بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

 

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:

http://www.azizisa.org/elkun_poem/Bir_gul_echilsa_bolmaydu_bahar.mp3

 

بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،

كەلمەيدۇ سايرىسا ئۆزىچە بىر قۇش.

باقمايدۇ تەبىئەت ئادەم مەيلىگە،

سالسىمۇ ئالدىراپ دېھقان يەرگە قوش.  ……….

 

  بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،

   تۇرسا دەل-دەرەخ يېپىقسىز قاقشال.

ئۇنتۇغان ئۆزىنى سالا ئېتىزلار،

يېتىپتۇ ئۈستىگە يېپىۋېپ چاتقال.

 

بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،

كەچسىمۇ كۆڭۈلگە شېرىن شەيداسى.

قويالماي قىز-جۇۋان قېشىغا ئوسما،

كۈتكۈزەر قەلبىنى كۆكلەم تەشناسى.

 

بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،

كەلمەس كاككۇكمۇ مەدھىيە ئوقۇپ.

ئۆيۈمگە كىرمەس قارلىغاچ ئەسلا،

ياشىماس قايتىدىن ئوۋنى توقۇپ.

 

بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،

بولسىمۇ سېنىڭ بېھىشتەك بېغىڭ.

سۈرەلمەس نوتا، تۆكەلمەس چېچەك،

كەلمەس پەسىل، ئەتىياز چېغىڭ.

 

بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،

ئاچىدۇ غۇنچىلار، ئىللىسا جاھان.

قوغلىنىپ قىشمۇ، ئالمىشىپ پەسىل،

تۇرىدۇ تەكرار، تەبىئەت ھامان.

 

بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،

يۈرمە سەن ئۇنى چېكەڭگە تېڭىپ.

قىسقا بۇ ھايات، خۇددى ئاققان سۇ،

تۈگەيدۇ ئاخىر، تۇپراققا سىڭىپ.

 

بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،

يۈرىمەن بېغىمدا، باھارغا قانماي.

توغۇلدۇم قىشتا، باھارغا ئاشىق،

ياز ئەلكۈن يەنە كۈي، باھارغا ھارماي.

 

يامغۇر 

 

تامچىلاپ…

ناز قىزنىڭ يېشىدەك،

كەلدىڭ سەن.

ئالدىراپلا بۇلۇت كەپەڭگە-

سەگىمىسە تېخى يۈرەك-

كىرىپ كەتتىڭ سەن.

 

چىقىپتىمۇ يا-

ئۇپۇقىڭنى يېرىپ-

سېنى چاقىرىپ-

ھەسەن-ھۈسەن؟!

 

تۇنجى مۇھەببەت 

 

خىيال ئىلىكىدە،

لەززەتلىك قەلبىم-

كۈچلىنىپ ۋۇجۇدۇمدا ھېس،

قانداق تۇيغۇ-

بىلەلمىدىم.

يا تۇنجى مۇھەببەتنىڭ،

تۇغقان ئىنتىزارمۇ-

كۆيىدۇ يۈرەك قېتىدە،

يالقۇنجاپ سۆيگۈ…

 

1999-يىلى. ئاقسۇدا يېزىلدى.

 


(بۇ شىئېر ئاقسۇ گېزىتىنىڭ 1999- يىلى 4- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان )

 

Bigul Echilsa Bolmaydu Bahar

 

مەنبە:

http://bbs.bagdax.cn/thread-22652-1-1.html

http://www.azizisa.org/bir_gul_echilsa_bolmaydu_bahar

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !