مۇھەببەت ھەممە …
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
02-06-2016
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Muhebbet_hemmet.mp3
(بۇ شېئىرنى سەكراتتا يېتىۋاتقان كۆيۈمچان ئاتاجانغا بېغىشلايمەن!)
مۇھەببەت ھەممە …
بىزگە تەقدىم قىلىنغان تۇغۇلۇش بىلەن
ھەم تۈگىمەيدۇ ئۆلۈش بىلەن
يۈرەكتە ياشنايدۇ سۆيگەنلىرىم
بىرى باغ، بىرى تاغ،
بىرى دەريا… ھەممىسى باشقا بىر دۇنيا
شۇڭا بەخىتلىكمەن ئەركىم بىلەن.
مەن پەقەت ئىلتىجالا قىلالايمەن
سەكسەن دەرۋازىسى قۇلۇپلاقلىق
بۇ دۇنيانىڭ غالجىر پېشىدىن
ئاتا ـ ئانىسى بار ياكى يېنىدا يوقلار
مېنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ
چۈنكى مۇھەببەت بىزگە ھەممە …
ئۇ پەرزەنت مۇھەببىتى
ئاتا ـ ئانا مۇھەببىتى
مۇقەددەس ۋەتەن مۇھەببىتى …
بىزگە تەۋە ئادەملەر ياراتقان ھەممە مۇھەببەتلەر –
يېشىمىز بىلەن تەڭ كۆيۈدۇ .
ھىجران يېنىۋاتقان بۇ دەقىقىدە
مەن بىرلا تىلەكنى تىلەيمەن –
بۇ دۇنيا مۇھەببەتكە تولۇپ –
توپان بالاسىدا غەرق بولسا بولسۇن
ئەمما بىزگە تېرىك ئايرىلىش نېسىپ بولمىسۇن!
ئاڭلا ئەي ئادەملەرنىڭ ئەخلەتلىرى
مۇھەببەتنىڭ پۈتكۈل دۈشمەنلىرى
تۇزكورلۇق قەلئەلىرىڭ چېقىلسۇن
مۇھەببەت ئىلاھى سېنى
ۋاپاسىزلار دوزىقىغا مىڭ يىل تاشلىسۇن!
مىلادى 2016 ـ يىلى 30 ـ ماي. لوندون