ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرى

Ehmetjan Osman

بۈيۈك لەڭگەر

 

گۈل ئىكەن بېشىمغا سانجىلغان تەقدىر
كۆزۈمدىن ئاققىنى ئۆرتەنگەن تىكەن
چاقىردى مېنى: ئەي، ئازاب تۇغقان شىر!
كېسىلگەن بېشىمنى كوتەرگەن لىگەن

 

ئۇرۇلدى تېنىمغا نۇر ئويغانغان دەم
قۇياش دەپ ئاتالغان شۇ بۈيۈك لەڭگەر
قېنىمغا ئەلمىساق بولغان ئىدى جەم
بىلمىدىم، يوقالدى مەندە ئەڭگۈشتەر

 

ئۈنۈمگە تەڭرىقۇت چۆككەندىن بۇيان
كۆكسۈمدە گۈپۈلدەر پارلىغان زۇلمەت
ماڭلايدا ساداقتەك سۇنمايدۇ گۇمان
گۈللەردىن تۇماندەك ئۆرلەيدۇ ھەسرەت


ئاھ! دېسەم، گېلىمدا يىقىلار ئاھۇ
ياق! دېسەم، چېقىلار قەلبىمدە ياقۇت
يېشىمدا نەملەنگەن قايسى ئىلاھ ئۇ؟
بۇ قۇتلۇق زېمىننى ئەيلىگەن تاۋۇت؟

 
 
* * * * *
 
 

ھارۋىكەش ناخشىسى

 

ۋەتەنسىز تەندە جان بولماس،
تىرىكلەر قەيتىدە سەن يوق.
ۋەتەنسىز گۆردە شان بولماس،
قىيامەت پەيتىدە سەن يوق.

 

تىلى قۇلدا زۇۋان بولماس،
دىلى قۇلدا ئىمان بولماس.
ئىمانلىق بەندە قۇل بولماس،
ئازادلىق قەستىدە سەن يوق.

 

بېشىڭدا يا ساۋاق تۇرماس،
پېشىڭدا يا پىچاق تۇرماس.
يامانغا باقى دۇنيا بۇ،
ياۋاشلىق دەستىدە سەن يوق.

 

تىلىڭنىڭ ئۇچىدا راھمان،
دىلىڭنىڭ شېخىدا شەيتان.
يورۇقلۇقتا پۈتۈن ئەللەر،
زاۋاللىق دەشتىدە سەن يوق.

 
 
* * * * *
 
 

تۈن قۇياشى

 

كەتكىنىڭدە بولالمىسام قېشىڭدا ئانا ،
ئارمانىمنى تۇزلىغايسەن يېشىڭدا ئانا .
قات ـ قات چېگرا ئارقىسدا قالدى ئالۋۇندەك ،
قۇشتەك ئەگىپ يۈرگەن چاغلار قېشىڭدا ئانا .
شۇ چاغلاردا پېشىڭنى چىڭ تۇتقان بۇ قولۇم ،
كۆك قەھرىنى تۇتتى ئەمدى ئاغزىمدا گۇگۇم .
چۆچەكلىرىڭ مانا بۈگۈن كېچەمگە ئايدىڭ ،
مەيلى كېلەر مەيلى كەلمەس بارماقتا يولۇم .
تۆكۈلمەكتە ياپراقلىرىم پەسلىم كۈز ئەمەس ،
بوران ـ چاپقۇن شىۋىرغانلىق يولۇم تۈز ئەمەس .
كۈندۈزۈمدە ئاي ـ يۇلتۇزلار كېچەمدە قۇياش ،
ئانا دېسەم ئاغزىم قانار قان بۇ سۆز ئەمەس .

 
 
* * * * *
 
 

بالىلىقتىكى ۋەتىنىم

 

پۇرىدىم سېنى
ئەمگىنىمدە ئانا سۈتىنى
ئۇچراتتىم سېنى
چۆچەكلىرىدە مومامنىڭ،
تەردىم
بارماقلىرىڭ ئىزلىرىنى
ھاسسىسىدىن بوۋامنىڭ.
كۆز يېشىمغا يۇشۇرغان ئىدىم
سىڭىپ كەتتىڭ ياستۇقۇمغا،
سىنى يىراق ئورماندا دەپ
چۈشۈم ئېلىپ كەتكەندە مىنى.
قويدۇم يۈتتۈرۈپ بالىلىقىمنى
بىراق تېخىچە
يۈرىيمەن كۆتىرىپ ياستۇقۇمنى.

 
 
* * * * *
 
 

ئىككى قۇياش قەسىدىسى

 

گۈزەللەردىن ئەمەسسەن جېنىم،
سەندە يوقتۇر گۈلنىڭ ياشنىشى.
ئاھۇ كۆزى ئەمەس كۆزلىرىڭ،
ئەمما ئۇندا نۇرنىڭ چاقنىشى.
بېزىمەيدۇ سېنى باش باھار،
توزۇتمايدۇ كەچكۈز جۇدۇنى،
ئۇنىڭ ئەكسى تۇرسا كۆزۈمدە،
سۆيگۈمىزنىڭ نەدىكەن تۈنى؟!

 
 
* * * * *
 
 

سېنى سورايمەن

 

ئاخشاملىرى چىقىپ تالاغا،
قەلبىمنى پاك ھېسقا ئورايمەن.
مەغرىپ تامان ئۇچقان شامالنى،
ھوزۇرلىنىپ ئۇزاق پۇرايمەن.
شەبنەم تامغان كىرپىكلەر ئارا،
مېھرىم بىلەن ئايغا قارايمەن.
ئاسمىنىڭنى كەزگەن شۇ ئايدىن،
تۇپرىقىڭنى سۆيگەن شامالدىن،
ئاھ، ۋەتىنىم، سېنى سورايمەن!

 
 
* * * * *
 
 

باشقا بىر ئاينىڭ كۈتىشىدە ئولتۇراقلىشىش

 

قۇش، دېرىزە ۋە تولۇنئاي ئوتتۇرىسىدىكى يوچۇن مۇناسىۋەت توغرىسىدا

 

كىرپىك قاققىچە
دېرىزەمدىن ئۆتۈپ كەتتى قۇش،
تولۇن ئاينى ئوتتۇرىدىن يېرىپ ئىككىگە…

 

يۈز بەرگەن ئۇ شۇنداق بىر قېتىم،
بالا ئىدىم ئۇچاغ ۋەتەندە.

 
 

مالايلار

 

باققىنىمدا تۇنجى رەت كۆككە،
توۋلىدىم: دادا…!
يۈرەر ئىدى ئۇ
يەلكىسىدە يۈدۈپ قۇياشنى.
باققىنىمدا تۇنجى رەت كۆككە،
توۋلىدىم: ئانا…!
يۈرەر ئىدى ئۇ
باش ئۈستىدە كۆتۈرۈپ ئاينى.

 
 

ھەسرەت

 

ھېچكىم
ھېيت سوغىسى كۆتۈرۈپ كەلمەيدۇ يولدا…
يالغۇزلا شۇ كونا تولۇن ئاي
يىراقتىكى كەپىسىدىن سىلار مەڭزىمنى.

 
 

ئۈمىد

 

ئۈمىد
شۇ قىزىققاق ئاي…
قوللىرىمدىن يېتىلەپ
ئاپىرار مېنى ھايات ئالدىغا
ئەپۇ سورا دەپ.
تاشلاپ قويۇپ ئىككىمىزنى
سۆيۈشكەنچە،
دەرەخ كەينىدىن
قىزىقچىدەك مارىلار ئۈمىد.

 
 

يالغۇزلۇق

 

دېرىزەمگە يېقىنلاپ گۇگۇم
يىغلايدۇ ئۆكسۈپ…
كىرىدۇ ئاي
قىيا ئېچىپ ئىشىكىمنى
قۇلاق سالار تاڭ ئاتقىچە
شېئىرلىرىمغا.
ئۇنتۇپ كۈلداندا موخۇركىسىنى
چىقىپ كېتەر
ھارغىن،
ئۇيقۇلۇق.

 
 

ئانا

 

بىر كۈن
ئىزدەپ كەلسە سېنى پەرىشتە،
كېتەرسەنمۇ ئېمىتكىلى
بالىلىرىنى جەننەتنىڭ؟
يىغلارمىكىن ئاي پەرىزات
ئۆتىۋېلىپ قۇياش كەينىگە،
رومال قىلسام دەپ
كېپىنىڭنى…
ئانا،
كۆتىرەلمەس قەبرەڭنى تۇپراق!

 
 

ئەسلىمىلەر

 

يادىڭدىمۇ؟
دېدى ئاي،
ئۇخلاپ قالغان چاغدا ئەركىنلىك
كوچىدىلا غەرق مەست
ئەپقاچقانتى ئۇنى يۇلتۇزلار؛
شۇ كۈندىن باشلاپ
پەيدا بولغان ئىدىڭ سەن، قۇياش!

 

يادىڭدىمۇ؟
دېدى قۇياش،
ھۇجرامغا مەست ئۈسۈپ كىرگىنىڭ؟
شۇ كۈندىن باشلاپ
قوغلىۋەتكەن سېنى قەبىلەم
يىراق كېچىگە.

 
 

ئايدىڭ چۈش

 

كىرگەندە سەھەر،
كارۋىتىمغا يېقىنلاشقاندا
ياستۇقۇمنىڭ ئۈستىدە كۆردۈم
بىر ئايدىڭ چۈشنى.
ناخشا ئېيتار ئىدى دېرىزە،
شامال چالار دەرەخ غولىنى.

 
 

سېغىنىش

 

ھېلىغىچە
تارىم چۆلىدە
داپ ئۇسسۇلى ئوينامدۇ شامال؟
ئولتۇرامدۇ تولۇن ئاي
بوغدا كۆلىدە
چاچلىرىنى ئۆرۈپ قىرىق تال؟

 
 

ئانام غېمىنىڭ قالدۇق كۆيۈكى

 

يۇلتۇزلار –
ناخشىلىرى ئانامنىڭ
بۆشۈكۈمدە ئەلەيلەتكەن.

 

ئاي –
چۈشۈمدۇر مېنىڭ
ئاسمان ئەينىكىدە ئەكس ئەتكەن.

 

كېچە –
ئانام غېمىنىڭ قالدۇق كۆيۈكى.

 
 

يالتىراش

 

قاچاندىن بۇيان بۇ يالتىراش كۆزلىرىڭدىكى؟
قالغىنىدا بولۇپ سەۋدايى چىڭقىچۈشنىڭ قۇياشى؟
ئۈمىدسىزلىك ئەۋجىگە ياكى چىققىنىدا تولۇن ئاي؟
ياكى بولمىسا
ئۆلۈمىڭنىڭ تېرەن سايىسى چۈشكىنىدە تاشلارغا؟

 
 

باھار

 

باھار
شۇ كەپسىز بالا،
ئويغىتىدۇ زېمىننى
چىغ تىقىپ قۇلىقىغا.
پاراقلاپ كۈلۈپ،
سۇ چاچىدۇ يۈزىگە
ئېسىم رەستىلىرىدە ئۈگدەپ قالغان خاتىرىلەرنىڭ.
بىچارە…
ئازاپلىنار قانچىلىك
بىلسە ئەگەر بىر يېتىم ئاي ئىكەنلىكىنى؟!

 
 

ئازاب يولى

 

قوۋۇرغامدىن ياراتتىم مەن قانچىلاپ
سېنى، شېئىر، كەچۈرگەيسەن گۇناھلىرىمنى.
يۈرمەكتىمەن…
يۈرمەكتىمەن ئازاب يولىدا
كۆتۈرگەنچە مۈرەمدە ئايلىرىڭنى.

 
 

ئۈرۈمچى

 

كۆلەڭگىلەر كېتىدۇ، كېلىدۇ…
يۈرەر غازاڭلار رەستىلەردىن رەستىلەرگە…
ئىشىك قېقىپ يۈرىدۇ شامال ئەگەشتۈرۈپ پەسىللەرنى…
توختايدۇ ئاي
ئورىۋېلىپ موخۇركىسىنى يۈرۈپ كېتىدۇ…
ئۈزۈك-ئۈزۈك پويىز ئاۋازى ياشلار بىلەن نەملەنگەن…
……
بۈركۈتسىز ئۇۋا
ئۈرۈمچى…

 
 

جەڭچى

 

ئاي نۇرىدا بىر جۈپ قورام تاش
لەۋلىرىمىدۇ
يارىلانغان جەڭچى كەبى ياتقان بۇ تاغنىڭ؟
ئارىسىدىن بۇلدۇقلايدۇ تىمتاس بىر بۇلاق
قانمىدۇ ئۇ؟
ياكى سۆز-كالام؟

 

 

 


 

ئەخمەتجان ئوسماننىڭ تەرجىمھالى

 

ئەخمەتجان ئوسمان 1964-يىلى ئۈرۈمچىدە بىر ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1981-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قۇبۇل قىلىنغان ۋە 1982-يىلى 10-ايدا دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن سۈرىيە دەمەشق داشۆسى تىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. شائىرنىڭ ئىجادىيىتى دەسلەپتە بالىلار شېئىرلىرى بىلەن باشلاندى. بۇ ھال ئۇنىڭ ھازىرقى شېئىرلىرىدىكى بالىلارچە قىزغىنلىق ۋە جۇلا بىلەن بېزەلگەن رەڭدار شېئىرىي نەپىسلىكتىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئۇ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان كېيىنكى مەزگىلدە سۈرىيىدە ئەرەپ تىلىدا يازغان «ئىككىنچى يىقىلىش»، «تويلار تىلسىمى» قاتارلىق توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. ئەرەپ ئوبزورچىلىرى ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا: «ئۇلىمپىس مەدەنىيىتى ۋە بۇددا مەدەنىيىتى بىلەن تۇيۇنغان، يىراق شەرق چوڭقۇرلۇقىدىن كەلگەن بۇ روھ، بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە يىتتۈرۈپ قويغان سېھرىمىزنى قايتۇرۇپ بەردى» دەپ باھا بېرىشكەن. ئەخمەتجان ئوسماننىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرى ئېنگىلىز، ياپون ۋە خەنزۇ ۋە باشقا چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ئۇيغۇر قىزى لىرىكىسى»، «روھ پەسلى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.

 
 
ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرى – ئېلكىتاپ PDF

http://www.azizisa.org/e_kitap/Exmetjan_Osman_shirliri.pdf

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !