بالىلىقتا مۇھەببەت

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Baliliqta_muhabbet.mp3

 

مەن دەردىمنى تامغا ئېيتىپ ئۆگەنگەن،
ئاڭلارغا كىشىم يېنىمدا بولـمىغاچ.
كەلدى ياشاپ ئامانەتتە ئەقىدەم،
ئاشىق يۈرەك كۆيۈپ ساڭا تىنمىغاچ!

 

چوڭ بولساممۇ خىيانەت بالىلىقتا يوق،
ئېيتساڭمۇ گەر يالغاننى مەن سۆيمىدىم دەپ.
پاك مۇھەببەت تۆرەلگەن سەبئىيلىكىم ئۇ.
ياشنايدۇ مەن بىلەن تەڭ سۈيۈلۇپ ئەبەد!


بالىلىقتا بال، تەمى ئاداققا كەتمەس،
ئالـمىلىق باغ، رۇخسارىڭ سىماسى ئۆچمەس.
تىلىگەن ئىدىم تولسىمۇ قەلبىمگە ئازاب ـ
«ياشا سەن، بەخىتلىك بول بىر ئۆمۈر پەۋەس!»…

 

خوش دېمەسمەن بالىلىقىم ساڭا ھەرگىز،
بوۋاي بولۇپ نەۋرەمگە چۆچەك ئېيتساممۇ.
ھاياتىنىڭ شېرىن تەمى شۇ يەردە قالغان،
مەن ئادەم ماكانىغا كېتەر بولساممۇ…

 

كۆپ كىرىدۇ چۈشۈمگە بالىلىقىم مېنىڭ،
مۇھەببەتنىڭ تۇنجى ئوتىدا يانغىنىم …
تىلەيمەن ساڭا بۈگۈن يەنە شۇ بەخت،
سۆيگەنلىكىم بۇ سېنى، ئەمەس تانغىنىم !

 

2016 ـ يىلى 27 ـ ماي، لوندون

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !