چىمەنقۇش
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
21-11-2018
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun_poem/Chimenqush.mp3
چىمەنقۇش
قەشقەردىكى چىمەنقۇش…
تومۇز ھىدى سەندىن سوۋۇمىغان،
ئاخۇنلۇقتا سايراپ يۈرەتتىڭ تۆنۈگۈن
ئۇ يەردىن ئىزىڭ تېخى قۇرمىغان.
شۇڭا دەيمەن
سېنىڭ كۈزدە سۇلغىنىڭ يالغان،
سېنىڭ قەپەزگە كىرگىنىڭ يالغان!
مەن شۇ قەپەس قۇلۇپىنى چاقاي!
قۇرۇپ كەتسۇن قۇلۇپ دۇنيادا.
رەزىللەرنى نەپرىتىمدە كۆيدۈرەي
قىساس ئۆتى ئاسسۇن ئۇلارنى دارلارغا!
شېئىرىڭ پەرۋاز قىلار
ساڭا تەۋە بولغان كۆك ئاسماندا…
چۈنكى كۆك ئاسمان ئەركىن
ئۇ ساڭا ئوخشىمايدۇ
ئەمما ئۇ سېنى پەنجىرىدىن كىرىپ يوقلاپ تۇرۇدۇ
سەن گاھ مۇڭغا پاتقان چاغلاردا …
چىمەنقۇش
سەن پەسىلدىن قورۇققان ئەمەس
سەن پەسىلگە ئەسلا گۆل ئەمەس.
سەن چوقۇم كېلىسەن
قولۇڭدا گۈل دەستە تۇتۇپ كېلەر باھاردا
ئەگەر سەن بولمىساڭ
نوغاي بېشىدا تېرەك قانداق پوتلىسۇن،
بەشكېرەمدە شاپتۇل قانداق چېچەكلىسۇن،
قەشقەر ئاسمىنىغا قارلىغاچمۇ كەلمەس.
سەنسىز بۇ ھايات قايتا كۈلمەس!
2018-يىلى 1-نويابىر، لوندوندا يېزىلدى.
—————————————
ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى: http://www.azizisa.org/en/chimenqush