تەكتىدىن بىز ئىنسانلارنىڭ ئېيتىدىغان ناخشىمىز بىر ناخشىدۇر، چالىدىغان مۇزىكىمىز بىر ئاھاڭدۇر! ئاقىۋەتتە ئېتىقاد قىلىدىغىنىمىز ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان ئىنساننى ياراتقۇچى پەرۋەردىگارىمىزدۇر. ئادەملەر قەدىمدىن تارتىپ ناخشىنى پەقەت ئىككى مەقسەتتىلا ئېيتىپ كەلگەن – ئۇ بولسىمۇ خۇشاللىق ۋە قايغۇدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋادىلىرىدا ياشاپ، دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۆزگىچە خاس مەدەنىيىتىنى ياراتقان. ئەمما كىيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە دۇنيا ئىقتىساد ئالاقىسىنىڭ قورۇقلۇق يوللىرىدىن دېڭىز يوللىرىغا كۆچىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىدە ياشاپ كەلگەن بۇ خەلق ماكانىنىڭ دېڭىزغا يىراق بۇلىشى سەۋەبلىك دۇنيادىكى باشقا خەلقلەر بىلەن ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىدە يىتىم قالدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىي پرىنسىپىدىن چەتنىگەن سوپى – ئىشانچىلىقلىقنىڭ دىيارىمىزغا سىڭىپ كىرىشى ۋە خەلق ئارىسىدا ئومۇملىشىشى تەركىدۇنياچىلىقتىن ئىبارەت يىڭى پىكىر ئېقىمىنى قوزغىدى. نەتىجىدە جۇغراپىيلىك جەھەتتىن يىتىم قالغان خەلقىمىز روھىي جەھەتتىن بىخۇدلۇق، نادانلىق، جاھىللىق ۋە تەپرىقىچىلىك ئىللەتلەرگە قۇل بولدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا پەن – مەدەنىيەت يىڭىلىقلىرىدىن ئاستا – ئاستا چەتتە قالدى. باشقىلار دۇنيانى بويسۇندۇرۇش غەرزىدە بۇلۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇرلار دۇنيانى تەرك ئىتىش يۇلىغا قەدەم قويدى. قىسقىسى، ئۇيغۇرلار نۇرغۇن نەرسىلىرىنى يوقىتىپ 20- ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىغا ئاران ئۇلاشتى… يۇقىرىقىدەك بىر تۈرلۈك تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار يېقىنقى ئۇچ ئەسىردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدى ۋە شۇۋەجىدىن بۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى دۇنياغا ناھايىتى ئاز تونۇلۇپ كەلدى.
ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن لوندوننى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتى ئاساسىدا يازغان «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» دېگەن كىتابىدا ئېيتقىنىدەك، تەرەققىي قىلغان ئەللەردە قۇرت – قوڭغۇز، بىرەر ياۋا ئوت-چۆپلەر ئۈچۈن 10 نەچچە بەتلەپ قامۇسلىرىدا ئىزاھاتلار بېرىلگەن بولسا ئەمما دۇنيادا «12 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى بار، يەر – زېمىنى غەربىي ياۋروپا بىلەن تەڭ كېلىدىغان، ئۆز تىل – يېزىقى بار، مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىدا، ھەتتا بۇ مىللەت ئىسمىنىڭ ئېنگىلىز يېزىقىدا يېزىلىشىدىمۇ تېخى بىرلىككە كەلمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇر مىللىتى، خىتاي مۇسۇلمانى Chinese muslim, Uyghur, Uighur, Uygur دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ، بۇ مىللەتنى تونۇشتۇرۇشقا يېرىم بەتلىك ئىزاھات ئۈچۈنمۇ ئورۇن بېرىلمىگەنلىكى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان ئاچچىق ھەقىقەت». ھەق سۆز ۋە رېئاللىق ھەمىشە ئاچچىق ۋە رەھىمسىز ئەمما بىز بۇقىسمەتلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ئۈزىمىز ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشىمىز زۆرۈر.
ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تۇنۇلالماسلىقى، تونۇلسىمۇ «دۇنيادا ئەڭ خورلانغان مۇسۇلمان»، «ئىرقىي قىرىنچىلىققا ئۇچۇرغان خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت – ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى» دەپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئازدۇر – كۆپتۇر تونۇلۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭ سەۋەبلىرى تارىخي ئامىللارغا چېتىشلىق ئەلۋەتتە. چەتئەلدە ئۇيغۇر ئوبرازىنىڭ ئاجىز ۋە خۇنۈك بولۇشىدىكى قىسمەت تۈپەيلى «مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس» دېگەندەك، بۇ ھالەت ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بولۇپمۇ ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ مۇھاجىرەتتە ياشىغانلارنىڭ يۈرىكىنى چەتئەل غېرىبچىلىق تۇيغۇللىرىغا مەھكۇم قىلىپ، «تونۇلمىغان مىللەت» كىملىكى كىرزىسىدە ئازابلايدۇ.
ناخشا – مۇزىكا دېمەك بىر مىللەتنىڭ مىللىي روھىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى روشەن گەۋدىلەندۈرىدىغان، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە مىللىي كۈچ – قۇۋۋىتىنى ئويغىتىدىغان، ئۆز زاماندىكى شادلىقى ۋە قايغۇسىنى يارقىن كۇي ۋە مۇڭلۇق ئاۋازلار بىلەن ئىپادە قىلىدىغان بىر سەنئەتتۇر.
بىز ئۇيغۇرلار تارىختىن تارتىپ ئىلىم مەرىپەتكە ھەۋەس قىلىدىغان، ئەقىللىق، باتۇر خەلقمىز. بىز ياۋلارغا باش ئەگمىگەن، جەڭ مەيدانىدا قىلىچ، قالقان تۇتۇپ ئەل-ۋەتەننى قوغداپ، ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىپ دۆلەت باشقۇرغان، ئاسايىشلىق يىللاردا بولسا شۇ قىلىچ تۇتقان قوللارغا قەلەم، دۇتار، ساتارلارنى ئېلىپ تۈرك ۋە دۇنيا ئىلىم، مەدەنىيەت ساھەسىگە ئۆچمەس مىراسلارنى قالدۇرغان خەلقمىز. خەلقىمىز نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان زۆرۈر بولسا ئەلەم، زۆرۈر بولسا قەلەم كۈرەشلىرىنى ئوز يولىدا ئېلىپ بېرىپ، ئۆز-ئۆزىنى سوراپ دۆلەت باشقۇرۇپ كەلگەن خەلقتۇر.
دېمەك، ئۇيغۇرلار ئىنسان ۋە دۇنيانى چۈشەنگەن، ئەقىل-ئىدىراكلىق، تارىخى بار بىر خەلقتۇر. خەلقمىز ئۆتكەنكى ئۈچ ئەسىردىن بۇيان ئەشەددىي دىنىي مەزھەپچىلىك، نادانلىق، سۇپى-ئىشانلىق سەۋەبىدىن ئىچكى ۋە تاشقى زۇلۇم، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى، نامراتلىق، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقسىزلىقلار تۈپەيلى دۆلەتچىلىك ۋە ئىلىم ساھەسىدە قاتتىق ئارقىغا چېكىنىپ، ئومۇمىي يۈزلۈك زاۋاللىققا يۈزلەنگەن دەۋر بولدى. ياۋروپا سانائەت ئىنقىلابى باشلىنىپ يۇقىرى پەللىگە چىققان يىللاردا، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى ئاللىبۇرۇن چۆلدەرەپ قالغان يىپەك يولىدا بۇرۇقتۇرما ھايات پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ئىدى. ھەتتا بەزى كىشىلەر نورمال ئىنساندەك ياشاش ئىمكانىيەتلەردىنمۇ مەھرۇم قالغان ئىدى. گەرچە ئۆتكەنكى ئەسىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر جەددىچىلىك يەنى زامانىۋى مائارىپ ۋە مىللىي ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋجى ئېلىشىغا ئەگىشىپ مىللەتنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىدە دۇنيانى ۋە ئۆز كىملىكىنى چۈشىنىپ ياشاش ھەرىكەتلىرى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر كىملىكى قايتىدىن سۇنئىي سەھنىلىلەشتۇرۇلۇپ “ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر خەلق” دىگە نام-ئاتاققا قالدى. دۇنيا ۋە خىتاي دۆلىتى ئۆتكەنكى 30 نەچچە يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد ۋە پەن تېخنىكىدا تىز تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بۇ ناخشا ئۇسۇلغا ماھىر مىللەت تۈرلۈك – تۈمەن ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كرىزىسلار سەۋەبلىك تەرەققىياتلارنىڭ سۈرئىتىگە يېتەلمىدى- دە مول يەر ئاستى تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە رايۇندا تالايلىغان ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى…
ئارىمىزدىكى “مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش” ئۇسۇلىنى ياخشى ئۆگەنگەن بىر قىسىم ئەدىبلىرىمىز ئۇيغۇر خەلقى ۋە جەمئىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان دەۋرگە ماسلىشالماسلىقنى “ناخشا ئۇسۇلغا ئامراق مىللەت” بولغانلىقىمىزغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ بىر تۈۋرۈكى بولغان ئۇيغۇر سەنئىتىنى گۇناھكار سۈپىتىدە ئەيىبلەشكە باشلىدى. بۇ ھەقتە ئايىغى ئۈزۈلمەي ماقالىلار ۋە ئوبزۇرلار يېزىلىپ خەلقىمىزدە بىر مەھەل پىكىر قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
خوش، ئۇنداقتا ئاشۇ ئوبزورچىلىرىمىز ئېيتىۋاتقاندەك ئۇيغۇر سەنئىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتى راستىنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا پۇتلا –كاشاڭ بولۇۋاتقان ئامىلمۇ؟ ياق، بۇ يەردە ئوچۇق قىلىپ ئېيتىش كېرەككى ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى بەختسىزلىكلىرىنى ناخشا-مۇزىكىدىن كۆرۈش مېنىڭچە ئاقىلانىلىك بولمايدۇ. بۇ يەردىكى ساقلانغان مەسىلە يەنىلا ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان مۇھىتىنى تولۇق چۈشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىققان سۇبيېكتىپ چۈشەنچىدىكى خاتالىق مەسىلىسىدۇر.
بىر مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، سەنئەت، ناخشا-مۇزىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيتى بىر ئەسىردە ياكى بىرقانچە ئەسىر ۋاقىتلار ئىچىدىلا بارلىققا كېلىپ ئومۇمىي خەلق ھاياتىدا قېلىپلاشقان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك جەمئىيەت ۋە ئىرسىيەت قۇرۇلمىسى ئاساسىدا ئۆزى ياشىغان تەبىئەت مۇھىتىدىن ئۆگەنگەن بىلىملىرى بىلەن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ توپلىنىدۇ، بارلىققا كېلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيتى شۇ مىللەتنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىق ھالدا ياشىشىنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر.
بۇ مەدەنىيەتلەر ئىچىدىكى ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىسى تەبىئىيكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرىدۇر. جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە مىللەت ئىلمى بويىچە ئېيتقاندا، ئۆز تىلى ۋە مۇقىم ياشايدىغان زېمىنغا ئىگە خەلقلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەدەنىيتىدىكى ناخشا –مۇزىكا شۇ مىللەتنىڭ كىملىكىگە، مىللىي تەرەققىياتلىرىغا، مائارىپىغا مەنىۋى ئىلھاملاندۇرۇش، روھلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ھېچقاچان سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن ئەمەس. بۇ تۇردىكى مىساللار ناھايىتى كوپ. قىسقىسى ئىنسان ئەقلىي ۋە تەسۋىر ئىجادىيىتىنىڭ بىر جەۋھىرى بولغان ناخشا ئېيتىش، مۇزىكا چېلىش، ئاڭلاش بىر ئادەمنىڭ ياكى بىر ئومۇمىي جەمىيەتنىڭ كىلەچەكىگە ۋە گۈللىنىشىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
غەرب دۇنياسىدىكى ھازىرقى زامان پەن-مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان مىللەت ۋە دۆلەت ئەللىرى ناخشا – مۇزىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت – سەنىتگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ ئەللەردە سەنئەتنىڭ جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى ئىستېمالىدىكى ئورنى يۇقىرى بولىدۇ، سەنئەتكارلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىمۇ قەدىرلىنىدۇ. غەرب ئەللىرىدە ئەڭ ئىقتىدارلىق تالانت ئىگىلىرى سەنئەتكارلاردۇر، دېگەن قاراش ئومۇملاشقان. غەرىپتە يۇقىرى تاپاۋەت قىلىدىغانلارمۇ تونۇلغان ناخشىچى، مۇزىكانت قاتارلىق سەنئەتكارلاردۇر. مەسىلەن: بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارالىق چولپانلاردىن مايكىل جاكسون (Michael Jackson)، خانىش گاگا (Lady Gaga)، مادوننا (Madonna) قاتارلىقلار مىسال كەلتۈرەلەيمىز. ئەرەب دۇنياسىدىن ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەرەب مىللەتچىلىكى ۋە مىللىي ئويغىنىش دەۋرىدە پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان مىسىرلىق ئايال چولپان، ئەرەبلەرنىڭ قەلبىدە ئەڭ يۇقىرى ھۆرمەتكە ئىكەن بولغان كلاسسىك ئەرەب مۇزىكىسىنىڭ پېشۋاچىسى، ناخشىچىسى ئۇمم كۇلتھۇم خانىمنى (Umm Kulthum) مىسال قىلالايمىز.
سەنئەت ئالاھىدە بىر تۇغما ۋە ئىرسىيەت خاراكتېرلىك تالانت تەلەپ قىلىدىغان كەسىپ. بىر ئادەم تۆت كۈن ئۆگەنسە موزدۇز ياكى ئاشپەز بولالايدۇ، ئەمما ئۇ كىشىدە تۇغما ۋە ئىرسىيەتلىك تالانت، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بولمىسا مۇزىكانت ياكى ناخشىچى بولالمايدۇ. گىرېك پەيلاسوپى پلاتو ئېيتقاندەك «سەنئەتنىڭ جان تومۇرى بولغان مۇزىكا ئۇ ئىنسان ئەقىل-پاراسىتىنىڭ ئاشكارا ھالدا ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى نامايەندىسىدۇر.»
غەرب ئالىملىرى نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەجرىبىلەردىن كېيىن مۇزىكا ئادەم مېڭىسىنىڭ تەپەككۇر، خاتىرىلەش ۋە ئىنكاس ئىقتىدارلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ۋە شۇ ۋەجىدىن بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا بىمارلارنى مۇزىكا بىلەن داۋالاش كەسىپلىرىنى يولغا قويدى. دېمەك، سەنئەت ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا تەۋە تەپەككۇرلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. جۈملىدىن ئەگەر سىز مۇزىكىنى چۈشەنسىڭىز، مۇزىكا ئاڭلاشنى بىلسىڭىز، ئۇ تەبىئىيكى سىزنىڭ دۇنيانى تەپەككۇرىڭىزغا باغلاپ چۈشىنىشىڭىزگە ياردەمچى بولالايدۇ.
ئۇنداقتا ئەمدى گەپنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى: ئۇيغۇرلار باشقا تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە مىللەتلەردەك تەرەققىياتقا موھتاج، ئىلىم پەن ئارقىلىق گۈللىنىش، ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىش، ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھۇلىنى مۇستەھكەملەش ھەممىمىزنىڭ بۇ ئەسىردىكى ئالىي ئىنتىلىشىدۇر. ئەمما، بۇ ئىنتىلىش ھەرگىزمۇ ئەدەبىيات – سەنئەتكە سەل قاراش بەدىلىگە ئەمەلگە ئاشماسلىقى كېرەك. شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز زۆرۈركى غەربتىكى تەرەققىي قىلغان ئەللەر ئۆز تەرەققىياتىنى ئىككى چوڭ كۈچ بويىچە ئۆلچەيدۇ، ئۇنىڭ بىر قاتتىق كۈچ (پەن تېخنىكا ئاساسىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق يىرىك سانائەت تەرەققىيات كۈچى)، ئىككىنچىسى يۇمشاق كۈچ (بۇ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي كۈچ). ئەگەردە بىر دۆلەت پەن-تېخنىكا ۋە سانائەتتە پەۋقۇلئاددە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە تەرەققى قىلمىسا، بۇنداق دۆلەت بۇرۇن ياراتقان تەرەققىياتلىرىنى تەدرىجىي ۋەيران قىلىدۇ. بۇنداق دۆلەت ئاخىر مەنىۋىيەت ۋە روھىيەت گادايلىقىغا پېتىپ، زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھە دېسىلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئۇيغۇر مۇقام، ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىگە سەلبىي قاراش شامىلى كۈچەيمەكتە. ئەگەر بۇ شامال بىتەرەپلىك ھالدا داۋاملىق كۈچەيسە، ئەسلىدىنلا ئاساسىي ئاجىز، تەۋرىنىپ تۇرغان ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە ناھايىتى كوپ زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
كۈنىمىزدىكى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن بىلىشىمىزچە، ھازىر تۈرلۈك ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى، تاراتقۇ ۋە مېدىيالاردا، جامائەت ئىجتىمائىي سورۇنلىرىدا بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ «نورۇز بايرىمى ھارام»، “ناخشا-مۇزىكا ھارام” دېگەندەك پەتىۋالارنى بېرىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدىكى ئەڭ مۇھىم تەركىب بولغان سەنئتى، جۇملىدىن ناخشا-مۇزىكىسى ھارام دەپ قارىلىدىغان ۋە سەنئەتكارلارغا ھاقارەت قىلىدىغان نائەخلاقىي قىلمىشلار كۆپەيمەكتە.
ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىسىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي قىممىتىنىڭ مىللىي خۇسۇسىيەت بويىچە جەمئىيەتنى ۋە ياش ئەۋلادلارنى «ئۇيغۇرلۇق» مەدەنىيەت ئۇقۇمى بىلەن تەربىيىلەشتە، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتا،بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىدە توغۇلۇو چوڭ بولغان ياشلارنى ئۆز مەدەنىيىتىنى سۆيۈپ چوڭ بولۇشقا دەۋەت قىلىشتا ئوينايدىغان ئىجابىي رولى ناھايىتى مۇھىمدۇر.
ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىدا، جۇملىدىن سانىمىز ناھايىتى ئاز بولغان، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارقىلىپ ياشاۋاتقان ساناقلىق ئۇيغۇر مۇھاجىرەت توپلۇقلىرىدا، بىز ساندىن كۆپرەك سۈپەتكە، سۈپەت ئارقىلىق نەتىجىگە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈشىمىز، خەلقىمىزنىڭ روھىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەك. كەلگۈسىدە بىز ئۇيغۇرلاردىنمۇ مايكېل جاكسون، مادونا ياكى خانىش گاگا دەك دۇنياۋى چولپانلار چىقارمۇ؟ ياكى بولمىسا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە دۇنياغا تونۇلغان قوشنىمىز ئۆزبېكىستاننىڭ سەۋارا نازىرخان، شېرئەلى جورايېۋ، يۇلدۇز ئوسمانوۋا دەك چولپانلىرى چىقارمۇ؟
دەرۋەقە بىز ئۇيغۇرلار سەنئەتخۇمار، خۇش چاقچاق، تەبىئىتىمىز ئوچۇق، ئاقكۆڭۇل خەلق. «قاغا ئۆز بالىسىنى ئاق دەيدۇ» كى ھەرگىز قارا دېمەيدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار ئۆز سەنئىتىمىزدىن ھەر ۋاقىت پەخىرلىنىشىمىز كېرەككى، ئۇنىڭدىن چانماسلىقىمىز، ئۇنىڭ توغرا يۆلنىشتە دۇنياۋىي تەرەققىياتى ئۇچۇن ئىزدىنىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ پۇتىغا ئۆزىمىز پالتا چېپىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. بىز ئاۋۋال ئۆزىمىزنى مەدەنىيەت، سەنئەت، تىل ۋە دىلداش قوشنىللىرىمىزغا، ئاندىن دۇنياۋى سەنئەت ساھەسىگە سېلىشتۇرساق بىز ئۆزۇمىزنىڭ قانچىلىك ئارقىدا ئىكەنلكىمىزنى بايقايمىز. ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەبىئىي جەلپ قىلىش كۈچى، چەكلىمىسىز ئەركىن ئىجادىيەت يارىتىش ۋە ئورۇنلاش ئىقتىدارلىرى ئاجىز. ئۇيغۇر سەنئىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇقام، ناخشا-مۇزىكىسى ئەنئەنىۋىلىكىنى ساقلىغان ئاساستا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا موھتاجدۇر.
ئۇيغۇر سەنئىتى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان باشقا مىللەت سەنئەتلىرى بىلەن رىقابەتلىشىش ئېڭىدىن مەھرۇم بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشتىن چېكىنىش ياكى ئۆز ئىزىدا توختاپ قېلىشتەك بۇرۇقتۇرما ھالەتلەر سەۋەبلىك خەلقىمىزنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئىستېمالىدا ھە دېسىلا ئۆزبېك، خىتاي، ھىندى، تۈرك، ئەرەب، ياۋروپالىقلارنىڭ سەنئەت ئوسۇلۇبى ۋە مەنبەلىرىدىن كۆچۈرمىكەشلىك قىلىدىغان ئەھۋاللار ئەۋج ئېلىپ كۆزگە كۆرۈنەرلىك شالغۇت ئۇيغۇر ناخشا –مۇزىكا سەنئىتىمۇ پەيدا بولغىلى خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى. مۇنداق بولۇشى تەبىئىيكى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ خەلقىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقىدىن بولغان دەپ قارىساق خاتالاشمايمىز. سەنئەتكارلىرىمىز بۇندىن كېيىن ئىمكان بار خەلقئارا سەھنىلەرگە چىقىش پۇرسەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئۆز ئەنئەنىسىسىنى ساقلىغان ھالدا دەۋىرگە ماسلىشىپ تەرەققىي كۈچىنى ئاشۇرشىمىز زۆرۇر. ئۇيغۇرلار ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىدە دائىم ئىمپورت قىلغۇچىلىقتەك پاسسىپ ئىستىمالچىلىق ئورنىدىن چىقارغۇچى- ئاكتىپ ئېكسپورت قىلغۇچىلىق ئورۇنغا ئۆتۈشى كېرەك. ئەگەر شۇنداق بىر مۇۋەپپەقىيەت سەنئىتىمىزدە شەكىللەنسە ئۇيغۇرلار ھېچ بولمىسا دەسلەپكى قەدەمدە بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچى بارلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مەدەنىي دۇنياغا مەدەنىي شەكىلدە بىلدۈرەلىگەن بولىدۇ.
ئىسلامىيەت نوقتىدىن ئېيتقاندا ياراتقۇچى ئاللاھ بۇ دۇنياغا ھەممە ئىنسانلارنى بىر – بىرلىرىدىن ئايرىم قىلىپ رەڭگى، تىلى، ياشايدىغان زېمىنىنى ۋە مەدەنىيىتىنى پەرىلىق قىلىپ ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى يارىتىش پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغىنىمىزدا پەرقلىق قوۋم- مىللەتنىڭ ئىسلام دىنىي قائىدىلىرىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت – سەنئەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئاللاھنىڭ بەندىلەرنى يارىتىش ئەقىدىلىرىگە مۇخالىپ بىر ئىش ئەمەستۇر. «ۋەتەننى سۆيۈش ئىسلامنىڭ جۇملىسىدىندۇر”، دېمەك ۋەتەننى سۆيۈش ئىسلامنىڭ جۈملىسىدىن بولسا، شۇ ۋەتەنگە ئىگىدارلىق قىلىش بىر خاس قوۋم – مىللەت تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، ئۆز نۆۋىتىدە مىللەتنى مىللەت قىلىپ شەكىللەندۈرىدىغان ئامىل ئۆز تىل – يېزىقى، مەدەنىيىتى ۋە ياشايدىغان تەۋەلىك تۇپرىغىدۇر. ئۇيغۇر سەنئىتى – مەدەنىيەت كاتېگورىيىسى ئىچىدە تەبىئىيكى مىللىتىمىزنىڭ مىللەت بولۇپ تۇرۇشى ۋە راۋاجلىنىشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبتۇر.
قىسقىسى بۇ يەردە ئىسلامىي ئەقىدە، ۋە مىللىي خاسلىقتىكى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ھىچ بىر بىر – بىرسىنى رەت قىلىدىغان ئاساس يوق. ئىسلام دۇنياسىدا ناخشا- مۇزىكا سەنئىتى بىلەن مىللەت، ھاكىمىيەت ۋە دىننىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا توغرا بىرتەرەپ قىلىنىپ بولغان بولۇپ بۇنىڭ مىساللىرى سۈپىتىدە ئىسلام دۇنياسىدا باش كۆتۈرگەن مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىش بىلەن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان ئەرەب دۆلىتى – مىسىر پادىشاھى فەئۇدنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە 1932 – يىلى 3- ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 4 – ئاينىڭ 3 – كۈنىگىچە قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «قاھىرە ئەرەب مۇزىكا قۇرۇلتىيى» ۋە بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشى ئارقىلىق ئەرەب دۇنياسىدا ئىسلامدا ناخشا – مۇزىكا ۋە سەنئىتىنى چەكلەيدىغان خاھىشلارغا تۇنجى قېتىم خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئىسلام بايرىقى بىلەن ئۆز تېررىتورىيىسىنى 3 قىتئەگە كېڭەيتىپ 500 يىل ھۆكۇمىرانلىق قىلغان دۇنيا تۈركى دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىردىن- بىر چوڭ دۆلەت ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتا تۈركنىڭ 1920 – يىللىرىدىن باشلاپ تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئۆز ئەسلىگە – تۈرك مىللەت كىملىكىگە قايتىش ۋە تۈركىيە تۈرك دۆلىتىنى قايتا قۇرۇش ھەرىكىتىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋابلار تاپالايمىز دەپ ئويلايمەن.
ئارىمىزدىكى بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھە دىسلا چېكىدىن ئاشقان ئىسلامچىلىق خاھىشى بىلەن ئۇيغۇر سەنئىتى، ناخشا – مۇزىكىسىنى قانداقتۇر ئاتالمىش ئىسلامچىلىق رامكىسى ئىچىدە»پەتىۋالار» بىلەن بوغۇشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت سۈپتىدە ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كۆڭۈل بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي بىر مىللەت گەۋدىسىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ مىللي مەنپەئەتىگە يارىشا ساغلام راۋاجلىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، دەستەك بولۇش ۋە قوغداش بىز تەۋە بولغان بارلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ بۇرچىدۇر.
ئۇيغۇر مەدەنىيەت – سەنئىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئورنى ۋە ئۇنىڭ كەڭ مىللەت ئەزالىرىنى مىللي ئاڭ بويىچە تەربىيىلەشتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى مۇھىم. ئۇيغۇر كۇيلىرىگە، ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىسىنىڭ ئۇيغۇر ھاياتىدىكى ئىستىمال ئورنىغا قارىساق، ئۇيغۇر ھاياتىنى ئۇيغۇرنىڭ مۇزىكا سەنىئتىسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز چۈنكى ئۇيغۇر مۇزىكا – سەنئىتى ئۇيغۇر بولۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر سۈپىتىگە ئايلىنىپ بولغانلىغىدۇر.
بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەندىكى خەلقىمىز «ئۇيغۇر بولۇش» نىڭ بەدىلىنى ئىسسىق قان بىلەن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۆتىمەكتە. پۈتۈن بىر مىللەت سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراپ، يوقۇلۇش گىردابىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتى ئۇچۇن ئۇيغۇر كىملىكىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سۆيۈش ۋە بۇ تەۋەرۈك مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مىللىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىدۇر.
شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۇچۇر دەۋرىدە، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى تېزلىمەكتە، شۇڭا ئۇيغۇرلار ئىمكان بار دۇنيا بىلەن بىرگە گەۋدىلىشىشكە يۈزلىنىش پۇرسىتىنى مەھكەم تۇتىشى، ئەڭ ئاددىيسى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى جاھانغا بىلدۈرۈپ تۇرۇشى ھەر تەرەپلەردىن زۆرۈرىيەتتۇر. بولۇپمۇ دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرۇشتە سەنئەتنى ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر سەنئىتى جۈملىدىن ناخشا-مۇزىكىسى دۇنيا سەھنىسىگە چىقسا خەلقىمىزگە مەنىۋى شۆھرەت، ئىشەنچ، ئىززەت، ئۆزلۈك ۋە مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ئېلىپ كەلسە كېلىدۇكى، ھەرگىز زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك دۇنيا ئەھلىنىڭ ئۆزنى توغرا چۈشىنىشىگە موھتاج.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇنيادىكى يىتۈك سېھرى كۈچكە ئىگە باي مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى. بۇ مەدەنىيەت بىزنى چىڭگىزخان ئىمپېرىيىسىدىن قانداق ساقلاپ قالغان بولسا، كەلگۇسىدىمۇ، ئەگەر بىز بۇ گۈزەل مەدەنىيىتىمىزنى قەدىرلەشنى، سۆيۈشنى، ئۇنىڭغا توغرا ۋارىسلىق قىلىشنى بىلسەك، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى بۇ تەۋەرۈك مەدەنىيىتىمىز بىز ئۇيغۇرلارنى ھازىرقى خىتاي بالاسىدىنمۇ ساقلاپ قالالايدۇ. چۈنكى ئىنسان تارىخى بىزگە شۇنى دەلىللىدىكى دۇنياۋىي شۆھرەت قازانغان ئالەمشۇمۇل ئىمپېرىيەلەرمۇ ئەسىرلەردىن كېيىن گۇمران بولۇپ تارىخ سەھنىسىدىن غايىب بولغان ئەمما كۈچلۈك مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتلەر بولسا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئۆزنىڭ مەدەنىيىتىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق ساقلاپ قالالىغان.
مەنبە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى.
2021- يىلى 19- ئاپرېل.
ماقالىنىڭ PDF نۇسخۇسى:
www.azizisa.org/Uyghurlarda_medeniyet_we_Islam.pdf