“چالا تەرجىمان” نىڭ مەقسىتى ئادەم ئۆلتۇرۇشمۇ؟

 

(“ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” تور بېتىدە بېرىلگەن باياناتىنىڭ ئەكرەم ئىسىملىك بىر چالا تەرجىمان تەرىپىدىن قەستەنلىك بىلەن خاتا تەرجىمە قىلغانلىقى ھەققىدە)

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان رامىزان ئېيىنىڭ خاسىيىتىگىمۇ پەرۋا قىلماي، ئۇيغۇر سۈرگۈن توپلۇقلىرى ئارىسىدا پىتنە-پاساتلار ئەڭ يوقىرى پەللىگە يەتتى ۋە بۇ پەللە داۋاملىق يوقىرى سەۋىيەلەر بىلەن كۈندىن- كۈنگە ئۆرلەۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ھەممە كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان، دىنىي ئەپكارىمىز ۋە كىشىلىك ئەخلاقىمىزغا زىت بولغان تېتىقسىز مۇنازىرىلەر نېمە ئۇچۇن بۇ ئاي – بۇ كۈنلەردە يۈزبېرىدۇ؟ يەنە كېلىپ بولۇنغان مۇنازىرىلەر شۇ قەدەر خۈنىكلەشكەن ۋە خۇمسىلاشقان بولۇپ، ئادەمىي ئەخلاقىنىڭ ئەڭ رەزىللىك سەۋىيىسىگە يەتكەن ۋەياكى ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىغان ئىدىكى، ھازىرغا قەدەر بىر قانچە تور “ماڭقۇرتلىرى” يۈزبېتىك (Face book) قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەمىنە بىلەن بىللە 71 ياشقا كىرگەن، ئۆمۈر بويى ئۇيغۇر ئۇچۇن، ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلىكى ئۇچۇن خىزمەت قىلغان بوۋىمىز يوللۇق سەپدىشىم ئەنۋەرجان ئاكىنىڭ رەسىملىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئىشلەپ، ئۆلۇم تەھدىتلىرى سېلىپ ئۇچۇر يوللىغان ۋە ئۇ كىرىشتۈرۈلگەن رەسىمنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەرەپسىزلەرچە تارقىتىپ، سازايى قىلىشقا ئۈلگۈرۇشكەن ئىدى.

 

خوش، ئۇنداقتا ئاتىسى قويغان ئىسمىنىمۇ ئوچۇق -ئاشكارە ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئىسمى يوق، تام ئارقىسىغا مۆكۈنۈپ تۇرۇپ، ھاقارەت قىلىدىغان ئۇيغۇر تىللىق «ماڭقۇرتلار» نىڭ بۇ قەدەر ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىمىزغا زادى قانداق ئىش سەۋەب بولدى؟

 

ئەپسۇسلىنارلىق ئىش- بۇ يەردە ھىچ كىمنىڭ گۇناھى يوقتۇر. ئەگەر بار دېيىلسە، ئۇ كىشى ئۇيغۇرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايمەن دەپ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرپىدىن ناھەق “گۇناھكار” قىلىنغان، خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىسىدە ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانى ئىلھام توختى ئەپەندىدۇر! بۇ كۆڭۈلسىز ماجىرالارغا تۈتۈن بولغان ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى قىسقا قىلىپ چۈشەندۈرسەك، «ئىلھام توختى ھەرىكىتى» گۇرۇپپىسى 2016- يىلى قۇرۇلغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان بىر بايانات تۆت يىلىدىن بۇيان توردا تۇرغان بولسىمۇ ھېچكىمنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى چەكمەي، ھازىرقى ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇپ، 2020-يىلى 27-ئاپرىل شۇ تۆت يىل تۇرغان بايانات ئەنۋەر ئاكا تەرپىدىن كۆچۈرۈپ چاپلانغانلىقتىن كېلىپ چىققان بىر خاتالىق ئىدى

 

ئەمما «چالا تەرجىمان» ئۇ باياناتىنى تۆت يىلدىن بۇيان كۆرمەي، بۈگۈنكى كۈنلەردە كۆرۈپ قېلىپ، ۋە بۇنى پىتنە پاسات تېرىيدىغان ئالتۇندىنمۇ قىممەت بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ، دەرھال ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋەتكەن، تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى شۇكى، ئۇ تەرجىمىنى توردىكى تەييار Google تەرجىمە پروگراممىسى ئارقىلىق تەرجىمە قىلىپ، ئۇنىڭدا ئاپتوماتىك ھالدا ئېنگىلىزچە «چاينا – China» دېگەن ئاتالغۇ “جۇڭگو” دەپ تەرجىمە قىلىنىغان بولغاچقا، ئۇ – بۇ ئاتالغۇنى “خىتاي” دەپ ئۆزگەرتىپ يېزىشتىمۇ قورقۇپ،“چاينادىكى ئۇيغۇر” دەپ ئالغان. دېمەك شۇ چالا تەرجىماننىڭ تەرجىمىدىكى خۇپىسەنلىكى، قۇتراتقۇ ۋە پىتنىخور ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ.

 

مەزكۇر “چالا تەرجىمان” نىڭ “ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” نىڭ باياناتنامىسىنى تەرجىمە قىلغاندا “چالا تەرجىمان” بولۇۋېلىپ “ئادەم ئۆلتۈرۇش” تەك نېيتىنى، ساختىكارلىق بىلەن قانداق سۆز ئويۇنى ئوينىغانلىقىنى ۋە ئاقىۋەتتە خەلقىمىز ئىچىدە قانداق پىتنە – پاساتلارنى تېرىشىغا سەۋەبچى بولغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:

 

“ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” تور بېتىگە بېرىلگەن باياناتتىكى ئۇ بىر ئابزاس جۇملىنىڭ ئېنگلىزچىسى:

«The Ilham Tohti Initiative has the goal to promote Prof. Ilham Tohti’s ideas and help to put them into reality.These are: friendship and harmony between all peoples living in PRC, including the Uyghur and the Han.»

 

مەن ئۇنى ئەينەن، خەتمۇ خەت سىلەرگە تەرجمە قىلىپ بېرەي:

 

«ئىلھام توختى ھەرىكىتىنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتى – پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش، بۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ يەنى، ئۇيغۇر ۋە خەن مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەر بىلەن ئىناق ۋە دوستانە ئۆتۈش.»

ئەمما “چالا تەرجىمان” تەرجىمە كەسپىي ئەخلاقنى ئەسلا ھۆرمەت قىلماي، پىتنىگە ياتىدىغان نادۇرۇسلۇق ۋە نامەردلىك بىلەن ئېنگلىزچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇر خەلقىنى ئالداش ۋە پىتنە -پاسات تېرىپ، زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتىدە، ئىلھام توختىنىڭ ئېيتقان سۆزىنى ئېنگلىزچىدىن بۇرمىلاپ تۆۋەندىكىدەك تەرجىمە قىلغان :

 

«ئىلھام توختى ئىنىستىتۇتىنىڭ يەتمەكچى بولغان مەنزىلى ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيەسىنى تارقىتىش ۋە ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش بولۇپ، تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: چاينادا ياشاۋاتقان، ئۇيغۇر ۋە خەن مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرنىڭ دوستلۇق ۋە ئىناقلىق ئىچىدە بىللە ياشىشى؛»

دېمەك، گەرچە بۇ سۆزلەر ھازىر خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭدا تۇرۇپ قىلغان سۆزى بولۇپ، ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى پۈتۈن ياۋروپا ۋە دۇنيادىكى دېموكراتىك ئەللەر بىلەن بىرلىكتە ئىلھام توختىنى گۇناھسىز، خىتاينىڭ بىگۇناھ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر زىيالىسى دەپ قاراپ، ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن ھەركەت قىلىۋاتسا، خەلقىمىز ئىچىدىكى مۇشۇنداق “چالا تەرجىمان” نىڭ تەرجىمىسى سەۋەپلىك، ئاق -قارىنى پەرق ئېتەلمىگەن كىشىلەر ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى ۋە نىڭ پىداكار خالىس خىزمەتكارلىرىنى ئەيىبلەش ۋە ھاقارەتلەشلەر بىلەن مەشغۇل بولماقتا.

 

گەرچە بۇ “چالا تەرجىمان” نىڭ بۇ قېتىم قىلغان كاتتا تەرجىمىسى قارىماققا ئېنگلىزچە بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا مەلۇمات بېرىۋاتقاندەك بىر قىياپەتتە كۆرۈنىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تەرجىمە قىلىشتىتىكى مەقسەت مۇدىئاسىغا پىتەنە خورلۇق ۋە زەھەرخەندىلىكتىن ئىبارەت مەرەزلىك يوشۇرۇلغانلىقى بىر ئېنىق پاكىت ئىدى.

بۇ ۋاقىئە، نۇرغۇنلىغان ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردى. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا سەۋەبچى بولغىنى – دەل “چالا تەرجىمان” نىڭ تەرجىمانلىقىدىكى «ئادەم ئۆلتۈرۇش» نى قەستلىگەن سۇيىقەست ۋە زەھەرخەندىلىكى يوشۇرۇلغان ئىدى. “چالا تەرجىمان” بۇ يەردە ئوت قۇيرۇقچىلىق، پىت-پاساتلىق رولىنى كاتتا ئوينايدۇ.

 

بۇ يەردە “چالا تەرجىمان” تەرجىمە قىلغاندەك «خىتاي بىلەن بىللە ياشايمىز” دېگەن ھىچ قانداق بىر گەپ يوق. شۇڭا مەن پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلارنى ئاتالمىش “چالا تەرجىمان” تارقاتقان پىتنە تۈسىنى ئالغان خاتا تەرجىمىگە ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىققان بارلىق پىتنە-پاساتلارىغا ئىشەنمەسلىكنى سورايمەن.

 

گەرچە نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز، ئىلھام توختىنىڭ دۇنيا ۋە ياۋروپانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، تۈرلۈك خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ چاۋاك چېلىشقان بولسىمۇ ئەمما بۇ مۇكاپاتلارغا كىملەرنىڭ ئارقا سەپتە تۆككەن مېھنەتلىرى بەدىلىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمايتتى. يەنە كېلىپ، كۆپ سانىدىكى ئېنگلىزچە بىلمەيدىغان ۋە “ئىلھام توختى” مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي دىپلوماتىيەسىدىكى قانچىلىك نازۇك مەسىلە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئىغۋاگەرچىلىك ۋە قۇتراتقۇلۇققا كۆڭلى مايىل «چالا تەرجىمان» نىڭ “چالا تەرجىمىسى” نى ئوقۇغاندىن كېيىن، يېڭىدىن قۇرۇلغان “ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” غا ۋە كەمىنە ئەلكۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئارقا سېپىدىكى جان پىدالىق بىللەن مىللەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خالىس پىداكارلارغا تەنقىد ئەمەس، تۆھمەت تاشلىرىنى ئېتىشتى ۋە بۇ خاپىچىلىقلار تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.

 

ئەلۋەتتە، چوڭ ياكى كىچىكى بولسۇن، ئىش قىلغان ئادەم ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىمكان بار ھەركىم خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك، بۇ ئەقەللىي ئۆلچەم، ئەمما بىلىپ-بىلمەي خاتالىق سادىر قىلغا بولسا، مۇھىم بولغىنى شۇ خاتالىقنى ئۆز ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك. خاتالىقنى ئىش قىلمايدىغان كىشىلەرلا ئۆتكۈزمەيدۇ. بىر كىشى خاتا قىلسا بىز ئۇنىڭ قىلغان خاتاسىنى توغرا ئۇسۇلدا كۆرسىتىشىمىز، تۈزىتىۋېلىشىغا، توغرا قىلىشىغا مەدەت ۋە پۇرسەتلەر بېرىشىمىز زۆرۈردۇر.

 

قىسقىسى، بۇ مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان تەنقىدلەر سەۋەبلىك، ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىق دەرھال تەن ئېلىنىپ، ئۇ بايانات ئۆزگەرتىلدى ۋە مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىم جىددىي يوسۇندا [www.facebook.com/enver.can1948/videos/1073853696323030] بۇ ئىشنى خەلقىمىزگە چۈشەندۈردى ۋە كەچۈرۈم سورىدى ھەم مەخسۇس بايانات بېرىپ، “ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى” بەرگەن تەنقىدىنى قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىرىق قىلدى. [www.ilhamtohtiinstitute.org/?p=596]. كەمىنە ئەلكۈنمۇ خەلققە چۈشەنچە بېرىپ، ھازىر تاراتقۇلاردا مودا بولۇۋاتقان “قىزىل سىزىق” [www.azizisa.org/mening-qizil-siziqim] مەۋقەسىنى ئېلان قىلدى.

 

ئەمما بۇ سەۋەنلىك مەلۇم شەخسلەر تەرىپىدىن ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم غەرەزلىرى، سىياسىي مەقسەتلىرى ئۇچۇن سۇيىئىستېمال قىلىنىپ، بۇ “ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرى مەقسەتلىك بۇرمىلىنىپ تەشۋىق قىلىنىپ، خەلقىمىز ئىچىدە ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ مۇنازىرە- خاتالىقنى توغرا ئۇسۇلدا تەنقىد قىلىشتىن چەتنەپ، تۆھمەت قىلىش تۈسىنى ئالدى ۋە شەخسلەرگە ھۇجۇم قىلىشلار ئەۋجىگە چىقتى. ئەپسۇس، مەن كۆرگەن كۆزۈمگە، ئاڭلىغان قۇلىقىمغا ئىشەنگۈم كەلمىدىكى، مۇشۇنداق كۆپ كۆڭۈلسىزلىكلەر، پىتنە-پاساستلار مۇبارەك رامىزان ئېيىدا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولۇۋاتاتتى.

 

ئۇيغۇر مىللىتى بىر مىللەت سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى تراگېدىيىلىك كۈندە، ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۇچۇن كۈرەش قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا قوغداش، بۇنىڭ ئۇچۇن كۈچلۈك بولغان دۇنياۋى ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش جەمئىيەت پىكىرلىرى ھاسىل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلغان جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ سېستىملىق ئېچىپ بېرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق داۋاسى ئۇچۇن زۆرۈر بولغان بىر خىزمەتتۇر.

 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنىڭ تىنچلىق بىلەن، خەلقئارا ۋە خىتاي قانۇن رامكىسى ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىگە “دۆلەتنى پارچىلاش” جىنايىتى ئارتىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ جازالىدى. ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىلھام توختىنىڭ مۇشۇ ئېيتقان تىنچلىقپەرۋەر سۆزلىرىنى ئاساسلىق سەۋەب قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇپ، ئىلھام توختىنى بىر “مودىتىل يول تۇتقان تىنچلىقپەرۋەر” ئۇيغۇر زىيالىسى ۋە ھوقۇق كۈرەشچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىپ، “ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇنداق بىر تىنچلىقپەرۋەر زىيالىسىنى خىتاي مەڭگۈلۈك تۈرمىگە قامىدى، دېمەك بۇ – خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ ئىرقچى سىياسىتىنى دەلىللەيدۇ’ دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپاتلارنى بېرىپ تەقدىرلىدى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق داۋاسىنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردە تېخىمۇ كۆپ تونۇلۇشىغا، ھىمايە قىلىنىشىغا ئېرىشتى ۋە ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

 

مەن شۇنداق چۈشىنىمەن، ھەممىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ئۇچۇن كۈرەش قىلىش (خىزمەت قىلىش) – بۇ بىزنىڭ مەڭگۈ يېمرىلمەيدىغان “قىزىل سىزىقىمىز”. بىز شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى دەستىدىن، ھەتتا ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئىت- مۈشۈك، قوي-كالىلىرىمۇ ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنغا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە «مۇستەقىللىق» تەلەپ قىلىدۇ، بۇ بىر ئەقەللىي ئەمەلىيەت. ئەممە ئۇ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان بىلەن ئەمەس، ھەركەت بىلەن، دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان ئۇسۇل بىلەن ۋە ئومۇمىي بىر خەلقىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئىستىراتېگىيىلىك كۈرىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە خەلقئارا سەھنىدە ئېلىپ بارىدىغان ئەمەلىي سىياسەت باشقا، كانىيىمىز يىرتىلغۇچە ھاياجان بىلەن توۋلايدىغان شوئارلار باشقا. بىز بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىمىز كېرەك. بىز ھەممىمىز بىردەك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ھەر- بىر قىلغان ئىشىمىزدا تۈپ چىقىش نۇقتىسى قىلساق، دۇچ كەلگەن سەزگۈر مەسىلىلەرگە توغرا باھا بېرەلەيمىز ۋە قېرىنداشلار ئارا بىر-بىرلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئورۇنسىز رەنجىتىشتىن، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزغا، يەنە داۋايىمىزغا زىيان كەلتۈرۈشتىن ساقلىنالايمىز.

 

بۇ يەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇقۇشماسلىق ئېنىقكى، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئۆز دائىرىسىدىكى، ئۆزىگە تەۋە بولغان، قىلىدىغان خىزمىتىنى كەسپىي سەۋىيىدە ئېلىپ بېرىشىغا، مەلۇم ئىدلوگىيەنىڭ تەسىرى بولمىغان ھالدا يول قويۇشى ياكى يول قويماسلىق مەسىلىسىدۇر؛ بىز تەشكىلىي ھالدا مەلۇم بىر مۇددىئانى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن ھەركەت قىلىدىغان پروجېكىت تۈرىدىكى تەشكىلاتلارغىمۇ خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە دۆلەت ئورۇنلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە ھەرىكەتلەردە ئوخشاشلا سىياسىي ئىدلوگىيە تەلەپلىرىنى تېڭىشقا ئۇرۇنساق، ئوخشاشلا بىزنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەركىتىمىزنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا تەسىر يېتىدۇ ۋە مەنپىئەتىمىزگە بىھۇدە زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ چۈنكى غەرب ئەللىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەمەلىي سىياسەت بىلەن بىزنىڭ مىللىي ھېسسىياتىمىز ئارىلىقىدىكى پەرقلەر چوڭ. بۇ خىل ئەھۋال بىزگە كۆپ تەرەپلەردىن ئەسلىدىلا ئاجىز بولغان كۈچىمىزنى تېخىمۇ ئاجىزلىتىۋېتىشتەك پاسسىپ ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرمەكتە. بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردە مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ پىكىر يۈرگۈزسەك، ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان كاتتا بىر سىياسىي تەشكىلات بولماستىن بەلكى ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇنىڭ بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش يوللىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى دۇنياغا ئىلمىي شەكىلدە ئۈنۈملۈك يوللار بىلەن ئاڭلىتىش، تەدبىر كۆرۈشكە ۋاستىچى بولۇشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان خەلق ئىچىدىكى بىر ئىجتىمائىي ئىنستىتۇت ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز.

 

ئاخىرىدا مەن “چالا تەرجىمان”نى مۇندىن كېيىن ئۇيغۇر داۋاسىغا، ئۇيغۇر ئۇچۇن سەمىمىيەت بىلەن خالىس خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغان مۇشۇنداق ئىش-ھەركەت ۋە سۆزلەردە بولماسلىققا دەۋەت قىلىمەن. شۇنى قەيت قىلىمەنكى ياۋروپادا شەخسىلەرنىڭ “پىكىر ئەركىنلىكى” قوغدىلىنىپلا قالماستىن، يەنە “شەخسىلەرنىڭ ئىززەت ئابرويى” مۇ تەڭلا قوغدىلىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق بىر كىشى باشقىلارنى ئابرويسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنمىسۇن ۋەياكى ئۇلارنىڭ ئىززەت- ئابرۇيىغا دەخىل-تەرۇز يەتكۈزىدىغان ئىشلارنىڭ فىلىشتىن ۋە جاۋابكارى بولۇپ قېلىشتىن ساقلانسۇن.

 

شۇڭا، مۇھاجىترەتتىكى ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق مەسىلىلەر ئۇستىدە پىكىر قىلغاندا، بىر شەخىس بولامدۇ ياكى تەشكىلات بولامدۇ، سالماق بولىشىڭلارنى، تەنتەكلىك بىلەن “ئوت قۇيرۇقلۇق” قىلماسلىقىڭلارنى، مەسىلىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئاۋال تولۇق چۈشۈنۈپ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرشىڭلارنى، مەسىلىلەرنى دۈشمەنلىك مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئەمەس، بىر قېرىنداشلىق، مىللەتداشلىق، ۋەتەنداشلىق مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلارنى، راستچىللىق بىلەن ئىلمىي شەكىلدە پىكىر ۋە تەنقىدلەر بېرىپ، سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىنى تۇتۇشۇڭلارنى، خاتا گەپ سۆز ۋە پىتنىلەرگە شېرىك بولماي، ئورۇنسىز يۈزبېرىدىغان ئۆز-ئارا كۆڭۈل ئاغرىقلىرىدىن ساقلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

2020-يىلى 7-ماي. لوندون.

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !