«جاۋابسىز قالغان تېلېفون» فىلىمى تور ئارقىلىق قويۇلىدۇ
-
سەھىپە:Aziz Isa Elkun، Elkun yazmilliri، Media، Uyghur dunyasi
باھا:0 دانە
08-11-2020
كېلىۋاتقان مۇبارەك «12- نويابىر مۇبارەك جۇمھۇرىيەت بايرىمى» نى تەبرىكلەش ۋە ۋەتىنىمىزدە يۈزبىرىۋاتقان تراگېدىيە سەۋەبلىك يۈرەكلىرى پارە بولۇپ دۇنيانىڭ ھەر ئىقلىمدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرى توپلاملىرىغا خىتاينىڭ ئىسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تىزپۈكمەس ئىرادە ۋە جاسارەت روھىنى تەقدىم قىلىش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلىچىكىگە، ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى قاباھەتلىك تەقدىر – قىسمەتلىرى روشەن يورۇتۇپ بېرىلگەن «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تۈجى قېتىم ئاممىۋى شەكىلدە 2020- يىلى 12-نويابىر كۈنى لوندون گىرنىۋىچ ۋاقتى 17:15 دە يۇتۇب قانىلى ئالاھىدە مۇلازىمىتى ئارقىلىق قويۇلىدۇ.
فىلىمنى كۆرۈش ئادرېسى: https://youtu.be/vxmLTGlRZp4
فىلىم ئىشلىگۈچى: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
فىلىم تىلى: ئۇيغۇر ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا
فىلىمنىڭ قويۇلۇش ۋاقىت ئۇزۇنلىقى: 20 مىنۇت.
مەزكۇر «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق بەدئىي ھۆججەتلىك فىلىم ئاۋازسىز قالغان خەلقىمىزنىڭ نىداسى بولغان، ئىشغالىيەتچى خىتاي ئىستىبدات ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تارتىۋاتقان ئىنسانلىققا يات دەرد – ئەلەملىرى، جۈملىدىن ئاۋازى بوغۇلغان سان – ساناقسىز بىگۇناھ ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ چەككەن ئاھۇ – پىغانلىرى ئىنسانلىق مەۋقەسىدىن بايان قىلىنغان. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ئۇيغۇر ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمنى غەرب ئەللىرى خەلقلىرىگە كۆرسىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋىژدانىنى، ئادىمىيلىك يۈرەك تارلىرىنى ئىنسانلىقنىڭ تارازىغا سېلىشقا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيادىن ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتقان كۈرىشى ئۇچۇن ھېسداشلىقىنى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.
مەزكۇر فىلمنىڭ ۋەقەلىكى، لوندوندا 20 يىلدىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن مەجبۇرى سۈرگۈنگە پالانغاندىن كېيىنكى بېشىدىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، غەرب خەلقلىرىنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى ئېكران سەنئىتىدە بەدئىي ئۇسۇل بىلەن روشەن سېلىشتۇرۇلۇپ، ئىنسانلىق مېھىر – مۇھەببىتىگە زار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك نىداسى جاكارلانغان راست ۋەقەلىكلەر ئاساسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمدۇر. بۇ فىلىمدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىلىرىنى پۈتۈنلەي ئۇزىۋېتىشنى ئارقا كۆرۈنۈشلۈك ۋاقىئە قىلىش ئارقىلىق مىليۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولىنىشى قاتارلىق شەپقەتسىزلىك بىلەن ئىجىرا قىلىنىۋاتقان خىتاينىڭ ئىنسانلىققا قارشى فاشىست جىنايەتلىرىنى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار چېكىۋاتقان تۇرلۇك روھىي بېسىم، ھىجران ئازابلىرى بۈگۈنكى ئۇيغۇر تراگېدىيىسىگە بىرلەشتۇرۇلگەن ھالدا جانلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.
2016- يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق خەلقئارالىق تېلېفونلارنى قوبۇل قىلىشىنى چەكلەيدۇ. خىتاي بۇ سىياسەتلىرىنى «دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» دەپ شەرھىلەيدۇ. دىكتاتور شىجىنپىڭ 2017- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ چىگرالىرىدا «تۆمۈر سېپىل» قۇرۇشنى چاقىرىق قىلىدۇ ۋە شۇ يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ جازا لاگېرلارنى قۇرۇپ چىقىپ، مىليۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قامايدۇ.
فىلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەنكى يېرىم ئەسىرلىك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كەچمىشلىرى فىلىمنىڭ باش رولىنى ئالغان ئانىنىڭ ھايات ھېكايىسى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋەتىنى شەرقىي تۇركىستان 1949- يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئانىنىڭ تارتقان تۇرلۇك تۈمەن زۇلۇم – ستەملىرگە تولغان كۈلپەتلىك قىسمەتلىرى ئوبرازلىق ئەسلىمە سۈپىتىدە بايان قىلىندۇ.
فىلىمدە ئىككىنچى بىر باش رولىنى ئالغان، ئانىنىڭ يالغۇز ئوغلى بولغان لوندوندا ياشايدىغان ئاتىنىڭ لوندوندا توغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىككى قىزى مەكتەپتە «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن بۇ دۆلەتنى، قىسقىسى ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دۆلەت كىملىكىنى ساۋاقداشلىرى ۋە ئۇستازلىرىغا چۇشەندۇرۇشتە يولۇققان ئەنسىرەشلىرى بايان قىلىنىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ دۆلەتنىڭ ھىچ بىر زامان شۇ ۋەتەننىڭ پەرزەنتلىرى تەرپىدىن ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئەشۇ ۋەتەننى قۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھازىر ئىكەنلىكىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەكتە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا بولغان ئۈمۈدى، جاسارىتى ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرى ئوبرازلىق ئىپادىلىنىدۇ.
قىسقىسى، بۇ فىلىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۇۋاتقان ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلىرىنىڭ پەقەت دېڭىزدىكى بىر تامچىسىدىن ئىبارەت بىر كۆرۈنىشىنى تەسۋىرلەپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ۋە ئىنسانلىقنىڭ بارلىق قانۇنىغا خىلاپ بولغان غەيرى ئىنسانىي قىلمىشلىرىنى ئەيىپلەيدۇ. جۈملىدىن، بىر ھاكىمىيەت تەرپىدىن ئىجىرا قىلىنىۋاتقان بۇ جىنايەتلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان روھىي ئازابلىرنى ئەنگىلىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم يېزىسىدا ياشايدىغان ياشانغان ئانىسى بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىش جەريانلىرى ئارقىلىق بۈگۈنكى جىددىي ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆرۈرمەنلەرگە بىلدۇرىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۇۋاتقان چەتئەللەر بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىلىرىنى چەكلەش قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ياشانغاندا باققۇچىسى يوق، يېڭىدىن مۇسىبەتلىك بولغان يالغۇز ئانىنىڭ نىدالىق پەريادى جانلىق رەۋىشتە ئاڭلىتىلىپ، ساقچىلارنىڭ تەھدىتى بىلەن لوندوندىكى ئوغلىدىن كەلگەن تېلېفوننى جاۋابسىز قالدۇرۇشقا مەجبۇر قىلىنغان ئانىنىڭ ئازابلىرى، كۆزلىرىدىن ئاققان ئىسسىق ياشلىرى ئارقىلىق پۇتۈن دۇنيانى ئۇيغۇرلارغا ئىنسانلىق مېھرى – مۇھەببىتى كۆرسىتىشكە چاقىرىدۇ ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى مىليۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ياردەم ە قىلىشقا مۇراجەت قىلىنىدۇ.
مەزكۇر فىلىمنىڭ سىنارىيەسىنى ئەنگىلىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن راست بولغان ۋەقەلىك ئاساسىدا يېزىپ چىققان ۋە فىلىمنى ئۆزى ئىشلىگەن بولۇپ، مەزكۇر فىلىمدە ئۇ ئۆزى باش رولنى ئالىدۇ ۋە فىلىم ئاخىرىدا پۇتۈن دۇنياغا تۆۋەندىكىدەك بايانات بېرىدۇ:
«مەن 2016-يىلى نويابىردا ئاتامنىڭ سەكراتتا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم، شۇنىڭ بىلەن لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخنىسىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ۋىزىسى بىرىشنى تەلەپ قىلدىم، بىراق مېنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىم رەت قىلىندى. مەن بۇ راست بولغان ھېكايىنى 2017-يىلى 4-ئاۋغۇست يېزىپ، ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 11- ئاينىڭ 3- كۈنى دوستلىرىم ئارقىلىق قەدىردان ئاتامنىڭ ۋاپات بولغانلىغىدىن خەۋەر تاپتىم. مەن بۇ كىچىكىنە ئائىلىنىڭ يالغۇر پەرزەنتى بولغىنىم ئۈچۈن، بۇ كۈتۈلمىگەن مۇسىبەت ماڭا تاشتىن قاتتىق كەلدى… شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنگىچە ياشىنىپ قالغان، يېنىدا ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوق يالغۇز ئاپامنىڭ ھايات ياكى تىرىك ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم… 2018-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ئالدىدىن پەرەز قىلىش مۇشكۈل بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. خەۋەرلەردىن ئاشكارا بولدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرپىدىن ئېچىلغان يېڭىچە تۇرمە – ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىغا قامالدى. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئالاقىلىرى ئۈزۈۋېتىلدى. «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىدىكى ناچار شارائىت، قىيناش ۋە روھى ئازابلار سەۋەبدىن نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئىنسانلار ئۆلۈپ كەتتى… چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ لاگىرلارغا بېرىپ ھەقىقى ئەھۋاللارنى ئىگىلىشى چەكلەندى. ئەپسۇس، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارتا ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ جىنايەتلەرگە دۇنيا سۈكۈتتە تۇردى. بۈگۈن ئۇيغۇرلار ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندا ھەر دەقىقىدە ئىنسانلىق مۇھەببىتىگە ئىنتىلىۋاتقان مىليۇنلىغان جانلارنىڭ كۆزىدىن ياش قان بولۇپ ئاقماقتا… ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيادىن ئىنسانلىق تەلەپ قىلىدۇ …. »
فىلىم 2019-يىلىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى فىلىم فېۋستىۋاللىرىدا ۋە كىنوخانىلاردا قويۇلغان.
قوشۇمچە:
«جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ئېرىشكەن شەرەپلەر
مەزكۈر فىلىم 2018-يىلى يازا لوندون ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا فىلىمگە ئېلىنىپ ئىشلىگەن، زۇلىمەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق تراگېدىيىلىك قىسمىتى روشەن يورۇتۇلغان «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق بەدئىي ھۆججەتلىك فىلىم بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر تۆۋەندىكى خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋاللىرىغا تاللاندى ۋە قويۇلدى:
. ئاۋىسترالىيىنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە 2019 -يىلى7- سېتەبىردىن 14- سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «مۇسۇلمانلار فىلىم فېستىۋالى» (Melbourne «Muslim Film Festival 2019» ) دا رەسمىي قويۇلدى.
. ئىتالىيەنىڭ روم شەھىرىدە 2019-يىلى 28- دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان «2019- يىللىق دۇنيا قىسقا ھۆججەتلىك فىلىم» (X World Film Festival 2019 Rome) فېستىۋالىغا شەرەپ بىلەن تاللاندى. مەزكۇر فىلىم 2019-يىلى 28-29- دېكابىر كۈنلىرى Teatro degli Eroi di Roma تېياتېرىدا قويۇلدى.
. ئامېركىنىڭ ئورېگون شىتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئورېگون 2019-يىللىق قىش پەسىللىك ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى» غا دۇنيا بويىچە 51 فىلىم قاتارىدا تاللىنىپ، 3-ئورۇنغا تىزىلدى. فىلىم 9-دېكابىر كۈنى پورتلاند شەھرىدىكى Avalon Theatre تېياتېرىدا قويۇلدى.
ئۇشبۇ فىلىم بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ۋوشىڭتون، لوندون، سېدنېي، مېيۇنخېن، ئۇترىخ، بېشكېك، ئالمۇتا قاتارلىق شەھەرلەردە مەخسۇس قويۇلدى.
فىلىمنىڭ ئۆرنەك كۆرۈنىشى: https://youtu.be/6zBTbL3QAQ4
«جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق بۇ فىلىم ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن يازغان شۇ ناملىق راست ئىشلار خاتىرسىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن. مەزكۈر فىلىمنىڭ ھېكايىسى 34 خىل دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئۇيغۇرچىسى:
www.azizisa.org/jawapsiz_qalghan_telefon
ئېنگىلىزچىسى:
www.azizisa.org/en/an-unanswered-telephone-call
فىلىم ئىشلىگۇچىدىن يۈرەك سۆز:
شۇنى سەمىمىيەت ۋە مەمنۇنىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە ئېيتالايمىزنكى، بىر شەخىسنىڭ تېنىمسىز مېھنىتى بەدىلىگە يارىتىلغان ئۇشبۇ مۇۋاپىقيەتلەر ئەڭ ئاۋۋال سۆيۈملۈك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىززىتى ۋە شەرپىدۇر. مەن، كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۇ دەقىقىلەردە قەلبىمدىكى قايغۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن بۇ خوش – خەۋەرنى ئىپتىخارلىنىپ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىم بىلەن ئوتاقلاشماقتىمەن. ئەزىز خەلقىمنى بۇ ئۇتۇقلار بىلەن چىن يۈرىكىمدىن تەبرىكلەيمەن! ئەلۋەتتە، مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىگە ھەر تەرەپلەردىن ياردەمدە بولغان دوستلىرىمغا، ۋەتەنداشلىرىمغا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
مەنبە:
https://filmfreeway.com/AzizIsaElkun
http://www.azizisa.org/jawapsiz_qalghan_telefon