ياۋايىلىق

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun: Yawayiliq.mp3

 

چەكسىز ئورمان
كۆزگە ھەسىرەتتىن تولغان ياش
ئاپىسىغا ئۆگەيلەنگەن
شاماللىق يېشىل دالا –
چىغىر يوللار سۆيۈشۈش ئۈچۈن كېسىشكەن
 بىزنى باشلايدىغىنى شۇ بىرلا نۇقتا.

 

تەلۋە بۇلۇتلار ئالدىراش
شاماللارغا ئۇسۇل ئوينايدۇ
ھەممىسىنىڭ ئەسلى مەقسىتى بىر
قۇياشنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ قېچىش ئۈچۈن
يۇشۇرۇن سۇيقەست قىلـماقتا.
 


تەبىئەت ناخشىسىنى توختىماي ئېيتىدۇ
مەنمۇ تەڭكەش قىلىپ ئېيتىمەن 
مېنىڭ مۇھەببىتىمۇ بۇ ناخشىلاردىن قېلىشمايدۇ
ئۇ قۇمدا، باغدا، تاغلاردا تاۋلانغان
مۇڭلىنىپ قان ـ قېنىمدا كۆيىدۇ …

 

مېنى تەلۋىلىككە ـ
ياۋايىلىققا مەجبۇرلاپ كېلىۋاتقان 
ئېچىرقاپ كەتكەن ئىزگۈ كەچمىشلىرىم
ئۆرۈك چېچىكىدەك بۈگۈن ئېچىلىۋاتقان سېغنىشلىرىم
 ئەگىز سۇيى بولۇپ ئاقماقتا …

 

قەلبىمدە ئۆمۈرى ئۇزىراۋاتقان ھىجران
 ھەر كۈنى يېڭى مەشۇقۇم بولۇپ توغۇلـماقتا  
 خوشاللىق ۋە قايغۇ ئۈچۈن تۆككەن ياشلىرىم
ئۇيقۇسىز ئاتتۇرغان تاڭلىرىم
چۈشۈمدە، ئوڭۇمدا ھەممىسى يامغۇر بولۇپ
شەرىق ۋە غەرب تامان
ئىككى ئۇپۇقتا ياغماقتا!

 

2016 ـ يىلى 27 ـ مارت،  شېفىېلد، ئەنگلىيە.

 

 

بۇ شېئىر تۈرۈكچىگە تەرجىمە قىلىندى. ئۇلىنىش ئادېرىسى:
 
http://www.azizisa.org/en/cilginlik

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !