كۆڭلۈم
-
سەھىپە:Shé'irlar، Uyghur dunyasi
باھا:0 دانە
12-07-2018
ئۆزىنى ۋە روھىنى شېئىرغا يۇغۇرىۋەتكەن، شېئىرنى ھاياتنىڭ تۈگۈنى ھېسابلايدىغان، دۇنيانى قىرلىق روجەكلەردىن كۈزىتىپ، ئىسيانكارلىق روھى بىلەن خىتابىنى جاھانغا ئاڭلاتقان ياش، تالانتلىق شائىرىمىز مىلادى 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 3:40 ئۆتكەندە خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە 47 ياشتتا بىز بىلەن ۋىدالاشتى. تالانتلىق شائىرىمىزنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن فىردەۋىز جەننەت ماكان، ئائىلىسىگە سەبىر تىلەيمىز. مەرھۇمنىڭ 2007-يىلى يازغان بىر پارچە شېئىرى ھوزۇرۇڭلاردا:
كۆڭلۈم
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
گۈلزاردا كىپىنەك، سەيلانە كۆڭلۈم،
بۇلبۇلى غەزەلخان، مەستانە كۆڭلۈم.
ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا دېدى،
يارغا ياماشتى مەردانە كۆڭلۈم.
بىر جاننىڭ ئىچىدە مىڭ جان بار دېدى،
ھەر جاننىڭ ئىچىدە زىندان بار دېدى.
زىنداننىڭ ئىچىدە جانان بار دېدى،
ئىىشققا قۇل بولۇپ بىچارە كۆڭلۈم.
كۆزلەر ئاھۇسىغا چۆكتۈردى زۇلمەت،
كىرپىكلەر جادۇسى چانىدى دەھشەت.
چاچلارنىڭ دارىغا ئېسىلدى رەت- رەت،
ئۆلۈكى ئىتلارغا سازايى كۆڭلۈم.
رەستىگە چىقسا گەر بولدى ئەەل قاچ- قاچ،
چۈنكى ئۇ كىيىمسىز ئىدى يالىڭاچ.
جەندەيۇ- كۇلاھنى كىيدى نائىلاج
ئاشىقى قەلەندەر، دىۋانە كۆڭلۈم.
تاش كىردى زۇۋانغا، سايدا مۇساپىر،
ئايلاندى تاشقا ھەم بىر يالغۇز شائىر،
تاشنىڭ ھەمراھى يالغۇزلۇق ئاخىر…
يالغۇزلۇق ئىچىدە نۇرانە كۆڭلۈم.
2007- يىلى. گۇما