سەن كەلـمىدىڭ
-
سەھىپە:Elkun she'irliri، Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
22-05-2019
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
بىۋاستە ئاڭلاش: Sen_kelmiding.mp3
ئاپام سېنى كېلىدۇ دېگەنتى
ئۆرۈك چېچەكلىگەندە
ئەمما سەن كەلـمىدىڭ.
قارلىغاچ كەلدى….
ئاتام سېنى كېلىدۇ دېگەنتى
خازان تۆكۈلگەندە
ئەمما ئەجەل ساقلاپ تۇرمىدى …
ئۆزى ئاخىر خازان بولۇپ
تۆكۈلۇپ كەتتى
لېكىن سەن كەلـمىدىڭ ….
بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان
يايرىڭ سېنى سۆيەتتى
ئۇ سېنى سېغىنىپ كۈتەتتى
سەن ئۈچۈن ھەممىگە تەييار ئىدى
ئۇ سېنى كېلىدۇ دېگەنتى
«يايرىم كېلۇر … » دەپ ناخشا ئوقۇيتتى ….
ئۇ ھەر كېچە
ياستۇقىنى ھۆللەپ مۈگىدەيتتى
زېمىنغا
ئاسمانغا
ئاشىقلىقنى ياراتقان ئېروسقا نالە قىلاتتى
پەنجىرىدىن چولپان كەلدى
ئەلەمىلك يېڭى بىر كۈن باشلاندى ….
بوينى ئەجەلنىڭ سىمىدا باغلاغلىق ئىدى
ئۇ بايراق چىقىرىشقا قاراپ ماڭدى
ئەمما سەن كەلـمىدىڭ!
سېنى كەلـمىدى دەپ
سېنى سېغنىپ – سېغىنىپ
سېنى قوينىدا چۆڭ قىلغان
ئانا تارىم نالە قىلىپ يىغلىدى.
بالىلىقىڭغا ئىلھام
يېگىتلىكىڭگە غورۇر بەرگەن
بۇغدا ئاتا قەلبى ئۆكسىدى.
باھارمۇ كېلىپ كەتتى
كۈزمۇ ئەگىشىپ كەتتى
قشمۇ قەھرىنى چېچىپ كەتتى
جاھان زورى ھەر جانغا يەتتى
ئەمما سەن بۇ كۈلپەتنى بىلـىپ يەتمىدىڭ!
تەبئىەت بۇزلۇپ
مەسۇم جانلار بۇغۇلۇپ
يازدا قار ياغار بولۇپ كەتتى
گەردىشى پەسىل ئۆزگەرمەس بولۇپ
كەلگۈلۇك ھەممە باشقا كېلىپ يەتتى …
ئۆمۈر مەنزىلى كەلسە – كەلـمەس
قىسمەت يولىدا ئېزىقىپ كەتتى –
كەتتى …
كەتتى …
ئەمما
ئەلكۈن سەن زادى كەلـمىدىڭ!
2019-يىلى، 25- مارت، لوندوندا يېزىلدى.