باھارنى سېغىنىش

Baharni_seghinish

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Baharni_seghnish.mp3

 

يەنە شۇ تونۇش سەھەر، تونۇش بۇ باغچا،
ئوخشاش مۇڭدا غەزەلچى قۇشنىڭ سايرىشى.
قاغا قاقىلدىشىمۇ تۆنۈگۈنگە ئوخشاش،
قايتمىغان مۇدھىش سوغۇق بىزدىن تېخى!

 

كۆك ئاسمان، قۇياش نۇرى پارلىغان سەھەر،
مەن كېزەرمەن دۇنيانى ئۆزۈمدە يۈدۈپ.
زارىقىپ كۈتكەن دىلخۇمار تېخى كەلمىگەچ،
يارالغانمۇ ياشاشقا مەن سېنى كۈتۈپ؟!


ياشايمەنمۇ كەلمەس يار يولۇڭغا قاراپ،
سېغىنىشتا ئۇپۇق چېتىدىن سېنى ئىزدەپ.
ئاي تولۇندىن سالام يوللاپ ھەر كېچىدە،
مىسرا قىلىپ ھەر شېئرىمغا سېنى كۈيلەپ….

 

ئېيتقىن يار، سەن باھاردا ياشاۋاتامسەن؟
تارىمدا توغراق بۇ يىل چېچەك تۆكتىمۇ؟
قىز – جۇۋان قاشلىرىغا ئوسما قويۇشۇپ،
ئاداشلىرىم تال چىۋىقتىن ئات مىندىمۇ؟!

 

سېغنىشتىن ئۆرتەنگەن ئازابلىق تۇيغۇ،
قەلبىم قات – قېتىدىن غەلىيان قىلماقتا.
ھىجران گەردىشى بېشىمغا مىڭ بالا،
«ۋەتەن» دەپ ھەر نەپەس گۈلخان بولماقتا!

 

2016 – يىلى 10- ئاپرىل، لوندون

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !