ۋەتەن ۋىسالى
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
12-03-2017
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
قەلبىمدە ھىجران مىڭ مەرتە ئۆلۇپ
مىڭ مەرتە قايتا تىرىلگەن
كەچ كۈزدىكى غېرىب باغچامدىن
دېڭىز سۈيىدە نەملىشىپ ـ
دات بېسىپ كەتكەن ئاھۇ ـ زارىمدىن
مەن ئاشىق ئالتۇن رەڭلىك ياپراقنى
ماڭا تەۋە ھەممىنى قوشۇپ ـ
«كۈز ھىجران ئەمەسكەن» دېدىم !
سەھەردە تۆكۈلگەن شەبنەم ـ
ئۈچتۇم ياپراقتىن گېلەم ياسساپ!
مەن توغلۇپ ئۆسكەن ئەزىز ماكان
يېتىپتۇ سۈكۈتتە باغرى قانسىراپ …
ئاتام سەكراتتا خىيالغا چۆمگەن …
ئاپامنىڭ كۆزىدە ئەندىشىلىك دۇنيا
مەن بىر چاغ كۈيلىگەن ئاق ۋە قارا قاغىلار ـ
ئانام قەبرىسىنى مەن يوقلىغان بۈگۈن
بۇ دەملەرگە گۇۋاھچى بولدى ئۇلار –
ھەسىرەتلىك ۋىسالغا قوشۇپ مۇڭ – ناۋا.
شاھيارنىڭ بازىرى ئادەملەرگە لىق!
كەچمىشىم ئۇلار ئارسىدا تەمتىرەر يالغۇز
كاۋاپچى، تاڭگازچى، يەنە چەلپەكچىلەر كۆپ …
كىملىكىمگە ئاناملا چىن پۈتمىش تەنھا
قۇياش مۆككەن سەھرا ئېتىزى قىشتا غېرىب
گۈگۈمدە تېلىققان غۇۋا دۇنياغا !
مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقى ئەزەلدىن سۆزسىز
مەدھىيىگە كەمىنە تىلى ئاجىز
ۋەتەنگە سەجد قىلسا باشىم –
ۋىسالغا قانماي چاڭقىدى زارىم …
ئاتامنى قولىدىن يوتلەپ مېڭىشنى ئۈگەتتىم
ئاپام سۇنغان بىر تاۋاق ئاشنى يىگەندە ـ
ئەسلى مەن بەخىتلىك ئىكەنمەن دېدىم
بالىلىقىم قايتىدىن ئېسىمگە كەچكەندە…
كۆزلىرىمگە سۇرۇتتۇم توپلۇق يولنى
مەن بۇ يەردە ماڭغان ئىدىم ـ
سۇ كېچىپ ئوينىغان كىچىك ئېرىقتىن
ئاق ئۇستىخان ئوينىغان ئايدىڭ كېچىدىن
ئۆز ئورنىدا تېخىچە تۇرغان يورۇق يۇلتۇزدىن
ئۆز ـ ئۆزۈمگە
مەن سەن بىلەن ئوينايدىغان «بالا» دېدىم.
ھىچكىم مەندىن تارتىۋالمىسۇن
توت كۈن ياشىۋالاي ھاۋاسىغا قېنىپ
تېنىقلىرىم بىلەن ئېلىپ كېتەي يوشۇرۇپ
مەن ھىجرانغا مەھكۈم يىراق ئارالغا ـ
شۇڭا يۈگۈرىدۇم پادىلار بىلەن تەڭ …
تازا مىلىنىپ چاڭ ـ تۇزانغا.
مۇھەببەتنىڭ مېھىر ئالىمىدە ـ
ئۇيغۇرلۇقنىڭ چەكسىز غېمىدە ـ
ئاھ باغرى قان ۋەتەن
سېنى جېنىمدىن ئەزىزلىدىم …
ساڭا ھۆرمەت بىلەن تازىم ئەيلىدىم
قۇچاقلاپ غۇلاچ يەتكۈچە ـ
تارىمنىڭ قاتار – قاتار توغراقلىرىڭنى
يۈرىكىم قېتىمدىن تويماي سۆيۇپ ـ
سەنسىز ئۆتۈپ كەتكەن شۇ كۈنلەر ئۈچۈن ـ
خۇن بولغان قەلبىمگە مەلھەم ئەيلىدىم.
2017 ـ يىلى 6 ـ فېۋرال