ئىنسانلىق ئۇيغۇرغا ئۆگەي بولسا مەيلىمۇ؟

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى ئاڭلاش: Insanliq_Uyghurgha_Ogey.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

زارىم بىلەن ياشىم قان بولۇپ ئاقسا مەيلىمۇ،
قەدرىمنى ئەبگار مەلئۇن يەكسەن قىلسا مەيلىمۇ،
قەيەردە ئېيتىڭچۇ بىز كۈتكەن ئىنسانلىق بۈگۈن،
ئەھلى جاھان بىزنى كۆرۈپ جىم ياتسا مەيلىمۇ؟!

 

ئۇيغۇر جازا لاگېردا ئۆلۇپ كەتسە مەيلىمۇ،
بىر تۇققۇنۇم ئۆزبېگىم بىلمەي يۈرسە مەيلىمۇ،
قازاق-قىرغىز دۆلىتى ھالى نېچۈن پەرۋاسىز،
پايدىغا تۈركىيەم سۈكۈتتە تۇرسا مەيلىمۇ؟

 

ھەر جاننى فاشىستلار قىيناپ خۇن قىلسا مەيلىمۇ،
ئىپپىتى قىزلىرىمىز زەبۇن بولسا مەيلىمۇ،
نارسىدە بالىلار كوچىدا ئانىسىز يىتىم،
بۇ ئىنسانلىق ئۇيغۇرغا ئۆگەي بولسا مەيلىمۇ؟

 

ئۇيغۇر خورلۇقتىن بۈگۈن پەرياد چەكسە مەيلىمۇ،
قىز-يىگىت زىنداندا چىرىپ يوق بولسا مەيلىمۇ،
بۇ دەمدە قەدىرسىز جانلار ئەجەل كۈتۈپ تۇرسا،
مىليۇن ئۇيغۇر تۈرمىدە تامان ئۆلسە مەيلىمۇ؟!

 

سەكپارە بۇ كۆڭۇل، پىغانىم پەيخان، مەيلىمۇ،
يېگىنىم زەھەر، تىرىك مەجروھ بولسام مەيلىمۇ،
نە ئامال، نە پۇشمان ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىم،
ئەركىڭ ئۈچۈن خەلقىم، جانىمدىن كەچسەم مەيلىمۇ؟!

 

باغرىڭ كەڭ ئەي دۇنيا، ماڭا تار بولساڭ مەيلىمۇ،
دەيتىم سېنى گۈزەل، ھۆسنى سەت بولساڭ مەيلىمۇ،
مېھرىڭ چوڭقۇر دېڭىز ئىدى ئالەمدە ئۇيغۇرۇم،
كېلىپ قالسا نۆۋەت ساڭا، جىم تۇرسام مەيلىمۇ؟!

 

سۆيگىگە يۈرىكىم چاڭقىپ چاك بولسا مەيلىمۇ،
تەڭرىگە زارىم بىر ئاڭلىنىپ قالسا مەيلىمۇ،
رەزىللەر نەشتىرىگە ئەسلا تىز پۈكمە ئەلكۈن،
ھىممىتىڭدىن چۆلدە مۇھەببەت ئۆسسە مەيلىمۇ؟!

 

ئېھ دۇنيا، سەندىن مېھرى- مۇھەببەت كۈتەر ئۇيغۇر،
ئېھ تۈركۈم، سەندىن قان قېرىنداشلىق كۈتەر ئۇيغۇر،
ئېھ مۇسۇلمان، سەندىن بىر ئىماننى كۈتەر ئۇيغۇر،
قىرغىن بولۇپ دۇنيادىن ئۇيغۇر يۈتسە مەيلىمۇ؟!

 

2018-يىلى 9-سېنتەبىر، لوندوندا يېزىلدى.

 



باھا يېزىش چەكلەندى!