ئېنگلىس ياشىغان كوچىدا 

“Englis_House_London.jpg"ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Englis_yashighan_kochida.mp3

ئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدىئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدى

 

تۆنۈگۈن كەچ بىر دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىش سەۋەپلىك لوندون شەھىرىنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىك كوچىلىرىدىن بىرى بولغان، كەمدىن (Camden) بىلەن رېجېنت باغچىسى (Regent’s park) ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان Primrose Hill كوچىسىنى زىيارەت قىلىشقا مۇۋەققەت بولدۇم. گەرچە مەن بۇرۇن بۇ كوچىدىن رېجېنت باغچىسىغا بېرىش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم ئۆتكەن بولساممۇ، ئەمما كوچا بويلىرىدىكى ھەشەمەتلىك ۋىكتورىئان ئۇسلۇبىدىكى ئوي-ئىمارەتلەرنىڭ ئىشىك ۋە ۋىۋىسكىلىرىغا ئانچە دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن. دۇنيانىڭ ھەر ئىقلىمىدىن لوندونغا كېلىپ تۇرىدىغان زىيارەتچىلەر، بولۇپمۇ ياۋروپالىقلار بۇ كوچىدا سەيلە قىلىشنى ئۇنتۇمايتتى. بۇ كوچىدا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق شەخسىلەر ۋە پۇلدار بايلار ياشاپ كەلگەن بولۇپ بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ يەر بۇرۇنقىدەكلا ئۆزىنىڭ شۆھرىتى بىلەن مەشھۇر ئىدى.مەن كەمدىن يەر ئاستى پويىزى (Tube) بېكىتىدىن چىقىپ، كوچىلارنى ئارلاپ، دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىشقا كېلىشكەن Primrose Hil بۆلگىسىدىكى بىر كەفىيخانىغا  بېرىش ئۈچۈن كوچىلارنى ئارلاپ، تېلېفونۇم خەرىتىسىگە قاراپ كېتىۋاتسام، كۆزۈمگە كوچا تەرەپكە قاراپ تۇرغان بىر ھەشەمەتلىك ئۆينىڭ تېمىغا ئېسىغلىق تۇرغان كىچىك بىر تاختىغا يېزىلغان ئىسىم دىققىتىمنى تارتتى. 

 

ئۇ تاختىغا مۇنداق خەت يېزىلغان ئىدى: «سىياسىي پەلسەپىچى فرېدرىخ ئېنگلىس بۇ ئۆيدە 1870ـ يىلىدىن 1894ـ يىلىغىچە ياشىغان»…. توغرا، مەن بۇ ئىسىمنى بىر زامانلاردا ئەقلىمنى ئېسىمگە ئالغان، بىر بۈدرە نانغا زار بولۇپ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، كەنتتىكى مەكتەپنىڭ ئورۇلۇپ چوشۇپ كېتەي دەپ قالغان زەي تېمىغا ئېسىلغان ماركىس ۋە ئېنگلىس قاتارلىق ئۇزۇن ساقاللىق دۇنيا كوممۇنىزمنىڭ داھىيلىرى، كالتە ساقال لېنىن ۋە خىتاينىڭ ماۋزېدۇڭ قاتارلىق كۆسەي «داھىيلار» نىڭ رەسىملىرى قاتارىدا كۆرگۈنۈم ئېسىمگە كەچتى….. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ ئىسىمنى بۇ يەردە قايتا بىر كۆرۈپ ئىختىيارسىز خىياللارغا پاتتىم . توۋا، بىز ياشاۋاتقان بۇ زامان ھازىر قەيەردە؟ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى، ھەتتا ھايۋانلارنىڭ ئەركىنلىكىمۇ قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدىغان بۇ بېرىتانىيە جەمئىيىتىدە ئۆزىنىڭ ساختىلىقى بىلەن ئاللىبۇرۇن تارىخنىڭ ئەخلىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن «ئادەم زەھەرلەيدىغان قۇرۇق پەلسەپە» لەرنىڭ ئىجات كارى بولغان، ئەمما سوۋېت، خىتاي، كۇبا قاتارلىق ھوقۇق زوراۋانلىقى يۈرگۈزگەن ئاتالمىش «سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر» ئۆزلىرىگە قۇتقۇزغۇچى خۇدا قىلىۋالغان بۇ ماركىس ۋە ئېنگلىسلارنىڭ ھىچ بىر ئېتىبارى يوق ئىدى.

 

20- ئەسىردە دۇنيانى تىترەتكەن، يېرىم ئەسىر داۋام قىلغان ئۇرۇشلارنىڭ پىلتىسى بولغان، مىليونلىغان بىگۇناھ جانلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، جۈملىدىن دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدىن خېلە بۇرۇنلا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمىغىمۇ سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ تەشۋىقاتى كىرىپ، قەلبىگە ئورناپ كەتكەن ۋە كېيىكى يىللاردا ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ تەقدىردە ھەل قىلغۇچلۇق رول ئوينىغان، ۋە ھەتتا تاكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇستەملىكە ۋە ئىرقچىلىق سىياسىتىنى پەردازلاشقا داۋاملىق ئەس قېتىۋاتقان بۇ سەپسەتەنىڭ ياراتقۇچى داھىيسى بولغان كارل ماركىسنىڭ قەبرىسى لوندون شەھىرىنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى ئېگىز دەرۋازا (Highgate Cemetery) قەبرىستانلىقىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، گەرچە مېنىڭ ئۆيۈم كارل ماركىسنىڭ قەبرىسى بار قەبرىستانلىقتىن ماشىنا بىلەن يېرىم سائەتلىك يول بولسىمۇ ئەمما بالىلىقىمدا ئۇنى تولا كۆرۈپ زېرىككەنلىكىم، ھەم خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇنىڭغا خۇدادەك چوقۇنىدىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە بارماي قويغان ئىدىم.

 

بۇ ئۆتكەنكى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان كۆسەي خىتاي كوممۇنىستلىرى  ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ ساقىلىدىن قورقۇپ كېتىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ساقىلىنى قىرقىش ئىنقىلابى» نى ئېلىپ بارغاندىن بۇيان، «كوممۇنىستلارنىڭ ساقاللىق ماركىس ۋە ئېنگلىسلارنى ئۆزلىرىگە خۇدا قىلىپ چوقۇنىدۇ يۇ ئەمما ئۇيغۇرنىڭ ساقىلىدىن نېمە ئانچە قورقۇدۇ؟!» بۇ چېگىش ۋە مەنتىقىسىز سوئاللار مېنى ئويلاندۇراتتى، ئەقەللىي مۇشۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىدىلا ئىنسانلىققا قارشى بىر سەپسەتەنىڭ ئويدۇرمىچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتىم. مۇشۇ كوممۇنىستلارنىڭ زوراۋانلىقلىرى، زۇلۇم ئىسكەنجىلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرنىڭ كۆزىدىن قان ئاققانلىقىغا مېنىڭ 1970- يىللاردىكى بىغۇبار بالىلىق قەلبىم شاھىد بولغان ئىدى. ھايات سەپرىمنىڭ تەنتەك ئەسلىمىلىرى مېنى ناھايىتى تېزلىكتە دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكى ئەشۇ غېرىبانە يۇرتۇمغا ئۇچقاندەك ئېلىپ كېتىۋاتاتتى….. 

 

2003- يىلى 25- فېۋرال ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسىدا 6.3 بال يەر تەۋرەپ، كېسەك ۋە توپىدىن ياسسالغان نۇرغۇنلىغان ئۆيلەر ۋە مەكتەپلەر ئورۇلۇپ چۈشۇپ، 261 ئادەمنڭ قازا قىلغانلىقى، 4000 دىن ئاتۇق ئادەمنىڭ يارلانغانلىقى، ھەم سانى ئېنىق بولمىغان نۇرغۇنلىغان مال -چارۋىلارنىڭ ھالاك بولغانلىقى خەۋەر قىلىنىدۇ. بۇ ئاپەت يۈزبەرگەندىن كېيىن چەتئەل ئاخبارات ئورۇنلىرى ئاپەت رايونىغا ئۈنۈپ بولىدۇ. مەن شۇ ۋاقىتتا لوندوندىكى ئىسسىق ئۆيۈمدە ، راھەت ئولتۇرۇپ فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدىكى خەۋىرىنى كۆرگىنىمدە، كۆزۈمگە پەقەت ئىشەنمەي قالدىم. بۇ بېرىلگەن خەۋەرگە بىر پارچە سۈرەت قىستۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ سۈرەتتە بىر ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى يەر تەۋرەشتە ئۇچ تېمى ئورۇلۇپ چۈشكەن، پەقەت ماركىس، ئېنگلىس، لېنىن، ماۋ، جۇ قاتارلىق كوممۇنىست «داھىيلار» نىڭ يىرتىلىپ، پۇرلىشىپ كەتكەن تامغا ئېسىلغان سۈرىتى كېسەك ۋە توپىلار ئارىسىدىن يېرىمى يىرتىق ھالدا ھاۋادا ساڭگىلاپ تۇراتتى. دېمەك مەن بالىلىقىمدا يەنى باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەندە كۆرگەن بۇ «داھىيلار» نىڭ سۈرىتى ئارىدىن 30 نەچچە يىل ئۆتكەن بۇ كۈندىمۇ يەنىلا سەبىي ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ يورۇق دىلىنى بۇلغاپ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە ئېسىلغان ئىدى. ئىنسانىيەتكە قۇرۇق سەپسەتە، ئالدامچىلىق ۋە روھىي قۇللۇق ئاتا قىلغان، مىليون بىگۇناھ جانلارنىڭ ھاياتىنى ۋاقىتسىز نابۇت قىلغان بۇ ئاتالمىش كوممۇنىستلارنىڭ قەغەزدىلا قالغان ئۈلۈك روھىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنى داۋاملىق ئالداشقا، بېسىلغان قۇللۇقنىڭ تامغىسىنى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۋەتمەي ساقلاپ قېلىشقا قانچىلىك تىرىشىۋاتقانلىقىنى بۇ بىر پارچە سۈرەت دۇنياغا ئاشكارىلاپ تۇراتتى.

 

ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى دەپسەندە قىلىنغان ھوقوقى، بۈگۈنگىچە ھەتتا ئەشۇ يىللاردىكىدىنمۇ قاتتىق ۋە ۋەھشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باسقىن سىياسىتى مېنى ئازابلايتتى، ئىنسالىقنىڭ دۇشمىنى بولغان كوممۇنىستلارغا بولغان نەپرىتىم تېخىمۇ ئاشاتتى. بەزىدە شۇنداق ئويلارغا پاتاتتىم، «ئەگەر مۇشۇ ماركىس ۋە ئېنگلىسلار تۇغۇلمىغان بولسا، ئىبلىس كوممۇنىزم سەپسەتەسى بۇ دۇنيادا تارقالمىغان بولسا، روسىيەدە لېنىن ئىنقىلاب قىلىپ، چار روسىيەنى ئاغدۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دېگەن ئالۋاستىنى قۇرمىغان بولسا، ستالىن غۇلجىدا قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا ئىككى قوللاپ تۇتۇپ بەرمەيتتى، بەلكىم بۈگۈنكى ئۇيغۇرنىڭ قىسمىتى تامامەن باشقىچە بولار ئىدى ….  ؟! ». ئادەم دېگەن خام سۈت ئىچكەن مەخلۇقكەن، شۇڭا تەپەككۇر قىلىشتىن، باشقىچە خىيال قىلىشتىن بىرسى باج ئالمىغاندىن كېيىن، بۇ مۇساپىرلىقتىكى ۋەتەن دەردىنى ھەر بىر نەپەستە تارتىپ كېلىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن بەلكىم ئەجەبلىنەرلىك ئەمەستۇر. 

 

لوندوندىكى بۇ داڭلىق كوچىنىڭ ئىسمى ئەسىرلەردىن بۇيان Primrose Hill دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولسا، ھازىرمۇ شۇنداق دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ داھىيلىرى ھېسابلىنىدىغان ماركىس ۋە ئېنگلىس بېيجىڭ ياكى موسكۋادىكى بىر كوچىدا ياشاپ ئۆتكەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تۇرغان كوچا ئېھتىمالىم «ستالىنگراد» قا ئوخشاش «ئېنگلىسگىرات» ياكى «ماركىس شەھرى» دېگەندەك ناملار بىلەن نەچچە يۈزلىگەن شەھەرلەرنىڭ تارىختىن بۇيانقى مۇبارەك ناملىرى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولار ئىدى دېگەنلەرنى قىياس قىلدىم. 

 

لوندون ئاجايىپ بىر شەھەر، بۇ شەھەردە بايمۇ، گادايمۇ، كاپىتالىستلارمۇ، كوممۇنىستلارمۇ، ۋەتىنى بارلار ۋە ۋەتىنى يوقلارمۇ ياشىغان ۋە ياشىيالايدۇ. ماڭا ئوخشاش نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارمۇ مۇساپىر بولۇپ ياشىيالايدۇ، ۋە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ شەھەر سىزگە دۇنيانىڭ بىر داشقازان شەكلىدىكى كۆرۈنىشىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇيغۇرنىڭمۇ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇجادىلىدە تۆككەن قانلىق تارىخى  لوندوندىكى «قەشقەر كوچىسى» غا شۇ زاماننىڭ ئىمپېرىيىلىرى تەرىپىدىن كۆمۈۋېتىلگەن… ئۇنىڭ ھەر ـ بىر كوچىسىدىن تارىخنىڭ سېھىرلىك بەتلىرى سېخىيلىق بىلەن تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ لوندوننىڭ سەلتەنەتلىك ئۆز تارىخىدا بىزگە قالدۇرغان سىرلىرىنى ئۇنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يورۇپ، كۆمۈلۈپ قالغان تارىخنى بىلىش كىشىگە ھەقىقەتەنمۇ قىزىقارلىق تۇيغۇلارنى بېغىشلايدۇ. 

 

2017 ـ يىلى 14 ـ يانۋار. لوندون.

 

لوندون Primrose Hill كوچىسىسىدىكى ئېنگلىس ياشىغان ئۆي

 

لوندون شەھىرىنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى ئېگىز دەرۋازا (Highgate Cemetery) قەبرىستانلىقىدىكى ماركىسنىڭ قەبرىسى

 

 2003- يىلى 25- فېۋرال ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدە قاتتىق يەر تەۋرەپ، نۇرغۇنلىغان ئۆيلەر ۋە مەكتەپلەر ئورۇلۇپ چۈشىدۇ

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !