ئەلكۈننىڭ ھېكايىسى دۇنيا قەلەم سەھىپىسىدە
-
سەھىپە:Aziz Isa Elkun terjimhali، Elkun heqqide، Uyghur dunyasi
باھا:0 دانە
25-04-2020
ئاننې ئەرشىدىن (مائارىپ ئىلمى دوكتورى)
ئۇيغۇر يازغۇچىسى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ھېكايىسى خەلقئارا يازغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ قەلەم سەھىپىسىدە نەشىر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن!
خەلقئارا يازغۇچىلار تەشكىلاتى – بۇ قانداق تەشكىلات؟ ئاۋال بۇ تەشكىلات بىلەن قىسقىچە تونۇشۇۋالايلى.
خەلقئارا يازغۇچىلار تەشكىلاتى قىسقارتىلىپ «خەلقئارا قەلەم” (PEN International) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ئېنگىلىز تىلىدىكى «شائىر، ماقالە ۋە رومان يازغۇچىلار» دېگەن مۇشۇ ئۇچ ئاتالغۇنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بۇ تەشكىلات 1921-يىلى لوندوندا قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ يازغۇچىلىرى دۇنيا مىقياسىدا پىكىر ئەركىنلىكىنى، يېزىش ئەركىنلىكىنى، ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىپ، بىگۇناھ تۈرمىلەرگە قامالغان، ھەرخىل زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغان، ھەمدە ناھەق ئەيىبلەنگەن يازغۇچىلار، شائىرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قەلەم كۆرۈشى قىلىدىغان، دۇنيا “ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى» نى يېزىپ چىققان ۋە مەزكۇر خىتابنامىنىڭ دۇنياۋى ئومۇملىشىشىغا ئاساس سالغان خەلقئارا ئىمتىيازغا ئىگە بىر خەلقئارا تەشكىلاتتۇر. بۇ تەشكىلاتىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە 145 تارماق تەشكىلاتلىرى بار بولۇپ، جۈملىدىن مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىمۇ مەزكۇر تەشكىلاتقا 2008- يىلى رەسمى ئەزا بولۇپ كىرگەن.
خوش، ئەمدى ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ «قەلەم» تور بىتىدە ئۇيغۇرنىڭ شائىرى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ 2017- يىلى يازغان، مەلۇم بىر كۈنى سەھەردە، كىچىك قىزىنى يۆتلەپ، لوندوننىڭ كوچىسىدا مەكتەپكە ئېلىپ كېتىۋاتقان، يولدا ئۇچرىشىپ قالغان بىر خانىمغا نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى بىلەن تېلېفوندا ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پاراڭ ئارقىلىق باشلانغان، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆتكەنكى، بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق تەقدىر- قىسمەتلىرىنى، كېلەچەككە بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى بەدئىي ئوبرازلىق ۋە پاكىتلىق ئۇسلۇبتا يورۇتۇپ بەرگەن «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق ھېكايىسى ئېلان قىلىنىدۇ. مەزكۇر ھېكايىدىكى ۋەقەلىكلەر ھەرقانداق بىر مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئاددىي ئۇيغۇرغا ئوخشاش، ئاپتور ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتلىك قىسمەتلىرى باش تېما قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە پەقەتلا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ شەخسى ھېكايىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى چۈشكەن ئەزىز ئانا ۋەتىنىدىن، سۆيۈملۈك ئاتا- ئانىلىرىدىن، پەرزەنتلىرىدىن، قان-قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ، ھەتتا بۈگۈنكى رەقەم دەۋرىدىمۇ تېلېفون ئارقىلىق ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيەتلىرى ئىستىبدات خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنغان، ھىجران ئازابىدا يۈرەكلىرى لەختە قان بولۇپ ياشاۋاتقان پۈتكۈل سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق پاجىئەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۇر ھېكايە ئاپتورنىڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن 2018-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا فىلىمگە ئېلىنىپ، 2019-يىلىدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كىنو فىلىم فېستىۋاللىرىغا قاتنىشىپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. قىسقىسى بىر شەخسىنىڭ پىداكارلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىسى پۈتۈن خەلقئارادىكى ئىنسانپەرۋەر، تىنچلىقپەرۋەر، ئادالەتپەرۋەر يازغۇچىلارغا تەقدىم قىلىنىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇللىرى، تور سەھىپىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاھۇ-زارلىرىنىڭ دۇنيا خەلقىغە ئۇلار ھەزىم قىلالايدىغان، چۈشىنەلەيدىغان تىل ۋە ئۇسلۇبتا ئاڭلىتىلىشى، ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنى چىن يۈرىكىدىن سۆيۈندۈرىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان قەلەم كۈرىشىنىڭ ئەڭ يوقىرى سەۋىيىدىكى نامايەندىلىرىدىن بىرى دەپ تەرىپلىسەك ھىچ ئارتۇقچە بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دەرد-ئەلەملىرى، خورلۇق-زەبۇنلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەلكۈننىڭ قەلىمى مۇندىن كېيىن دۇنياغا تېخىمۇ يارقىن ۋە كۈچلۈك ئاڭلىنىدۇ ۋە ئاڭلانغۇسى.
گەرچە مەن بۇرۇن شائىر، يازغۇچى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننى تونۇمىغان ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ باقمىغان بولساممۇ، بەختىمگە يارىشا تاراتقۇلار ئارقىلىق بىر ئاي ئىلگىرى ئۇ ئىشلىگەن فىلىمنى كۆردۇم ۋە ئۇنىڭ بىر قانچىلىغان ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ۋە ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. گەرچە ئۆزەم شائىر بۇلۇپ شېئىر-نەزمە يازالمىساممۇ، ئەلكۈننىڭ يازمىلىرىدىن بىلگەنلىرىم ھەم كۈتكەنلىرىمنى تاپتىم. ۋەتەندىن ئۇزاقتىكى بۇ غېرىبانە كۈنلەردە ۋەتەن سېغىشتىن ئىبارەت قەلب ئورتاقلىقىنى چوڭقۇر سەزگەنلىكىم ئۇچۇن، ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا مەدەت بولسۇن دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۆز پىكرىمنى يېزىپ تۇرۇپتىمەن.
مەن ئەلكۈن يازغان شېئىر-ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىيلىكى، ئۇسلۇبى توغرىسىدا سۆز ئېچىشقا پېتىنالمايمەن. پەقەت شائىرنىڭ شائىرلىرىنىڭ ھەر بىر مىسرالىرىدا، ئەسەرلىرىنىڭ ھەربىر جۈملىلىرىدە ئوقۇرمەنلەرگە تىمتاس سىڭدۈرگەن ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى، يەنى ئاتا-ئانىلارنى مەڭگۈ قەدىرلەش، كۆيگەن مۇھەببىتىگە سادىق بۇلۇش، ۋەتەندىن ئىبارەت مۇقەددەس مۇھەببەتكە تەسلىم بولۇش، ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق كۆرۈشىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ جاننى پىدا قىلىشتەك جەڭگىۋار ئۇيغۇر روھىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىگە ئىچى-ئىچىمدىن ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن. بۇ سۆزۈمنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە ئەلكۈننىڭ مۇقەددەس ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى «باھارىم سېنى كەل دېدىم» ناملىق شېئىردا تۆۋەندىكى ئەڭ يارقىن مىسرالاسرغا مۇجەسسەملەنگەن:
سېغىنىشتىن تارىمدا تورغاي باھار كۈيلەر،
مۇزلۇق تەڭرىتاغ كۆزىدىن ئاقار ئۈنچىلەر،
ھەر گىياھ ئىلىمدە قىشتىن زارلىق ياش تۆكەر،
شۇڭا باھارىم، بۈگۈن سېنى كەلسۇن دېدىم.
ئاشىقلىقتىن مەن توختىماي باھار چىللايمەن،
قارا قىش كەلمەسكە ئەبەد كەتسىكەن دەيمەن،
ھەر كۈنى ۋەتەن ساڭا ئوتلۇق سالام يوللايمەن …
زار كۈتكەن باھارىم، سېنى بىر كەلسۇن دېدىم.
مۇھەببەت ھىجرانى ۋەتەن دەپ ئۆكسىگەندە،
ئانام ئەتكەن نورۇز ئېشى ئەسكە يەتكەندە،
ئەلكۈن قەلبى ھەر باھاردا يېنىپ كۆيگەندە،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم!
يازغۇچى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يازغان ھېكايىلىرىدىن «جاۋابسىز قالغان تېلېفون»، «ئىسىم ماجىراسى»، «ياشقا تولغان شەھلا كۆز»، «ئاتامنىڭ كونا ۋېلىسىپىتى»، «ئۇيغۇرلۇق ئەقىدىسى» ؛ شېئىرلىرىدىن «قانداق كۈتەي سېنى يېڭى يىل»، «باھارىم سېنى كەل دېدىم»، «قوياشقا قاراپ كېتىپ بارىمەن»، «ئانىلار كۈنىدە»، «ۋاپادار شاماللار» قاتارلىق شېئىر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە ئۆز ۋە ئۆگزىلەرنى تونۇش، دۇنيانى تونۇش، ۋەتەننى ۋە ئىنسانلىقنى سۆيۈش، ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلىكى، ئادالەت ۋە ھەققانىيىتى ئۇچۇن كۈرەش قىلىش قاتارلىق مىللىي بۇرچ ۋە مەجبۇرىيەت تەشەببۇسلىرى ئۇيغۇرنىڭ مۇكەممەل، يېتۈك گۈزەل ئەدەبىي تىلىدا بايان قىلىنىپ، ئاتا-ئانىنى قەدىرلەش پەرزەنتلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاقى مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە قانمىغان، باغرى چوڭقۇر ئازاب دېڭىزىنىڭ دولقۇنلىرىغا تېنىمسىز چۆكىۋاتقانلىغىنى، ياشانغان يالغۇز ئانىسىنى خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرالماي، يۈرىكىدە كۆيۈۋاتقان غەزەپ ئوتلىرىنىڭ پەلەككە يىتىۋاتقانلىغىنى تەسۋىرلىگەندە، ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاپتور بىلەن نەقەدەر قەلبداش، نەقەدەر تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايدۇ.
شائىرنىڭ شېئىر توپلىمىدىكى ئوندىن دىن كۆپرەك شېئىرلىرى ئۆزىنىڭ تۈنجى سۆيگەن يارىغا بېغىشلانغان. شائىر باشتىن ئاخىرغىچە ئۆزىنىڭ ساداقىتى، چىن مۇھەببىتى- كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھۆر، ئازاد، مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىدە جەم بولۇشقا تەلپۈنىۋاتقان يۈرەك ساداسى ۋەتەندىن يىراق ئەللەردىكى سېغنىشتىن چاڭقىغان، ھىجىراندىن پۇچىلانغان، گاھىدا ئۈمىدلىك مەۋھۇم تۇيغۇلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. شائىرنىڭ قەلىمىدىكى «مۇھەببەت» ۋە «سۆيگۈ» ئېنىقكى ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ كەڭ مەندىكى مېتافورلۇق ئۇسلۇبتا بايان قىلىنىشىدۇر.
شائىر ئۆزىنىڭ سېغىنىشلىق قەلبىنى «سېغىنىش» ناملىق ئۇشبۇ شېئىردا تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىدۇ:
بۇ كېچە سەن بىلەن تەڭ
سەن كۆرگەن ئاسماننى مەنمۇ كۆرۈۋاتىمەن
ئەمما سەن ھاياتمۇ تىرىكىمۇ – بىلمەيمەن.. .
سېنى جازا لاگېردا بولمىسىكەن دەيمەن –
تەڭرىمدىن بىرلا سېنىڭ –
ھەر كۈنى ئامانلىقىڭنى تىلەيمەن!
ھامان بىر كۈنى-
بىزگە ۋىسالنىڭ ئاسىيلىق قىلمايدىغىنىغا –
ئىشىنىمەن!
شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىدىغىنغا –
مۇھەببەتنىڭ بارچە نەپرەت ئۈستىدىن –
غالىبلىقىغا ئىشىنىمەن!
ئېھ يۈرىكىمنى ئەسىر ئالغان يار
سېنى سېغىنىمەن …
سېغىنىمەن …
سەندىن ئايرىلغان كۈنلەرنى ساناپ !
ياش تۇرۇپلا بېشىدىن ھاياتنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنى بېشىدىن كۆپ ئۆتكۈزگەن، ئەمما ئۆزىنى قوشۇپ، ئۇيغۇرنىڭ ئاھۇ-زارىنى يېزىشنى، ئۇيغۇرنىڭ قاباھەتلىك تراگېدىيىسىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن توختىماي قەلەم تەۋرىتىۋاتقان، كۆپكە قادىر ئۇيغۇر شائىرى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ مۇندىن كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ئۇچۇن تېخىمۇ كۆپ مۇۋاپىقىيەتلەرنى تىلەيمەن.
2020-يىلى 21- ئاپرىل، ۋانكۇۋېر.