بىلىم
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
04-01-2019
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(قازاقىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە تەقدىم)
بىلىم ھاياتنىڭ شانىدۇر،
بىلىم بەخىتنىڭ كانىدۇر،
بىلىم باشلار بىزنى ئالغا،
بىلىمسىزلىك بىزگە خاردۇر!
بىز ئوقۇپ بىلىم ئالىمىز،
ئىلىم-مەرىپەت غايىمىز،
كېلىچەك بولىدۇ پارلاق،
بىز ۋەتەن ئوغۇل-قىزىمىز!
بوۋام لۇتپۇللا بىزگە دېگەن:
“ياشلىق ئۇ، تىرىش-تىرماش ئۆگەن.”
بىلىم دېڭىزىدا شۇڭقارمىز،
ۋەتەن ئۈچۈن ۋىسال ئىزدىگەن!
ياشنا ئۇيغۇر بىلىم بىلەن،
ياشىمىغىن كۆز-ياش بىلەن،
نادانلىق تۈگەيدۇ ئەبەد،
قۇراللانساق ئىرپان بىلەن.
بىلىم كىشى زىننىتىدۇر،
ئۇ بەخىتنىڭ قىممىتىدۇر.
كۆكلەيدۇ ئەل بىلىم بىلەن،
گۈزەل ئىقبال ھىممىتىدۇر!
بىز ئوقۇيمىز، ھېرىپ-تالمايمىز،
ئەجداد يولىدىن ھىچ يانمايمىز !
مىللەت شەنىگە تۆھپە قوشۇپ،
يۇلتۇز بولۇپ ئەلگە چاقنايمىز.
2018-يىلى 1-سېنتەبىر، لوندوندا يېزىلدى.