ئاشىق تۇغى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

پېشانەمدىن تەپچىدى تەر،
كۆز قىرىمدىن سىرغىدى ياش.
ئىككىسى سۆيۈپ مەڭزىمنى،
بوينىمدا بولۇشتى ئاداش.

 

قۇلقىمدىن شامال ئۆتۈشتى،
چاچلىرىم زوق ئۇسۇل ئوينار.
بۇرنۇمدا نەپەس قىينىقى،
ھالى يۈركىم زەئىپ سوقار!

 

كۆز ئالدىمدا تىك تاغ يولى،
نىشانىم يەتمەك چوققىغا.
كۈلرەڭ بۇلۇت بېشىمدا سايە،
ماڭا قارشى ئۇ نىمىشقا؟!

 

غەزەپتە شىۋىرغان يامغۇر،
ئانا كۆزىدىن ئاققان ياشتەك.
يەردە يەكسان قورام شېخىل،
ئاتا قەھرى يارغان تاشتەك.

 

يولۇم مېنىڭ ئالدىغا مېڭىش،
نىشانىمنىغا كۆزلەپ يېتىش.
خۇددى تاغقا چىققانغا ئوخشاش،
مەنزىلىمدىن ھىممەت تېپىش!

 

بىزدە شۇنداق مىساللار كۆپ،
تۈز يول ئەمەس ئادەم ئۆمۈرى.
ئىسسىق سوغۇقى بىزگە ھەمرا،
كۈن ئۆتمەس ئۇنىڭسىز نېرى !

 

تاغ باشىدا بىر قەھرىمان،
بوران قۇشى كۆكتە پەرۋاز.
كارۋان يولدا ئازغان ئەمەس،
چىللار مېنى مۇڭلۇق ئاۋاز.

 

كۆز ئالدىمدا يېشىل دۇنيا…
كەڭ ئاسمان بېشىمدا قەپەس.
ئاشىق تۇغى چوققىدا لەرزان،
كۈتەر يارنى ۋىسال كەلمەس… !

 

6- ئىيۇل 2016 – يىلى

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !