پەرھات تۇرسۇن شېئىرلىرى
-
سەھىپە:Shé'irlar
باھا:0 دانە
14-03-2016
كۆيۈۋاتقان بۇغداي
2004- يىلى يىل 25- ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى
* * * * * * * * * * * * * * * * *
ئانا تىل
بىر دوستۇمنىڭ ياۋرۇپاغا ماكانلاشقىنىغا خېلى يىللار بولدى
ئۇزاقى يىل جىگەر راكىدا يات شەھەردە كۆزىنى يۇمدى
ئايالى ياۋرۇپالىق
باللىرىمۇ شۇ يەردە ئۆسكەن
كۆز يۇمۇش ئالدىدىكى بىردىنبىر ئارزۇسى
ئانا تىل – ئۇيغۇر تىلىدا ۋېدالىشىش ئىكەن
ئەپسۇس، ھېچكىم چىقمىغان ئىكەن.
شۇڭا ئۇ ئايالىغا دەپتۇ :
مەن تۇغۇلۇپ ئاڭلىغان تۇنجى تىل ئۇيغۇر چە ئىدى
يىغلىسام ئاتا – ئانام ئۇيغۇر تىلىدا بەزلەيتى
سۆيەتتى، سىلايتى
ئاپام ئۇيغۇر تىلىدا ئەللەي ئېيتاتتى
ئەللەي تاتلىق ئۇخلىتاتتى، ئاڭلىماي ئۇخلىمايتىم
كېچىچە كۆز يۇممايتىم، قارا بېسىشتىن قورقاتتىم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆيگۈنى تۇيدۇم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا گۈزەللىكنى سەزدىم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەركىنلىك ئىشىتتىم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەقىلگە ئېرىشتىم
گەپ قىلىشنى ئۈگەندىم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا بىلدۈردۈم ماڭا لازىمنى
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئايان قىلدىم ئاغرىق – زارىمنى
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا كۆز – كۆز قىلدىم شاتلىقلىرىمنى
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا بايان قىلدىم مۇھەببىتىمنى
ئۇيغۇر تىلىدا قۇرۇپ چىقتىم پۈتۈن روھىي دۇنيارىمنى
بۇ تىلسىز بۇ دۇنيانىڭ كۆرىسىز گۇمرانىنى
گۆش تىنىم باشقىلارچۈن تەجرىبىخانىغا ئايلىنار
كاللام زېرىكىشلىك گىرامماتىكا كىتابى ۋە لۇغەتكە ئايلىنار
خۇددى بىرسى مېنىڭ ئېغىزىمدا گەپ قىلىۋاتقاندەك
چۈنكى مەن ئۇزۇن يىللار كېيىن
ئانا يۇرتتىن ئايرىلىپ بۇ دۇنيانى ئاندىن بىلدىم
يەنە نۇرغۇنلىغان ئۆزگە مىللەت ۋە تىللار بار
تىل ئۈگىنىش جەريانى ھەمىشە ئايرىلىش ئازابىغا چىرمىشىۋالىدۇ
ئىككىنچى تىلنىڭ ئۆگەيلىكىدىن قۇتۇلغىلى زادى بولمايدۇ
مەن پەقەت مەۋجۇتمەن ئانا تىلىمدا
بىردىنبىر زىمىنىمدۇر، يول يوق ئىشغالغا
ئەركىنمەن مەن پەقەت ئانا تىلىمدا
بىردىنبىر چۈشۈمدۇر، يول يوق بۇزۇشقا.
2005-يىل 11-ئاينىڭ 29-كۈنى بىيجىڭ
* * * * * * * * * * * * * * * * *
ئەتىگەن تۇيغۇسى
ئەسكى تۈسكى تەرگۈچىنىڭ قوپال ۋە سەت ئاۋازى
ئىشىكلەرنىڭ قىسلاچلىرىدىن
دېرىزىنىڭ قىسلاچلىرىدىن
بار كۈچى بىلەن كىرەر ئۆيگە سىغدىلىپ
ئېچىنىشلىق ئەمەستۇر بەلكىم بۇ ئاۋاز
بىراق قوپال ۋە سەتلىكىدىن
ئېچىنىشلىق ئاڭلىنىدۇ شۇ قەدەر
يېتەر يادىمغا
نۇرغۇن جايلاردا
قېلىپقالغىنى ئادرېسىم ۋە تېلىفون نومۇرىمنىڭ
شۇنىڭ بىلەن ھېس قىلىمەن
يوقاتقاندەك نۇرغۇن نەرسىنى
يوقاتقاندەك سېزىمەن ھەتتا
ئەڭ مۇھىم ئىچكى سىرلىرىمنى
چوڭ كوچىلاردا
قېپيالىڭاچ ھېس قىلىمەن ئۆزۈمنى
چۈنكى ھېچكىم كەلمەيدۇ ئىزدەپ
ھېچكىم ماڭا ئۇرماس تېلىفون
بەلكىم ئۇلار ئوغرىلىقچە نەلەردىدۇر كۆزىتەر مېنى
نومۇسىزلارچە قىلار تاماشا تېلىفون نومۇر ۋە ئادرېسىمنى
تاماشا قىلغاندەك رەسۋالارچە سىرلىرىمنى
سىرتقا چىقىشقا پېتىنالماستىن
ھەممىنى تىللايمەن بۇندا ئولتۇرۇپ
ئەسكى تۈسكى تەرگۈچىنىڭ سەت ۋە بوغۇق ئاۋازى
بىنالارغا چۈشكەن ئاپتاپ جىلۋىسى
يوتقاندىن كۆتۈرۈلگەن تەننىڭ بەدبوي پۇرىقى
تاڭ ئاتقىنىنى
ئېتىراپ قىلىشقا قىستار كىشىنى
1993 ئۈرۈمچى
* * * * * * * * * * * * * * * * *
ئاياللار
ئاياللار، ئاھ، ئاياللار!
سەن ئاشۇ سۇ سەن بارچە يارىتىلىشتىن ئاۋال قاراڭغۇلۇقتا داۋالغۇپ تۇرغان
سەن ئەڭ دەسلەپكى تېررىتورىيە، جەننەتنى بەدەل قىلىپ ئېرىشكەن
سەن ئەڭ دەسلەپكى ئەسىرىسەن ئەرلەرنىڭ ئۆلۈم بىلەن تېگىشكەن
سەن ئەڭ دەسلەپكى شادلىقسەن جىنايەت ۋە ئازاب بىلەن يۈكسەلگەن.
ئاياللار، ئاھ، ئاياللار!
ئىنسانىيەت مەھرۇم بولدى جەننەتتىن ئاياللار ئۈچۈن
ئىگە بولۇپ ئازابقا سېزىپ يەتتى ئۇلۇغلۇقىنى ئۆزىنىڭ
شۇندىن بېرى ھەم مەھرۇم بولدى ئايالدىن،
ئېرىشكىنى پەقەتلا شارابنىڭ تەكتىدىكى مەستلىك ۋە خام خىيال
ئاياللار خۇددى جۆيلۈشتەك،خۇددى جىنايەتتەك يوشۇرۇندى زۇلمەت ئىلكىگە.
ئاياللار، ئاھ، ئاياللار!
يۇمىلاق شەكىللەرگە تولغان سېنىڭ ئېزىتقۇ تېنىڭ
مەغلۇبتۇر ئۇ يەردە بارچە پەلسەپە
پېتاگوراس ئېيتقان ئىككىنچى رەت ئۆتكىلى بولماس بىرلا دەريادىن
لېكىن سېنىڭ تېنىڭدە
ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ۋە باشقا-باشقا جايلاردا
كېسىپ ئۆتكىنىم يەنىلا شۇ بىر دەريا.
ھازىرغىچە ۋۇجۇدۇمدا كۆيۈۋاتقىنى ھەم
سەن يەتتە باشلىق يالماۋۇزدىن سوراپ كەلگەن ئوت.
ئاياللار، ئاھ، ئاياللار!
مەھكۇملۇقتەكلا ئەقىلنى قىلىسەن ۋەيران
تەلۋىلىكنى تۇغ قىلىپ تىكلەپ
سىياسىينى ئايىغىڭدا قىلىسەن پايخان
بېشى بارلارنى باش ئەگدۈردۇق،تىزى بارلارنى تىزلاندۇردۇق. لېكىن
زېمىن، بېسىۋېلىش، بايلىق، ھوقۇق ۋە بۇلاپ – تالاش ھەممىسى يالغان
زوراۋانلىق بىر ۋاسىتە
ئاياللارغا ئەرلىكنى كۆرسىتىدىغان
ئاياللارنى كەمسىتىش، مەغرۇرلۇق ۋە زورلۇق
ئەمەلىيەتتە
* * * * * * * * * * * * * * * * *
قەسىدە
سېنىڭ روھىڭ پۈتۈن دۇنيا
– ھېرمىن ھەسسي،«سددىخارتىخا»دىن
قاچ – قاچتا مۇزداۋاندا توڭلاپ قالغان جەسەتلەر ئىچىدىن مېنى تونۇيالامسەن؟ پاناھ تارتقان
قېرىنداشلار سالدۇرىۋالدى كېيىملىرىمىزنى. ھازىرمۇ ئۇندىن ئۆتسەڭ ئۇچرايدۇ يالىڭاچ
جەسەتلىرىمىز. قەتلىئامنى ئۇلار ماڭا مۇھەببەت دەپ تاڭغاندا
بىلەمسەن مەن سەن بىلەن بىللە
ئۈچ يۈز يىللىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تونۇمايدۇ ئۇلار بىر بىرىنى، بىلمەيدۇ ھەم ئۆزىنىڭ ئۇلۇقلىقىنى
زەھەرنى ئېسىل شاراب بىلىپ خوشاللىق بىلەن ئىچىۋەتكەن مەن
ئۇلار كوچىلاردىن غايىپ بولغان گەۋدەمنى ئىزدەپ تاپالماي يۈرگەندە
بىلەمسەن مەن سەن بىلەن
كاللىلاردىن ياسالغان ئاشۇ مۇنار ئىچىدە بار مېنىڭمۇ كاللام
قىلىچنىڭ ئىتتىك گاللىقىنى سىناش ئۈچۈنلا كەسكەن مېنىڭ كاللامنى. قىلىچ ئالدىدا
بىز سۆيگەن سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى خۇددى تەلۋە ئاشىقنىڭ ۋۇجۇدىدەك گۇمران بولغاندا
بىلەمسەن مەن سەن بىلەن بىللە.
بازاردا ئېگىز تۇماقلىقلار قارىغا ئېلىش مەشىق نىشانى بولغاندا مېڭىسىگە ئوق سانچىلغان كىشىنىڭ چىرايى ئازابلىق سوزۇلۇپ،
ئۆزىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى بىلمەك بولۇپ قارىغان كۆزىنىڭ ئالدىدا جاللاتنىڭ گەۋدىسى غۇۋالىشىپ يوقالغاندا
ئوق سانچىلغان مېڭىدىكى قىزىپ كەتكەن تەپەككۇردا ئەكس ئەتكىنى مېنىڭ گەۋدەم، ئاشۇ چاغدا
بىلەمسەن مەن سەن بىلەن بىللە
شاراب ئىچىش قان ئىچىشتىنمۇ ئېغىر گۇناھ ھېسابلانغان ئاشۇ دەۋرلەردە، بىلەمسەن ئادەم قېنىدا چۆگىلىگەن تۈگمەندە تارتىلغان ئۇننىڭ تەمىنى؟ ئەلشىر ناۋائى
ئەسەبىيلەرچە خام خىيال قىلىپ چىققان شارابنىڭ تەمى ئۈلگە ئېلىنغان مېنىڭ قېنىمدىن
چەكسىز سىرلىقلاشقان ئاشۇ مەستلىكنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا
بىلەمسەن مەن سەن بىلەن بىللە.
2006- يىل 3- ئاي، بېيجىڭ، شىخوڭمىن
* * * * * * * * * * * * * * * * *
يالماۋۇز ناخشىسى
ئاھ ، خۇدا !
«مەن ئادەممۇ ئەمەسمۇ ؟»
پەيدا بولۇپ باقمىغان بۇنداق خىيال كاللامدا
چۈنكى
مەن ئەزەلدىنلا ئادەم
يەتمىدىم تېخى يوقىلىش مەقامىغا
قورقىمەن
خۇددى پىچاق بىلىگەندە چىققان ئاۋازدەك
ياكى شامالدا لەپىلدىگەن بايراق ئاۋازىدەك
قاغىغان ئۈندىن
قورقىمەن
تارىخنىڭ قاراڭغۇ جايلىرىدا سەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن
گاھىدا پەرياد قىلىمەن سەۋەبسىز
گاھىدا قاھ – قاھ كۈلىمەن سەۋەبسىز
ھېچبىر ئادەم يېمەس گۈشۈمنى مېنىڭ
ئۆتكۈزمىدىم يەتتە يىلنى ئېتكاپتا ئۆڭكۈردە
سىناي تېغىغىمۇ چىقىپ باقمىغان
ئىسپات بۇلار ھەممىسى ئادەملىكىمگە
يەنە ئاشۇ خۇنۈك كارىدور
يەنە ئاشۇ مۇزدەك سوغۇق ئېگىز بوي ئايال
پەقەت ئۇلار
كۇچىلاردا تولۇپ يۈرگەن قىزلاردەك
جىنسىي ئەزاسى يوقمىدۇ دېگەن
شۈبھىگە سالالماس كىشىنى
لېكىن
«ئۇلار ئادەممۇ ئەمەسمۇ ؟ » دېگەن
خىيال پەيدا بولۇپ باقمىغان زادى كاللامدا
ئۇلار خۇددىي خىيالي تۇيغۇدەك يېقىن بولسىمۇ
ئۇلار خۇددىي ئۆز تېنىمدەك يىراق بولسىمۇ
بىراق بىر قېتىم
چوڭ كوچىدا
ئادەملەر توپىنىڭ ئىچىدە
ئادەم ئەمەستەك سېزىپ قالدىم ئۆزۈمنى تۇيۇقىسز
چۈنكى سەن سورىدىڭ مەندىن :
لىۋىڭدىكى ئۇ كىمنىڭ قېنى؟ بېرەلمىدىم مەن جاۋاپ
شۇندىن بېرى
قارا رەڭلىك قان تامماقتا سېنىڭ قاپقارا كۆلەڭگەڭدىن
بالىلىقنىڭ يۇلتۇزلار نۇرىغا تولغان ئاسمىنى
چۈشلىرىمدە ئەمدى ئايان بولمايدۇ قايتا
بىراق نېچۈن يەنە
تېخىچە بوينۇڭدا شۇ سەدەپ مارجان
قۇتىلالماي يۈرەمسەن ياكى
ئازاپلىق بالىلىقنىڭ
ۋە ياساپ ئوينىغان ، يامغۇردا قېلىپ ئىرىپ كەتكەن
لاي قونچاقلارنىڭ ۋەھىمىلىك سايىلىرىدىن
قېنى سەندىكى
تۈگىمەس ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىستىكى ؟
قېنى سەندىكى
تەشنالىقىمنى قاندۇرغۇدەك قان ؟
قېنى سەندىكى
يېتەلمەسلىك ئۈچۈنلا قىلىنغان ئارمان ؟
كەل ، جىنسىي زوراۋانلىققا گىرىپتار بولغۇچى
شۇملۇقتىن بىشارەت بەرگۈچى شامالدەك
سۈيۈپ ئۆتكىن يۈزۈمنى
ھوقۇشتەك
كېچىلەرنى تىتىرەتسۇن نازلىق ئۈنلىرىڭ
1991- يىلى 23– ماي ئۈرۈمچى
* * * * * * * * * * * * * * * * *
رەقىبلەر
ئۇلار – رەقىبلەر . مۇرەسسە يوق ئارىدا زادىلا
يول ماڭار بىر – بىرىگە تامامەن قارىشى يۆنىلىشكە
بىراق ھامان بىر كۈنى
پەيدا بولىدۇ ئۇلار چوقۇم بىرلا نوقتىدا
چۈنكى يەر شارى يومىلاق
مۇتلەق قاراڭغۇلۇقنى نىشان قىلغۇچى
ۋە
يورۇقلۇققا ماڭغۇچىمۇ قايتماس كەينىگە
بىراق ھامان بىر كۈنى
پەيدا بولىدۇ ئۇلار چوقۇم بىرلا دەۋردە
چۈنكى تارىخمۇ چەمبەر شەكلىدە
* * * * * * * * * * * * * * * * *
فرانز كافكا
فرانز كافكا ئۆلۈش ئالدىدا
بىر دوستىغا قىلغان ۋەسىيەت
كۆيدۈرىۋېتىش ھەققىدە قوليازمىلىرىنى
خالىمىغان سىرىنى ئاشكارە قىلىشنى نامەھرەملەرگە،
بىراق دوستى قىلغان ئاڭا ئاسىيلىق.
فرانز كافكا
يازغان دادىسىغا تاپشۇرۇلماس خەت،
بىراق ئاشكارىلاپ
قىلدى ئۇنىڭغا ئاسىيلىق پۈتۈن ئىنسانىيەت.
ھەممە ئادەم تونۇپ يەتكەندە يەرنىڭ يۇمىلاقلىقىنى
ئۇ بېرىپ باققان جاھاننىڭ ئەڭ چەت گىرۋەكلىرىگە،
بايقىغان يەرنىڭ چاسا ئىكەنلىكىنى؛
چۈنكى دۇنيانىڭ شەكلى دائىرسىدە ئەمەس گېئومېتىرىيەنىڭ.
رېئاللىقتىن چىنراقتۇر ئۇنىڭ خام خىيالى
شۇڭا گىرىپتار بولغان ئۇ قورقۇنچ كېسىلىگە،
قورقۇنىچ بېسىپ چەكسىز گىرداۋنى كۆرۈپ يەتكەندە.
بۇ يەردىكى ئوبزورلاردا ئېيتىلىشىچە:
گىرىگورىي① ياشىغان بولسا باشقا تۈزۈمدە
ئاۋايلاپ سۆيۈش ۋە سىلاشلارغا ئېرىشەر ئىكەن قۇرۇت بولسىمۇ
چۈنكى قۇرۇت ئىدى ئاشۇ ئوبزورچىلارمۇ.
كافكا دائىم ئاڭلاپ قالاتتى
زىمىننىڭ نالىسىنى ۋە قوياشنىڭ چىرقىرىشىنى،
ئاڭلىيالماس بۇنداق ئاۋازنى ھېچكىم،
چۈنكى ھېچكىم چۈشكۈنلىشەلمەس ئۇنىڭدەك.
مەنمۇ ئاڭلاپ قالغاندىن كېيىن شۇ ئاۋازلارنى
خىيال قىلاتتىم كافكادەك يازغۇچى بولۇشنى
بىراق ئاخىرى ئايلىنىپ قالدىم پەقەت ئۇنىڭ بىر پېرسۇناجىغا.
كافكا ئۈمىدسىز ئەمەس،
ھېچنىمىدىن كۈتمىسە ئۈمىد، ئۈزىلەتتى ئۈمىد نېمىدىن؟
دەل مۇشۇدۇر كافكانىڭ بارلىق ئازابىنىڭ مەنبىئى
مەن كافكانىڭ سوغاق پەريادىنى دائىم سېزىپ
تۇرىمەن. ئۇ ئۆز جاراھىتىگە قەلەمنى سانجىپ
تۆشۈك ئاچقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يىرىڭلىق گۈللىرى②
ئۇنىڭ مەخپى سۆيگۈسىدەك
ئىنسانىيەت ئالدىدا يالىڭاچلانغان؛
ۋە باسقۇنچىلىق قىلىنغان. چۈنكى
تەنھالارغىلا خاستۇر پەقەت سۆيگۈ،
سۆيگۈ مۇھتاج خىلۋەتكە سىرغا.
ئۇ ئۆزىنىڭ جىسمانىي ھالىتىدىن ھالقىپ چىقىپ
تەڭرى بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولغان سىددىخارتخادەك
ئاياللارنىڭ بېقىنىدىن تۇغۇلغان ئەمەس،
بىراق ئۇ دادىسى تەرىپىدىن خارلانغاندا
ئۆيدىن چىقىپ كەتمەيمۇ
ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا يەتتە كۈننى ئاچ ئۆتكۈزمەيمۇ
بىلگۈچىگە ئايلانغان.
لامالاردەك
سەكراتتا ياتقانلارغا
قانداق ئۆلۈشنى ئۈگىتىشنى بىلەلىگەن.
مەنمۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم
ئولتۇرۇپ تارىم دەرياسى بويىدا
يىغلىدىم ئەسلەپ ئۆتۈكەن تېغىنى.③
سەزگۈلەرنىڭ ئېزىقتۇرىشىدىن زادىلا
قۇتىلالمىدىم. ئاخىرى كۆزۈمنى ئويۇپ تاشلاپ
ئۆزۈمنى چاھ ئىچىگە تاشلىدىم
پەرھات تۇرسۇن قېنى دېگەنلەرگە
چاھنىڭ ئىچىدە،
يولداشلىرى يىلان چايان دېگەيسەن…④
ئىزاھاتلار:
①گىرىگورىي ــ كافكانىڭ «ئۆزگىرىپ كېتىش» دېگەن ئەسىرىدىكى باش پېرسۇناج.
②كافكانىڭ «يېزا دوختۇرى» دېگەن ئەسىرىگە قاراڭ.
③داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن بەنى ئىسرائىل قەۋمى دۇچ كەلگەن چوڭ تۇتقۇنلۇقتا ئۇلار يول بويى ئېيتقان ناخشىدا مۇنداق ئىككى مىسرا بار:
ئولتۇرۇپ بابىل دەرياسى بويىدا
يىغلىدۇق ئەسلەپ زىئون تېغىنى.
ئون ئىككى مۇقام تېكستلىرىگە قاراڭ.
* * * * * * * * * * * * * * * * *
مومىيا
چىرىمەي كەلدى مومىيالار نەچچە مىڭ يىللاپ
توختىماستىن ئىچىپ كەلگەچ مېنىڭ قېنىمنى
قەدىمىي قەبرىستانغا كىرگەن ئېكىسپىدىتسىيچى
ئېزىقتى سانسىز سىرلىق بەلگىلەرنىڭ ئارىلىرىدا
ھازىرقى دەۋردە پەقەتلا بەلگىلەربىز ھەممىمىز
ئېزىقىدۇ ئارىمىزدا ئەرۋاھلار
ئاۋانگارت شەپەرەڭلەر
يول باشلايدۇ چەكسىز زۇلمەت ئىچىگە قاراپ
قالاق پەرۋانىلار
يول باشلايدۇ كۈيۈپ تۇرغان ئوتنىڭ ئىچىگە
ئۈچىنچى خىل تاللاش يوق
يول تاپالمايمىز ئوتتۇرىسىدىن يالقۇن بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ
بىز چوقۇنغان ئاسماننى توسۇۋالدى قاغىلار
تىتىرىدىم سايىسىدا ئۇلارنىڭ . جانلىقلار ئىچىدە
تارىخى ئەڭ ئۇزۇن جانىۋار چىۋىن
بىراق ئۇ تۇتىم بولۇپ باقمىغان . چىرقىرايدۇ
كېپىنەكلەر قىيامەتتىن بېرىپ بىشارەت
ئۇلار گۇمران سالاھىيەت ۋەسۋەسسىدىن
جىمجىتلىقتىن قورقىدۇ تاۋاپ قىلغۇچى
چۈنكى مەھرۇم بولىدۇ ئۇ بارچە تاللاش پۇرسەتلىرىدىن
بىراق مەن سەرسان مامكاپمەن، شامال مېنى ئۇچۇرار ھەريان
قارغىلىش، ھاقارەتكە ئۇچراش ، سۈيقەست ۋە تەھدىت
بىزنىڭ بىردىنبىر بايلىقىمىز مانا بۇلار ھەممىسى
شۇندا مومىيالار تىرىلىدۇ خۇددى ۋابادەك
توسىۋالدى كۆزلىرىمنى قاغىلارنىڭ سايىسى
كۆرەلمەيمەن قانسىراپ كەتكەن قۇياشنى
بەكمۇ ئازاپلىق ئەڭ ئاخىرقى تاللاش باسقۇچى
مومىيالار ئايان بولار شۇ چاغدا
ئىسسىق قانغا ئىگە ئىدى ئاشۇ تەنلەر ئىلگىرى
قاغىغىن مۇھەببەتنى، نەزىر قىلىپ
ئېقىت ئىسسىق قېنىمنى. زەھەرلىك
قورقۇنۇچلۇق چۈشلەرنى توقۇغۇچى ئۆمۈچۈكلەر
سەرسان مامكاپمەن، شامال مېنى ئۇچىرار ھەريان
سەرگەردانمەن ئاسمان بىلەن ئارىسىدا زېمىننىڭ
خالىمايمەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە غايىپ بولۇشنى
خالىمايمەن لاۋۇلدىغان ئوت ئىچىدە مەڭگۈ كۈيۈشنى
سەرگەردانمەن گۈلخان بىلەن ئارىسىدا زۇلمەتنىڭ
بىراق سەندەك قورقمايمەن قاراڭغۇلۇقتىن
قورقمايمەن سوغۇق تۇپراقتىن
شۇڭا مومىيا بولغۇم يوق ھەرگىز
پەقەت
پەقەت مەڭگۈ ئاخىرلاشماس تاللاشلار ئۈچۈن
2004- يىل 7- يانۋار ئۈرۈمچى
* * * * * * * * * * * * * * * * *
دەرۋىش
باش سۈڭىكى قۇياشقا قاقلانغان ئاسىي
چۆچەكلەرنىڭ چۆللۈكلىرىدە
يېقىنلاشساڭ ئوتقا قانچىلىك
بارار سايەڭ زورىيىپ شۇنچە
بىرلىشىپ كەت شۇڭا ئوت بىلەن
چۈنكى سەن ئۆتكۈزەلەيدىغان بىردىنبىر گۇناھ
خام – خىيال قىلىش
تەلۋىلىكنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا
ھەقىقەتەن قىيىندۇر بەرداشلىق بېرىش
سەن سۇدىن قورقىسەن. چۈنكى
ئۆلگىلى تاس قالغان ئىدىڭ تۇنجۇقۇپ
باش سۈيىنى ئىچىۋىلىپ قورساقتىكى چېغىڭدا
شۇڭا سەن تاللىغان دەرۋىشلىكنى سۇسىز چۆللەرنى
تەلۋىلىكىڭ تۇتقاندا ھەتتاكى ئوتنى
تۇغۇلۇپلا كۆنگەن قېچىشقا
قېچىپ چىققاندىن كېيىن قورساقتىن
باش سۈيىدىن قېچىش بىلەنلا
ئۆتكۈزدۈڭ پۈتۈن ئۆمرۈڭنى
ئوت ۋە سۇنىڭ ئۇچرىشىشىدىن
بۇلغانمىغان ئالتۇن رەڭلىك قۇم
قىزلىقتەك پاك، پاكلىقتەك مەۋھۇم
قاراقچىلارنىڭ دەپسەندىسى، ئاقتى قىلىنىش ۋە ياللۇغ
ئاشۇ چۆل ئۈچۈن ئەرزىيدۇ چوقۇم .
قاچقىن سۇدىن !
چاك – چاك بولۇپ يېرىلسۇن تەنلىرىڭ
قەدىمىي شەھەرنىڭ خارابىسىدەك
زىيارەت قىلسۇن سۆڭەكلىرىڭنى
كارۋانلارنىڭ ئاتەشلىرى .
2004- يىل مارت ئۈرۈمچى
* * * * * * * * * * * * * * * * *
چۆل ئەپسۇنلىرى
چەكسىز چۆل ھەممىنى يۇتۇپ كېتىدۇ . بىزگە قالغىنى
پەقەتلا ئاشۇ ئەقلىيەلەر ئۆلۈمدەك سىرلىق ھەم چەكسىز
بۇ ئەقلىيەلەر بىزنى تۇنجۇقتۇرماقتا. ئۇنىڭ ۋەھىمىسىدە
چوڭ بولغان بىر ئەۋلاد
يۈزلىنەلمەس قاراڭغۇلۇقتىكى
ھاياتتەكلا ئۆزگىرىشچان، ئىدراك قىلىش قىيىن بولغان بىشارەتلەرگە
ئاھ ، ئانار گۈلى ، ئاھ مەن قاچقۇننىڭ پاناگاھىم
قايتىپ چىق تەپەككۈرنىڭ ۋەھىمىسىدىن
قايتىپ چىق زۇلمەتنىڭ تەسەللىسىدىن
ئىستەيسەن بارچە كىشى تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلىشنى
قېچىپ بېرىپ پۈتۈنلەي ناتۇنۇش بىر شەھەرگە
چۈشكۈنلىشىش خۇمارىڭنى قاندۇرغىدەك شەھەرگە
ھەر بىر كوچا، ھەر بىر بۇلۇڭ
ئېلىپ كەلگەن ناتۇنۇشلۇقتىن مەست بولۇشنى
بىراق بۇلار ئۆزگىرىدۇ ئەتىلا، خۇددى رېئاللىقتەك
ئاھ ، ئانار گۈلى ، ئاھ ، مېنىڭ جىنايىتىم
قايتىپ چىق قاراڭغۇ ئوبراز ئىلكىدىن
قايتىپ چىق ئاۋال جازا ھۆكۈم قىلىنىپ ئاندىن ئۆتكۈزگەن جىنايەتتىن
قاراپ باق ئەينەككە، كۆرگىنىڭ نېمە ؟
ئۇ سەن ئەمەس، كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنىشى قاراڭغۇلۇقنىڭ
سەن مېنىڭ سۆيگىنىم، مېنىڭ بىردىن بىر زۇلمىتىم
سەن ئويغۇنۇش مۇمكىن بولمىغان چۈش
ئەجدادىمىز بىزنى قاغاپ سورىغان توپا
ئۇچۇپ كىردى ئىسپىرىتتىن قۇرۇلغان قاراڭغۇلۇققا
تەلۋىلەرچە يېلىنجاتتى سۇدىكى ئانار گۈلىنى
دېدىڭ : ئۇندا تاپتىم مەڭگۈلۈك شەبنەم
قايتىپ چىق زىمىننىڭ بالا ياتقۇسىدىن
قايىتىپ چىق شۇ ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدىن
تاپالامسەن زادى سەن مېنى ؟ ھەر قانداق بىشارەت
ساڭا كۆرسىتىپ بېرەلمەس نىشان
تۆنۈگۈنكى قارا بوران كۆمۈۋەتتى بارچە ئىزلارنى
قۇم ئىچىدە قالدى قان ئىزى
ئانار گۈلى كۆيمەكتە جەننەت ئىچىدە
چۈنكى سايىسى يوق پەقەتلا ئوتنىڭ
ئاھ ، ئانار گۈلى ، ئاھ ، مېنىڭ چەكسىزلىكىم
قايتىپ چىق زىمىننىڭ بالا ياتقۇسىدىن
قايتىپ چىق شۇ ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدىن
سەن مېنىڭ سۆيگۈنۈم، ئۇرۇقلايمەن دەپ
ھەتتا سۆڭەكلىرىڭمۇ كەتتىمۇ يوقاپ ؟
ئايلىنىپ ئاخىرى زەھەرلىك يىلانغا
ئاستىمدا دەريادەك لۆمشىيدۇ تېنىڭ
تاپالامسەن زادى سەن مېنى ؟
مەن ئاشۇ دەريادىكى ئۈن سېلىپ يىغلىغان سايە
ئاھ ، ئانار گۈلى ، ئاھ ، مېنىڭ ئاخىرقى تەلۋىلىكىم
قايتىپ چىق ئىبلىسنىڭ يۇرۇقلۇقىدىن
قايتىپ چىق تەڭرىنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن
بىلمەيمىز ، ئۇيۇننىڭ رىژىسسورى كىم ؟
يوق بۇندا بىزنىڭكى سەھنە سۆزىمىز
بىز بۇ يەردە پەقەتلا جابدۇق
كۆيۈش ــــ بىزنىڭ بىردىن بىر قاتىللىق قۇرالىمى
ئامالسىزمىز ئۆزىمىزنى تۇتىۋېلىشقا
ئاھ ، ئانار گۈلى ، ئاھ ، مېنىڭ ئىدراكىم
قايتىپ چىق ، سۆيگۈنىڭ تۇنجۇقتۇرىشىدىن
قايتىپ چىق ئازابنىڭ مەپتۇنلىقىدىن
2004- يىل 25- نويابىر. ئۈرۈمچى
* * * * * * * * * * * * * * * * *
زاۋالدا ئۇخلىغۇچى
قورقۇنچ ۋە غەزەپ گۇمران قىلغان
ئىمزاسىز خەت يازغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى
چىڭدالماقتا ئارخىپ خالتىسى
يۈرەك تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغۇچىنىڭ يۈرىكىدەك
يېزىشماقتا ئۇلار توختىماي مېنىڭ جىنايىتىمنى
گويا زاۋالدا ئۇخلىغان ئادەمنىڭ مېڭىسىگە گۇگۇم سىڭىپ كىرىپ
راك ھۈجەيرىسى ياكى قاتناش ھادىسىسىنى توقۇپ چىققاندەك
ئايالىم ھاجىگۈلدىن كەلگەن تېلىفۇن مېنى ئويغۇتىۋېتىدۇ
تۇيۇقسىز تارتىپ چىقىدۇ مېنى چۈشسىز قاراڭغۇ ئۇيقۇدىن
دادا! دەيدۇ ئوغلۇم
ئۇ بىلىدۇ كۆرۈپ باقمىغان بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى
مانا بۇ مېنىڭ بارلىق يورۇقلۇقۇم
تېلىفۇن سىمىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىكى ئوغلۇمنىڭ
قاراشلىرى دادامغا، مېيىقىدا كۈلۈشلىرى مومامغا ئوخشايدىغان چىرايىدىكى
ئىپادىلەرنى ئىنچىكە تەسەۋۇر قىلىمەن
زاۋالدا ئۇخلاپ قالغاندا
پەيدا بولۇشتىن ئاۋالقى ۋە يوقۇلۇشتىن كېيىنكى قاراڭغۇلۇق
تۇيۇقسىز كەلگەن ۋەھىمىدەك تېنىمنى جانسىزلاشتۇرغاندا
ئوغلۇمنىڭ تاتلىق ئاۋازى ماڭا ئىككى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارىسىدىكى چەكسىزلىكنى كۆرسىتىدۇ
زاۋالدا ئۇخلاپ قالغان ئىبراھىمنىڭ چۈشىدە
ئايان بولغىنى ئىككى مىڭ يىللىق سەرسانلىق
بىراق مەن ئۇنداق ئۇلۇق ئەمەس
پۈتۈن مىللەتنىڭ تەقدىرىنى چۈشىيەلمەيمەن
مېنىڭ چۈشىيەلەيدىغىنىم پەقەتلا ئۆز تەقدىرىم
ئوغلۇم خۇددى تاڭدەك بۇ چۈشتىن ئويغۇتىدۇ.