‎كۈز يامغۇرى

“Autumn
 

شېئىرنى ئاڭلاش: Kuz_yamghuri.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 
‎سەييارە چولپان كۆزدىن غايىب
‎ئۇلانماي تۈن كېچىسى تاڭغا
‎كۈز يوپۇرمىقى سەھەر بىلەن تەڭ چۈشكەن
‎قوزۇقلىرى سارغىيىپ -سارغىيىپ كەتكەن
‎دەرەخ شېخىدا يالغۇز كاككۇك
‎مۇڭغا پاتقان قونداقتا.

 
‎ئۇ باھارنى ئىزدەپ بالدۇر ئۇچمىغان
‎ئۇ بولالماي باھار كۈيچىسى
‎چۈنكى زەينەپتىن خەۋەر بولمىغان…
ئۇ ئۆزىنى ئۇنۇتقان
‎ئۇنىڭ پەيلىرى ئۇستىدىن دۈگىلەپ ئۆتەر
‎غەمگە لىق – لىق سۇغۇرۇلغان
‎كەچ كۈزنىڭ ئۈنچىسى.

 
‎گۈمبەزسىمان ئاسمانغا دەز كەتكەن
‎ئاق بۇلۇتلار رەڭگى قارايغان
‎كائىنات تامان ھازا ئاچقان
‎مۇھەببەت قەلئەسى چېقىلغان
‎گۇلدۇرقاراس …
‎گۇلدۇرقاراس …
‎ئەييۇھەنناس …
‎بۈگۈن ئۆمۇر دەتتىكامغا چۈشكەن
پىلسىرات كۆۋرۈكىدە ‎سىم-سىم يامغۇر
‎ئاچچىق تەرلەر بىلەن ماماتقا قوشۇلۇپ
‎سىڭىپ كېتىشكە ئالدىرار
ئۇسسۇزلۇقى قانمايدىغان زېمىنغا!

 
‎15-ئۆكتەبىر، 2018-يىلى، لوندون.



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !