ھۆرمەت، قىممەت ۋە ھىممەتكە يانداش خىياللار

 

مۇتەللىپ ئىقبال

1

 

خۇدانىڭ ئىلتىپاتى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم راھىلە داۋۇتنىڭ ھىممىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىش ئارزۇيۇم ئاخىرى ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. ئەسلىدە بۇنداق تاساددىبىي پۇرسەتلەرنىڭ ماڭا نىسىپ بۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئەمما تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىزنىڭ ئوي-خىيالىمىز ۋە تەپەككۇرىمىزنىڭ سىرتىدا يۇشۇرۇن رەۋىشتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىكەن ۋە ھاياتىمىزنىڭ چېغىرلىرىنى سىزىپ تۇرىدىكەن.

 

چەتئەل ماڭىلا ئەمەس، نۇرغۇن ئوت يۈرەك كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بىر چۈش. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەلگە چىقىپ كۆرۈپ بېقىش، ئوقۇش، ئىش تېپىپ ئىشلەش قاتارلىقلار بىر قاتار مەقسەتلەر بىلەن نۇرغۇن كىشىلىرىمىز چەتئەل تۇرمۇشىنى بېشىنى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا غايىۋى بىلىنىپ كەلگەن چەتئەلدىكى تۇرمۇش كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، يەنە «جاھاننىڭ ھەممە يىرىدە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت» ئىكەن دېگەن ماقال-تەمسىلىمىز كىشىلەرنىڭ ئېغىزىغا ئېلىنىشقا باشلىدى. بەزى مەتبۇئات ۋە تىلىۋېزىيە نومۇرلىرىدا بۇ ھەققە نوپۇزلۇق كىشىلەر سۆزلىگەن، چەتئەلنىڭ چۈش ئەمەس، بەلكى ئالدىراپ چىقىشقا بولمايدىغان جاي ئىكەنلىكىدەك قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەنمۇ بولدى. بۇ خىل قاراشنىڭ رىئاللىقتا مەلۇم دەرىجىدە ئاساسى بار بولۇپ، مۇتلەق ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايتتى. چۈنكى ھەققىقىي يۇسۇندا چەتئەل تۇرمۇشىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان بەزى كىشىلىرىمىز چەتئەلدە ماددى جەھەتتىن تەڭ قىسلىق تارتقان، روھىي جەھەتتىن تەنھالىقتا قالغان ئىدى. ۋەھالەنكى، بۇ ھەرقانداق بىر سەپەرگە چىققان كىشىنىڭ سەپەر جەريانىدا ياكى نىشان-مەنزىلىدە ئۇچرايدىغان ھادىسە ئىدى. ماددى جەھەتتىكى تەڭ قىسچىلىق ۋە روھي جەھەتتىكى غېرىبلىق ھەرگىزمۇ ھازىرقى دەۋرگىلا خاس ھادىسە ئەمەس. چەتئەل تۇپرىقىغا قەدەم باسقان كىشى ئەلۋەتتە بىرەر يىلغىچە يىڭى تۇرمۇشقا كۆنەلمەسلىك تۈپەيلى ھەر جەھەتتىن قىينىلىدۇ. بەزى ماتېرىياللاردىن بىلىشىمچە، چەتئەلگە چىققانلار ئەركىنلىككە ۋە ئىنسانىي ھۆرمەتكە ئېرىشىدىكەن، ئەمما ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىق، يۇرت، دوستلۇق مىھرىدىن كىچىدىكەن.


يەرلىكتە ياشاۋاتقانلار مەلۇم دەرىجىدە پاراغەتتە، مېھرى-مۇھەببەت قۇچىقىدا ياشايدىكەن، ئەمما ئىنسانىي خاسلىقى تازا نەزەرگە ئېلىنمايدىكەن. بۇ چەتئەلدىكى بىر نۇپۇزلۇق ژۇرنالدىكى تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئىدى………

 

يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى تۈپەيلى، بالىلارنى چەتئەلگە چىقىرىدىغان خاھىش ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە يىڭىلىق بۇلۇشقا باشلىدى. ئەمما بالىلارنىڭ چەتئەلگە چىقىرىدىغانلار پۇللۇق كىشىلەر بولۇپ، دەسلەپكى بىر-ئىككى يىلدا بالىلارنىڭ چەتئەلدىكى بارلىق چىقىملىرىنى ئۆز يېنىدىن قامداپ بىرەتتى. ئەگەر مەلۇم بىرەيلەن ئامېرىكىدا ئوقۇماقچى بولسا ئوقۇش ۋە خىراجەت ئۈچۈن يىلدا 300مىڭ يۇەن ئەتراپىدا پۇل كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بانكىدا قۇيۇلغان مەلۇم مىقداردىكى پۇلمۇ، چەتئەلدىكى مەكتەپنىڭ ئۇقتۇرۇش قەغىزىمۇ بۇلۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بىر خاھىشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تولۇق كۇرس سەۋىيىسىدە ئوقۇۋاتقان بەزى بالىلار ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزىلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ تەييار مال-دۇنيالىرىنى بۇزۇپ چېچىپ، ئاتا-ئانىلىرىنى خاراب قىلماقتا. بۇنىڭ بىلەن چەتئەل راستىنلا جەننەتمۇ دېگەن سۇئال پۇت باسماس نەرسىگە ئايلىنىشقا باشلىدى.

 

تىمىغا قايىتىپ كەلسەك، ئوقۇش مۇكاپات بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىن ئىبارەت بىر ئىستەك بىلەن تىرىشىۋاتقان كۈنلىرىمىنىڭ بىرىدە چەتئەلگە چىقىش، چىققاندىمۇ خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىشتەك تەقدىر ماڭا نىسىپ بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ تەقدىرىنىڭ نىسىپ بۇلىشىدا ئۇستازىم راھىلە داۋۇتنىڭ ھىممىتى ۋە ئەنگلىيە لوندۇن ئۇنىۋېرسىتى شەرق، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات مەركىزى(SOAS)دىكى راچېل خاررىس(Rachel Harris) خانىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تۇلۇق ئىشقا ئاشتى. ئەمەلىيەتتە بۇنى ئۇستازىمنىڭ مىنىڭ كەلگۈسىمگە بولغان ئۈمىدىنىڭ سىرتقا پارتلاپ چىقىشى دېسەك توغرا بۇلاتتى. چۈنكى راھىلە داۋۇت مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشىنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان مۇئەللىملەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھە دىسىلا بىزگە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقىمىزغا ئېرىنمەي ئەۋەتىپ تۇراتتى. مەن بۇنىڭدىن تۇلىمۇ خۇشال ئىدىم. بۇ قېتىم ئۇستازىم چەتئەلدىكى بىر نەچچە يىغىنلارنى رەت قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا چەتئەلدىن يىغىنغا قاتنىشىپ توغرىلىق كەلگەن چاقىرىقلار ئۇنىڭ ۋاقتىنى ھە دەپ تالىشىۋاتاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇستازىم بۇ يىغىنلارنىڭ ۋاقتىغا قارىتا مۇرەسسە قىلدى ۋە ئەنگلىيىدىكى يىغىنغا قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بىلەن مىنى ئەۋەتىش قارارىغا كەلدى. ئەسلىدە ئۇ ئامېرىكىدىكى يىغىندىن قايتىپ ئەنگىلىيەگە بارسىمۇ يىغىنغا يەنە ئۈلگۈرەلەيتتى. ئەمما ئۇ:«سىز بېرىپ كۆرۈپ كېلىڭ، ئۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار، دوكتور يىتەكچىلىرى قاتنىشىدۇ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، كەلگۈسىدىكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىڭىز ئۈچۈن ئاساس سېلىپ كېلىڭ.» دەپ بۇ پۇرسەتنى ماڭا ئۈتۈنۈپ بەردى. مەن مۇئەللىمنىڭ بۇ خىل ئالىيجانابلىقىدىن چەكسىز سۆيۈندۈم ۋە ئىپتىخار ھېس قىلدىم. ئەنگىلىيەدە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە ئەنگىلىيە مەنچېستىر ئۇنىۋېرسىتىدا ئىشلەيدىغان ئابلىمىت باقى ئاكىمىزمۇ مۇئەللىمنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن سۆيۈندى ۋە ئالاھىدە تەرىپلىدى.

 

ئادەتتە چەتئەلدە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلماقچى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسىگە ۋە دەسلەپكى تەسىراتىغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ. شۇڭا مەن بۇ پۇرسەتنى ئۈزۈمگە كەلگەن ئامەت دەپ بىلىپ سەپەر ۋە يىغىن ماقالىسى تەييارلىقىنى قىلىشىقا باشلىدىم. راچىل خانىمغا مىنىڭ تەرجىمىھالىم(CV) ۋە يىغىن ماقالىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئەۋەتىپ بەردىم. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن مىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش سالاھىيتىم تەسسىقلىنىپتۇ. چۈنكى ئۇلار يىغىندا ئوقۇلىدىغان ماقالىلەرنىڭ تەسىرى ۋە ئەھمىيىتىگە بەكرەك قارايتتى. بۇ يىغىن «مەركىزى ئاسىيانىڭ مۇزىكىلىق جۇغراپىيىسى»، يەنى (Musical Geographies of Central Asia) دېگەن تىمىدا ئىدى. مەن «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ ئورۇنلىنىش سەنئىتى» توغرىسىدا دېگەن تىمىدا ماقالە تەييارلىدىم. يىغىندا ئوقۇيدىغان ماقالەمنى ناھايتى ئوڭايلا پۈتكۈزىۋالغان بولساممۇ، ئەمما مىنىڭ ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىش ئىلتىماسىم ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى.

 

ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇنلا لوندون ئونۋېرسىتېتى مۇزىكا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدىكى سەئىدە (Saida Daukeyeva) بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئېلخەت ئالاقىسى قىلىپ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا، بېيجىڭدىن لوندۇنغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلاننىڭ بىلىتىمۇ ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولدى. ئەمما مىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسمىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئالدى-كىينلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بېلەت مۇقىملاشتۇرۇلمىغان ئىدى.

 

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە كونسۇلخانىسى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، ۋىزا ئىلتىماسىنى توردا قۇبۇل قىلىدىغان، توردا كۆرۈشۈشنى ئالدىن بېكىتىدىغان سىياسەتنى يولغا قويغان بولۇپ، مەنمۇ تەرتىپ بويىچە بېيجىڭغا ماڭماستىن بۇرۇن توشقۇزىدىغان جەدۋەللەرنى توردا توشقۇزۇپ، ئالدىن كۈرۈشۈشنى ئىلتىماس قىلىپ قويدۇم. ئەنگىلىيەگە ۋەكالىتەن ۋىزا بىجىرىشىنى بېجىڭدىكى بىر ئورۇن ھۆددىگە ئالغان بۇلۇپ، ئورنىنى تاپماق بەك تەس بولدى. بۇ ئورۇننى تاكسى شوپۇرلىرىمۇ بىلمىگەچكە ئالدىن بىكىتىلگەن ۋاقتىم ئاللىقاچان 2سائەتكە يېقىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئىلتىماسنى كۆرسىتىپ كىرىپ ماتېرىيالىمنى تاپشۇردۇم. ۋىزا ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ئورنىدا خەنزۇلار خىزمەت قىلاتتى. مۇناسىۋەتلىك خادىم ئىلتىماسىمنى بىر قۇر كۈرۈۋەتكەندىن كىيىن بەزى ئۆزگەرتشىكە تىگىشلىك جايلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تىزدىن ئۆزگەرتىپ كىلىپ، قايتا تاپشۇرۇشۇمنى ئېيتتى. ئىلتىماسنى پەقەت توردىلا ئۆزگەرتىشكە بۇلىدىغان بولغاچقا تورخانا ياكى قەھۋاخانا ئىزدەپ يۈگۈردۈم. ئەمما بېيجىڭدا تورخانا ناھايىتى ئاز بۇلۇپ، قەھۋەخانىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەيدىكەن. ماتېرىيالىمنى قايتا تاپشۇرۇپ بۇلۇپ ئۇھ دىدىم. چۈنكى مەن ۋىزا بىجىرىش ئۈچۈن پەقەت ئالتە خىزمەت كۈنىلا پىلانلىغان بولۇپ، ئەگەر بەلگىلەنگەن كۈندە ماتېرىيال تاپشۇرمىسام ۋىزا ئىلتىماسىم كىچىكىپ كىتەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئايروپىلان بىلىتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كىتەتتى ۋە يىغىنغا ۋاقتىدا بارالمايتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كەلسە ئۈچ كۈندەك ساقلاشقا توغرا كىلەتتى. چۈنكى توردىن ئالدىن كۈرۈشۈش ۋاقتى بەلگىلىنىدىغان بۇلۇپ، بۇ ۋاقىتىنى ئالدىغا سۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

 

ئايروپىلان ئۇچىدىغانغا ئىككى كۈن قالغاندا ۋىزا ئىلتىماس قىلىپ ئورنىغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلسام ۋىزام تېخى چىقماپتۇ. قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى؟ ئايروپىلان بىلىتى يىغىن باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇچىدىغانغا ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولغان بولۇپ، ۋىزا بولمىسا بېلەت پۇلى زىيان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەستە قولغا كەلگەن يىغىنغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشكىلى بولمايتتى. ۋىزا ئىلتىماس قىلىش مەركىزىدىن لاسسىدە بولۇپ قايتتىم. كومپيوتېرنىڭ ئالدىغا كىلىپ ۋىزا ئىلتىماسىم ھەققدىكى خەۋەرنى راچېل ۋە سەئىدەلەرگە ئەۋەتىۋەتتىم. چۈنكى ئۇلار ۋىزا ئىلتىماس جەريانىنى ۋە نەتىجىسىنى ئوقتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ يىغىن راچېل ۋە سەئىدەلەرنىڭ بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلىشى بىلەن روياپقا چىققان، Aga Khan Trust for Culture AKTC (بۇ فوند جەمئىيتى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئىقتىساد،ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، بۇ فوندنىڭ يەنە باشقا نۇرغۇن جەمئىيەتلىرى بۇلۇپ، شىئە مەزھىپى ئىسمائىلىيە تارمىقىنىڭ 49-ئۇستازى ئاگاخان نامى بىلەن ئاتالغان) نامىدىن راسخۇت ئاجرىتىپ بىرىلگەن ئىدى.

 

ئىككىنچى كۈنى يەنە باردىم، ئايروپىلان چۈشتىن كىيىن ئۇچاتتى. مەن ۋىزام بۇ كۈنى چۇقۇم چىقىدۇ دەپ قارايتتىم. چۈنكى ئىلتىماس مەركىزىنىڭ تورىدا ئادەتتە 3-كۈندىن 7كۈنگىچە مەن ئىلتىماس قىلغان ۋىزا ئىلتىماس تۈرى %90 ئەتراپىدا تەستىقلىنىدىغانلىقى توغرىلىق ئۇچۇر بار ئىدى. بېيجىڭغا بۇرۇنراق بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، توردىكى ئۇچۇرلارغا قاراپ 7~8كۈنلەرنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىغا يىتەرلىك ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن ئىدىم. ئەمما بۇ كۈنى راستىنلا تەلىيىم تەتۈر كەلدى. ۋىزام يەنىلا چىقمىغان ئىدى. بېشىمدىن تۈتۈن چىقتى. ئايرۇپىلان چۈشتىن كىيىن ماڭىدۇ. بۈگۈن ماڭمىسام يىغىنغا كىچىكىپ قالىمەن؟ قانداق قىلغۇلۇق؟ خىزمەتچى خادىمغا قايتا ئۈتۈندۈم، ئەمما ۋىزام تېخى چىقمىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن راچېل ۋە سەئىدەلەرگە خەت يېزىپ ئايروپىلان بىلىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋتتىم. ئۇلار ئالدىنقى كۈنىلا مىنىڭ ۋىزام توغرىلىق ئەنگىليەنىڭ بېيجىدىكى كونسۇلخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئەمما بېيجىڭ بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ ۋاقىت پەرقى تۈپەيلى تېخى ۋىزام توغرىلىق بىرەر ئۇچۇر يوق ئىدى. سوغا چۈشكەن مۈشۈكتەك بۇلۇپ كونسۇلخانىنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنىدىن يېنىپ چىقتىم ۋە بېيجىڭدىن ئېنگىلىزچە كىتاب سېتىۋېلىش خىيالى بىلەن ۋاڭ فۇجىن كىتابخانىسىغا باردىم. چۈشتىن كىيىنمۇ بولدى. مىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىمدىن خەۋەردار بولغان راچېل خانىم تۇلىمۇ تىت-تىت بولغان ئىدى ۋە تېلېفونۇمغا بىر نەچچە قىسقا ئۇچۇر يوللىدى. كىتابخانىدا كىتاپ كۈرۈپ تۇرسام ئۇستازىم راھىلە داۋۇت تېلفۇن قىلىپ ۋىزا ئىلتىماسىمدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن چۈشتىن كېيىن ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ئورنىغا بېرىپ بېقىشىم كىرەكلىكىنى، ئەتىسى ئەتتىگەن چوقۇم يەنە بىر سۈرۈشتە قىلىشىمنى ۋە راچېل بىلەن ئالاقىلىشىپ يېغىنغا كىچىكىپ بېرىشىمنى تاپىلىدى. شۇنىڭ بىلەن راچېل بىلەن بۇ ھەقتە ئالاقە قىلدىم. ئانغىچە ئۇلار ئەنگىلىيەنىڭ بېيجىڭدىكى كونسۇلخانىسى بىلەن ئالاقىلاشقان بۇلۇپ، ۋىزا رەسمىيتىمنىڭ ئالدىنقى كۈنىلا بىجىرىلىپ بولغانلىقىنى، خادىملارنىڭ ۋاقتىدا ئېلىپ كەتمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ راچېل خانىم كىچىپ كەلسەممۇ كىلىشىمنى، ئەتە ئەتتىگەندىلا پاسپورتۇمنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىشىمنى ئېيتتى. ئادەتتە ئەنگىلىيەنىڭ ۋاقتى بۇ يەردىن يەتتە سائەت كىيىن بۇلۇپ، راچېل خانىم ئۇخلاۋاتقان بولسىمۇ تېلىفۇنۇمنى ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن تۇنجى قېتىم چىگرا ھالقىش ھارپىسىدا ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە بولغان ھۆرمەتنىڭ نەقەدەر ئولۇغلۇقىنى ھېس قىلدىم. ھاياتىمدا شۇ مىنۇتلارغا قەدەر كىشىلىك قەدىر-قىممىتىمىنىڭ، ئىنسانىي خاسلىقىمنىڭ بۇ دەرىجىدە چوڭ كۈرىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلمىغان ئىكەنمەن. چۈنكى مەندەك بىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى ئۈچۈن خەلئارالىق يىغىنغا قاتنىشىش پۇرسىتى جۇڭگۇدا دىگۈدەك تېپىلمايتتى. بۇنچىلىك قەدىر-قىممەتكە ئىرىشىش جۇڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسپتەن چۈش ئىدى. مىنىڭ مۇنداق دىيشىم مىنىڭ كىچىككىنە ھاياجىنىمدىن بولغان ئەمەس. مەن لوندون ئونۋېرسىتىتىدىكى بۇ قېتىمقى يىغىنى تەشكىللىگەن ۋە خىراجەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن تەرەپنىڭ چەكسىز غەمخورلىقىغا نېسىپ بولغان ئىدىم. ئۇلار مالال كۆرمەي مىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىمنىڭ بېجىرىلىشىگە ئارىلاشقان، يىغىنغا كىچىكىپ بارساممۇ كىلىشىمنى تاپىلىغان ئىدى. مەن ئالاھىدە شەخس ئەمەس، ئالاھىدە تالانتلىقمۇ ئەمەس. مەن لوندون ئونۋېرسىتىتى مۇزىكا تەتقىقات ئىنىستىتوتىغا ئالاھىدە شەرەپمۇ ئېلىپ كەلمەيمەن. مەن پەقەت ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ھەققىدە تەتقىقاتچىلارغا كىچىككىنە ئۇچۇر بىرىمەن خالاس. ئۇنىڭ ئۈستىگە داستانچىلىق ئەنئەنىسى تۈركىي مىللەتلەرگە ناتۇنۇش ھادىسە ئەمەس. بۇ ھەقتە خەلقئارادا نوپۇزلۇق نەزىرىيەلەردىن پارى-لورد نەزىريەسى(Milman Parry and Albert lord)-”مەدداھلار“ ناملىق نۇرغۇن كىتابلار نەشىر قىلىغان ئىدى. مەن ئۈزۈمنىڭ ئىنسانىي خاسلىقمىنىڭ شۇ قەدەر ھۆرمەتلەنگەنلىكىدىن چەكسىز مىننەتدار ئىدىم. شۇ چاغدا غەرب دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك قەدىر-قىممەت، دېمۇكىراتىيەنىڭ تەمىنى بېيجىڭدا تۇرۇپ تېتىغاندەك بولدۇم….

 

2

 

مەن ئولتۇرغان ئايروپىلان بېيجىڭدىن شياڭگاڭغا، شياڭگاڭدىن لوندونغا 15سائەت ئەتراپىدا ئۇچقاندىن كېيىن لوندون Heathrowئايرۇدورۇمىغا يىنىككىنە قوندى. ئايرۇپىلاننىڭ دەرىزىسىدىن پەسكە قاراپ ئەنگلىيە تېررىتورىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۆرىۋېلىشقا تىرىشقان بولساممۇ، ئەمما پەستىكى تۇمانلار مىنىڭ بۇ خىيالىمغا ئارام بەرمىدى. ئايرۇپىلا قۇنۇشقا 20مىنۇت قالغان ۋاقىتتىلا لوندون ئاسمىنىدىن بۇ زىمىننىڭ قانچىلىق يېشىلچىلىق بىلەن تولغانلىقىنى بىلىپ ئۈلگۈردۈم. يەر يۈزى بەئەينى پوتبول مەيدانىدەك يېشىل ئىدى. ئايروپىلان پەسلىگەنسىرى بۇ بىپايان يېشىل ۋادىنى كىسىپ ئۆتكەن ئىرماش-چىرماش يوللار كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ..

 

ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپلا راچېل خانىم دەپ بەرگەن يەر ئاستى پويىز(Tube) ئادرېسى بويىچە روسسېل مەيدانى(london russell square) بىكىتىدە چۈشۈپ، لوندون ئونۋېرسىتىتىنىڭ شەرق ۋە ئافرىقا تەتقىقات مەركىزىگە يىقىن يەردىكى ئالدىن زاكاز قىلىنغان مېھمانخانىغا يىتىپ باردىم. بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەلگە چىقىشىم بۇلۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەر يىڭى ئىدى، تەلىيمگە يارىشا بارىدىغان جايىمنى ئۈزۈم تېپىپ بارالىدىم. ماڭا تەسىر قىلغىنى لوندوندا يەر ئاستى پويىزى قاتارلىق قاتناش بېكەتلىرىدە كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتلىرى ھەقسىز تارقىتىلىدىكەن. كىشىلەر ئەتتىگەندە يەر ئاستى پويىزىدا ئولتۇرۇپ گېزىت ئوقۇيدىكەن. گېزىت ئوقۇمايدىغان ئاز ساندىكىلىرى مۇزىكا ئاڭلايدىكەن ياكى جىمجىت خىيال سۈرىدىكەن.

 

مىھمانخانا مۇلازىمەتچىسىگە پاسپورتۇمنى بەرگەندىن كېيىن ماڭا ئالدىن زاكاز قىلىغان ياتاقنىڭ كارتىسىنى بەردى. نەرسە كىرەكلىرىمنى قۇيۇپ، كارۋاتقا ئۈزۈمنى ئاتتىم. چۈنكى ئايرۇپىلاندا ئالاھىزەل 15سائەت ئۇچۇش ماڭا ئېغىز كەلگەندى. يۈز كۆزلىرىمنى يۇيۇپ، پەسكە چۈشۈپ، ئاممىۋى تېلىفۇن بوتكىسىدىن راچېل خانىمغا تېلىفۇن ئوردۇم. بۇ يەردە كوچىلاردا ئاممىۋى تېلېفون بوتكىلىرى كۆپ ئىدى. رايۇنىمىزدا بۇنداق ئەسلىھەلەر بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئورنىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى تازا ئومۇملاشمىدى، ئاخىرىغا كەلگەندە تېلېفوننىڭ تورۇپكىلىرى ئوغۇرلاندى، ئەينەكلىرى چېقىلدى ياكى تەڭگە تاشلىنىدىغان يەرلىرىگە تۆمۈر، تاش قاتارلىقلار پاتۇرۋېتىلدى. لوندۇندا ئاممىۋى تېلىفۇن ھەققى خىلىلا قىممەت ئىكەن.

 

راچېل خانىم تېلېفونىنى ياردەمچىسىگە تۇتقۇزغان بولۇپ، ئۇ ئالدىمغا كىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لوندۇندا بىنالارغا، دۇكانلارغا، مەكتەپلەرگە بۇ يەردىكىدەك يوغان ۋە رەڭلىك قىلىپ ۋىۋىسكا ئاسمايدىكەن. پەقەت تامغا بىر نەچچە خەتلا چاپلاپ قۇيۇلىدىكەن. لوندون ئونۋېرسىتېتىنىڭ شەرق، ئافرىقا تەتقىقات بۈلۈمىنىڭمۇ چوڭ دەرۋازىسى يوق بولۇپ، كوچىدىكى باشقا دۇكانلار بىلەن بىر گەۋدە ئىكەن. بۇ يەردىكىدەك مەكتەپلەرنى چوڭ رىشاتكا ۋە تاملار بىلەن قاشالاپ، بىر نەچچە قاراۋۇللىرى بىلەن ساقلىمايدىكەن.

 

يىغىن ئىككىنجى قەۋەتتە بولۇپ، پەقەت پەسكە بىر تاللا كۆرسەتمە قۇيۇپ قۇيۇلغان ئىدى. يىغىن مەيدانىدا ھېچقانداق ۋىۋىسكا تارتىلمىغان ئىدى. ياندىكى بىر جوزا ئۈستىگىلا يىغىننىڭ كۈن تەرتىپلىرى ۋە بىر نەچچە ژۇرنال قۇيۇپ قۇيۇلغان ئىدى. مەن ھەيران قالماي تۇرالمىدىم. بۇ يەردە نە رەسىمگە تارتىدىغان كىشى، نە يىغىن داغدۇغىسىنى قىلىدىغان رەئىس سەھنىسى يوق ئىدى. يىغىن رىياسەتچىسى بىر ياندىكى ئۈستەلدە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلاتتى. مەن يىتىپ بېرىشىم بىلەن كىلىشمنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن راچېل خانىم، سەئىدە(لوندون ئونۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا ئىنسىتىتۇتىدا ، يىغىننىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى) مىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

 

شۇنىسى قىزىقارلىقى لوندۇندا كۆپىنچە ئورگانلار ئەتىگەن سائەت 9.30 ۋە 10لاردا ئاندىن ئىشقا چۈشىدىكەن. چۈشتە كۆپ دەم ئالمايدىكەن. يىغىن زالىغا كىرىدىغان يەرگە تاتلىق تۈرۈملەر، ئىچىملىكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ، يېرىم سائەتلىك coffee break تە ئۇنى بۇنى يەپ قورساقنى ئەستەرلەپ يىغىننى داۋاملاشتۇردۇق.

 

يىغىن ناھايتى ئەھمىيەتلىك ۋە مۇنازىرىلىك بولدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇزىكانتلار، مۇزىكا ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكا ھادىسىلىرى توغرىسىدا بەس مۇنازىرە قىلىشتى. ھەر بىر تەتقىقاتچى 10مىنۇت ئەتراپىدا سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن بەش مىنۇت ئەتراپىدا سوئال سورىلاتتى. غەرب دۆلەتلىرىدە تەتقىقاتچىلار سۇئالنى ھەرگىز بىۋاسىتە سورىمايدىكەن. ئۇلار ئاۋۋال ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى ياكى بۇ ھەقتە بىلگەنلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بولۇپ، ئاندىن سۇئاللىرىنى ئوتتۇرغا قۇيىدىكەن.

 

مەن كىچىكىپ بارغانلىقىم ئۈچۈن ماقالەمنى كىيىنكى كۈنى ئوقۇيدىغان بولدۇم. راچېل خانىم ماقالەمنى كۈرۈپ، ئوقۇيدىغان مۇھىم قىسمنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىككىنجى كۈنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ماقالەمنى قىسقا فىلىم ۋە سۈرەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇدۇم. يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى ياخشى بولدى.

 

مىنى يەنە بىر تەسىرلەندۈرگىنى شۇ بولدىكى، يىغىن تەشكىللگۈچىلىرىدىن Ted نىڭ ئايروپىلان بىلىتىمنىڭ پۇلىسىنى ناھايتى تىزلا بېرىشى بولدى. مىنىڭ لوندۇنغا ئۇچىدىغان ۋاقتىم ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تاماملانغان بولغاچقا ئايروپىلان بىلىتى ساتقۇچى تەرەپتىن مۇنتىزىم بولغان تالون ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئىدىم. بېلەت ساتقۇچى تەرەپ بىلەتنى ئالدىن ئۆزى سېتىۋېلىپ، بېلەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى مىنىڭ تۇرىدىغان جايىم بېيجىڭ مىللەتلەر ئىنىستىتوتىغا ئېلىپ كەلدى. ئانغىچە يۈك تاقلىرىمنى يۇغۇشتۇرۇپ تۇردۇم. پۇلنى بەردىمدە بېيجىڭ خەلقئارالىق ئايرودرومغا چاپتىم. شۇڭا قۇلۇمدا مۇنتىزىم بېلەت ئاتچوت قىلىدىغان ھېچقانداق ھۆججەت يوق ئىدى. ئەمما يىغىن تەشكىللىگۈچى تەرەپ قۇلۇمدىكى ئۇچۇرغا قاراپلا بىلەتنىڭ پۇلىنى، تاماق پۇللىرىمنى نەق مەيداندا بەردى. ئۇلار مىنىڭ ئېغىزىمدىكى گەپكە ئىشەنگەن ئىدى. ھەتتا ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان بىلەتنى مانچە پۇلغا ئالدىم دېگەن ئىدىم. شۇ پۇلنىمۇ بىرىۋەتتى. مىنىڭ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ۋە ئىنسانغا قانچىلىك ئازادىلىك ۋە بەختىيارلىق تۇيغۇسى بىرىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم يات بىر ئەلدە ھىس قىلىپ ئۆتتۈم. بۇ يەردە ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى تۈزۈم ۋە قائىدە-رەسمىيەتلەر ئالدىدا يەنىلا چوڭ ئىدى.

 

يۇرتىمىزدا ئەگەر ھەرقانداق بىر تالوننى ئاتچوت قىلماقچى بولساق چوقۇم ھۆكۈمەتكە ئۆتىدىغان مۇنتىزىم ھۆججەت كىتىدۇ. بۇ نەرسىلەرنى تېپىپ، باجلىرىنى تۈلەپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىرەر باشلىقىنىڭ ئاتچوت قىلىنسا بولىدۇ، دىگەن ئىمزايى چۈشمىسە پۇلنى ھەرگىز ئالغىلى بولمايدۇ. ئاندىن كىيىن مالىيە ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئۆچىرەت تۇرۇپ پۇل ئالىدىغان گەپ.

 

غەرب دۆلەتلىرىدە كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچ ۋە قىممەت كىشىلىك تۇرمۇش مىزانى سۈپىتىدە ناھايىتى چوڭ كۈرىلىدۇ. بىزنىڭ غەرپ دۆلەتلىرىدە ياشاپ باققان، ئىلىم تەھسىل قىلغان كىشىلىرىمىز بۇنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. غەرب دۆلەتلىرىدە بىر نەچچە يىل تۇرۇپ كەلگەن كىشىلەر بۇ يەردىكى يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق ۋە قويمىچىلىقلاردىن رايى يانىدۇ. جۇڭگو خەلقى قەدىمدە ئۈزىنى ئەخلاق دۆلىتى يەنى 礼仪之邦دەپ ئاتايتتى. ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئۆزىمىزنى يۈكسەك ئەخلاقلىق، تىرىشچان، پاكىزە دەپ تەرپلەيتتۇق. ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىر-بىرىمىزدىن ئەنسىرەپ، پۇللىرىمىزنى بانكىغا ساندۇقلارغا مەھكەم تىقىپ قۇيىمىز، دوستلىرىمىز، تونۇش-بىلىشلىرىمىز يوقسۇزلۇق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتسە ھېچكىمنىڭ كارى يوق. دوختۇرخانىلار ئەڭ ئالدى بىلەن پۇلنى تۇنۇيدۇ، بىر كىشى ئۈلۈشكە ئاز قالسىمۇ، دورا-ئوكۇل پۇلىنى تۈلىمەپسىلەر، دەپ قاراپ تۇرىدۇ.

 

بىز بىر-بىرىمىزگە يالغان ئېيتىپ كىشىلىك ئىززەتكە خىيانەت قىلىمىز. بىر-بىرىمىزنى ئالداپ، تويماس نەپسىمىز ھەلەكچىلىكىدە كىشىلىك ساپايىمىزنى تۈگەشتۈرىمىز. بىز بىر-بىرىمىزنى رەھىم-شەپقەت قىلمايمىز. ھايۋانلارغا ئوخشاش بىر ئولجا تاپساق تەڭ خىرىس قىلىپ بىر-بىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئولجىنى يەيمىز. بىزنىڭ ساپايمىز، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىمىز، ئەخلاق ئۆلچىمىمىز ئىگىز بىنالار، ئېسىل ماشىنىلار، يالتىراق شۆھرەتلەر ئارىسىدا يىگىلىگەن، سۇسلىغان. قىسقىسى، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچ ھۆرمەت ۋە قىممەت دەرىجىسىگە كۆتۈرەلمەستىن، ھايۋانىيلىق خۇسۇسىيەت تەرەپكە قاراپ ئېغىۋاتقان. مەسىلەن: ئەگەر لوندوندا كوچىلاردا ، ماشىنىلاردا كىشىلەر ئۆز-ئارا سۈركىلىپ كەتسە سوقۇلغۇچى تەرەپمۇ سىزدىن بۇرۇن ”كەچۈرۈڭ“ دەيدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە كىشىلەر بىر-بىرىنى ئۆرىۋەتسىمۇ كارى يوق كىتىۋۋىرىدۇ. بىز تېخى ئۇلاردەك ئالدىراش ئەمەس، ئەمما ئاممىۋى ئەخلاقتا ئۇلاردىن ئۈگىنىدىغان تەرەپلەر خىلى كۆپ.

 

مىنىڭ بۇنداق دىيشىم ھەرگىزمۇ ئايروپىلان بىلىتىنىڭ ئىشى ئۈچۈنلا ئەمەس. لوندۇندا بىر قېتىم يەر ئاستى پويىزىنىڭ بىلىتىنى يۈتۈرۋەتتىم. چىقىدىغان ۋاقىتتا چوقۇم كارتا سىيرىغۇچقا سېلىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمما مەن كارتامنى تاپالمىغاندىن كېيىن خىزمەتچى خادىم توسۇقنى ئېچىۋەتتى. ئادەتتە لوندۇندا يەر ئاستى پويىزلىرىدىن بىلەتسىز چىقىشقا توغرا كەلسە خەلق پۇلىدا 250يۇەن جەرىمانە تۈلەش كىرەك ئىكەن. يەنە بىر قېتىم خىزمەتچى خادىم ئاپتۇماتىك بېلەت ئالالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، (كېچە سائەت 11 بولغان بۇلۇپ، بېلەت ساتىدىغان خادىم ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى)، مىنى يەر ئاستى پويىزىغا چۈشۈشكە رۇخسەت قىلدى. يۇرتىمىزدا يول قۇيسا بۇلىدىغان جايلاردا قانۇن-سىياسەتلەر ئالاھىدە تەكىتلىنىپ يول قۇيۇلمايدۇ. چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك، قانۇنلۇق ئىشلار ئەمەلىي شارائىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىكار قىلىنىۋېىتىدۇ ياكى قانۇن سىياسەت دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

 

تونۇش بىلىشلىرىمىنىڭ ئارىسىدا چەتئەلدە بىر نەچچە يىل تۇرۇپ بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن بۇ يەردە كىشىلەر ئارىسىدا ئىشەنچ يوقكەنغۇ، دەپ ئاغرىنىدىغانلار كۆپ. چەتئەلدىكىدەك ئويلاپ بۇ يەردە زىيان تارتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. قىسقىسى، بىز كىشىلىك ئەخلاقىمىزنى، قىممەت قاراشلىرىمىزنى، ئادىمىيلىك پىرىنسىپلىرىمىزنى بىر قېتىم ئىسلاھ قىلىشقا موھتاج. ئۇنداق بولمايدىكەن زامانىۋى ئېگىز بىنالار ئارىسىدا قورشىلىپ ئەقلى بۇلغاندىن ھايۋاندىن پەرقىمىز قالمايدۇ. ئېگىز بىنالار، ھەشەمەتلىك ئۆي ۋە ماشنىلارنىڭ كىشىلىك ئەخلاق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوق. كىشىلەردە شۇنداق بىر ئورتاق قاراش بار: تەرەققىي قىلدۇق، شەھەرلەشتۇق، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر مۇرەككەپلەشتى، ياشاش تەسلەشتى، شۇڭا بىر-بىرىمىزگە ھۇشيار بولمىساق، ئولجىغا ئېرىشسەك چىڭ تۇتمىساق بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. لوندۇندا ئېگىز بىنالار ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئادەتتە تۇرالغۇ ئۆيلەر ئۈچ قەۋەتتىن، مىھمانخانا ۋە باشقا بىنالار يەتتە-سەككىز قەۋەتتىن ئاشمايدىكەن. يىغىپ كەلسەك ئۇلار بىزدىن ئالدىراش. بىزدىن كۆپرەك ئىشلارنى قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكى يەنىلا چوڭ. ئۇ يەردىمۇ ئۆي سېتىۋىلىش، خىزمەت تېپىش ئوڭاي ئەمەس. ئەمما كىشىلىك قەدىر-قىممەت خار ئەمەس.

 

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا بىزمۇ تەرەققى قىلىدۇق. ئېگىز-ئېگىز بىنالىرىمىز بار، ھەممە كىشىلەر ماشىنىلاشتى، شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھە، مۇلازىمەت قاتارلىقلار تەرەققى قىلدى، ئىقتىسادىمىز مانچە سۈئەت بىلەن باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشتى. مانا بۇ تەرەققىيات دەپ قارىشى مۇمكىن. مەن لوندۇندا بىر نەچچە تونۇشۇمدىن سورىدىم. تەرەققىيات ھەرگىزمۇ ئىقتىسادنىڭ ئىششى بىلەن تەڭ ئۇقۇم ئەمەس ئىدى. ئىنساننىڭ تەرەققىياتى ھەرگىزمۇ قانچىلىك بايلىققا ئىگە بولغانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى قانچىلىك ساپاغا ئىگە بولغانلىقىنى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە دىمكىراتتىيەلەشكەنلىكى، ئادەمنىڭ قىممىتىنىڭ ئىجتىمائىي پىرىنىسپ، تۈزۈم ۋە ئەخلاق نورمىلىرىدا قانچىلىك دەرىجىدە ئىپادىلەنگەنلىكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. لوندۇندا كۇچا ئاپتوبۇسلىرى ۋە يەر ئاستى پويىز قاتارلىقلارغا بوۋاق بالىلارنى ھارۋىسى بىلەنلا ئېلىپ چىققىلى بۇلىدۇ.بىزنىڭ بۇ يەردە بالىلار يەسلىگە بارالىغۇدەك بولغاندىلا ئاندىن سىرتتىكى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىدۇ. گەرچە لوندۇننىڭ يەر ئاستى پويىز سىستېمىسى 1863-يىلىدىن باشلاپ لايىھىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەرقانداق بىر قۇرۇلۇش ۋە تۈزۈلمىدە ئادەمنىڭ ئىھتىياجى كۆزدە تۇتۇلغان بولىدۇ. يوللارنىڭ قىزىل چىراقلىرى ئاپتۇماتىك يانماستىن پىيادىلەر كىلىپ كونۇپكىنى باسقاندىن كىيىنلا ئاندىن ماشىنلار توختاپ پىيادىلەرگە يول بىرىدۇ. قەدىمدە مىسىر پىرئەۋنلىرىدەك، ئەلى بابادەك، قارۇنلاردەك باي كىشىلەر بولمىغان. ئەمما ئۇلار غايەت زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان دىگىلى بولمايدۇ. ھازىر ئۇلار بىلگەننى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بالىلىرى بىلىدۇ. بىزنىڭ قۇرغان شەھەرلىرىمىز، تۈزگەن تۈزۈمىمىز، ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىز يىغىپ كەلسەك ئىنساننىڭ بەختلىك ياشىشى ئۈچۈن، ئىنساننىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىشى ئۈچۈن. مەن بۇ يەردە كۆزدە تۇتىۋاتقان ئىنساننىڭ بەختى ھەرگىزمۇ ماددى جەھەتتىكى تولۇق راھەت-پاراغەتنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ماددىيلىق بىلەن مەنىۋىلىكىنىڭ ئۆز-ئارا جىپسىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە يەر شارىنى يەتتە ئاتوم بومبىسى ۋە بىئولوگىيلىك قۇراللار بىلەن بىر دەمدە كۇمپەيكۇم قىلغىلى بولىدۇ. يەر شارىدا ھازىرغا قەدەر بايقالغان تەبىئىي بايلىقلار ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ دەرىجىدە 100يىل پايدىلىنىشىغا يەتمەيدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن تېخى ئالدىدا ماڭىدىغان يوللار ئۇزاق. كۆز ئالدىمىزدىكى نەرسىلەر بىزگە مەڭگۈلۈك ئەمەس…

 

3

 

لوندۇندا يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن بىر نەچچە كۈن ساياھەتتە بولدۇم. يىغىن تۈگىگەن تۇنجى كۈنى كەچتە يىغىن رىياسەتچىلىرى تەرىپىدىن كونسېرت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىر نەچچە مۇزىكانت نۇمۇرىدىن كىيىن، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۇرۇندالدى. تاماششىبىنلار ئىسقىرتىپ، چاۋاك چېلىپ ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىپادىلەشتى. بۇ كونسېرتقا بىر نەچچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قاتناشقان بۇلۇپ، بەزىلىرى لوندون ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، بەزىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى. كونسېرت تۈگىگەندە بىر نەچچە ئۇيغۇر بىلەن تونۇشتۇم ۋە ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۇچۇرلارنى قەيەردىن بىلىدىغانلىقىنى سورىسام، ئەزىز ئەيسا ئاكىمىزنىڭ تارقىتىدىغانلىقىنى دەپ بەردى. ئۇ لوندوندىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى ئۇچۇرلارنى توردىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا يەتكۈزۈپ تۇرىدىكەن ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە تەشكىللەيدىغان ئۇچۇق سۆز زىيالىي ئىكەن. شۇ يەردە تۇنۇشقان بىر تۇنۇشۇم مىنىڭ ئالدىن زاكاز قىلىپ بولغان ياتىقىمنى قايتۇرۋەتكۈزۈپ، مىنى ئۈيىگە ئېلىپ كەتتى. بىر قان، بىر ئىتنىڭ مەنبەنىڭ راھىتى ماڭا قۇچاق ئېچىۋاتاتتى. تونۇشۇمنىڭ ئۈيىگە بارغاندىن كېيىن ئۇلار مىنى پولوغا تەكلىپ قىلدى، پولو شۇنچىلىك ئوخشىغان بولسىمۇ، نەچچە كۈنلۈك سەپەر ۋە يىغىن ھاردۇقى بىلەن ئۈزۈمنى كارىۋاتقا تاشلىۋەتتىم.

 

لوندۇندا يىمەكلىكلەر ناھايىتى ساپ بۇلۇپ، مېۋە-چىۋىلەرگە خىمىيىلىك دورىلار ئىشلىتىلمەيدىكەن. بانان قاتارلىقلار مىۋىلەر كۆپكۆك سېتىلىدىكەن. بۇ يەردىكىدەك تېشىغا دورا سۈركەپ سارغايتىلمايدىكەن. ئېزىزكامنىڭ ئۈيىدە تاماقلىنىش، تونۇشۇمنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە رېتىمى ھەققىدە مەلۇم تۇنۇشقا ئىگە بولدۇم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلار ۋەتەندىكى قىرىنداشلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە مەندىن سۇراپ قالدى. مەن چەتئەلگە چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش، ئولتۇراقلىشىش قاتارلىقلارنىڭ بىزدەك بىر مىللەت ئۈچۈن ناھايتى تەستە كېلىدىغان ۋە ئىشقا ئاشىدىغان پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا چەتئەلدە ياشاۋاتقانلارغا قول قۇيىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم. چۈنكى ۋەتەندىن، قىرىنداشلىرىدىن، دوستلىرىدىن، ئۆز مەدەنىيىتىدىن ئايرىلىپ ئۈزىگە ناتۇنۇش بىر مۇھىتتا جان بېقىش، ھايات كەچۈرۈش ئىنتايىن جاپالىق ئىشلارنىڭ بىرى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاتا-ئانا، قىرىنداشلىرىمىزدىن، تۇپرىقىمىزدىن، قانداشلىق تۇيغۇسى ئىچىدىكى شىرىن مۇھەببەتلەردىن كىچىپ يات بىر مۇھىت ئىچىدە ھەممىنى يېڭىدىن باشلىشىمىز كېرەك. بىز چىرايلىق كىيىم كېيسەك، ئۇ يەردە چىرايلىقكەن دەپ ماختاپ قۇيىدىغان دوستلىرىمىز بولمايدۇ. بىز جان بېقىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرسەك، بەك ئۈزۈڭنى ئۇرۇپ كەتمە، بىز بار، دەيدىغان ئاتا-ئانىلار قېرىنداشلار بولمايدۇ. يات بىر مۇھىتتا ياشاش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى ئۆگىنىش كېرەك. چەتئەلدە بۇ يەردىكىدەك ئىشخانىغا ئەتىگەن كىلىپ گېزىت ئۇقۇپ كۈن كەچ قىلىپ مائاش ئالىدىغان ئىش يوق.

 

سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، ئوقۇش ۋە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن بىزدە راۋان بولغان ئېنگىلىزچە سەۋىيە بۇلۇشى كىرەك. ئەگەر ئېنگىلىزچە بىلمىسەك ھەرقانداق ئىشنى قىلالىساقمۇ، بىر يەرگە بېرىپ ئىشلىيەلمەيمىز، مەقسىتىمىزنى ئىپادىلىيەلمەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىشنىڭ بىرىنچى ئاساسى تىل بولۇپ قالىدۇ. چەتئەلدە تېخى خالىغانچە ئىش تېپىپ ئىشلىگىلى بولمايدۇ. مەلۇم بىر ئورۇندا 8سائەت ئىشلىسەك باشقا جايلاردا ئىشلەش ھۇقۇقىمىز بولمايدۇ… جۈملىدىن يات بىر مۇھىتتا جان بېقىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭا چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روھىغا قول قويۇش، تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىش كېرەك. قېنى ئېنگىلىزچە بىلمەيدىغان، جاپالىق مۇھىتلارغا كۆنەلمەيدىغان قايسى بىرىمىزنى پوككىدە چەتئەلگە تاشلاپ قويسۇن، قانچە كۈن ياشىيالايدىكەنمىز؟ شۇڭا مەيلى ئۇلار قانداق ياشىسۇن، ياشاش جەھەتتە بىزدىن ئارتۇقراق تالانتلارنى ھازىرلىغانلاردۇر. چەتئەلدىكىلەرنىڭ تىرىشچانلىق، جاپا تارتىش روھىدىن ئۈگىنىش كىرەك. يۇرتىمىزدا ئۈيىمىزدىن بەش كىلومىتىر كىلىدىغان مۇساپىدە خىزمەت قىلىپ قالساق چۇقۇم ماشىنا ئالمىساق ۋە ئۆينى شۇ يەرگە ئالماشتۇرمىساق پۇخادىن چىققاندەك بولمايمىز. ئەمما بۇ يەردە ئۆيدىن 20-30كىلومىتىر كىلىدىغان جايدا خىزمەت قىلىش نۇرمال ئىش. گەپنىڭ قىسقىسى، ئۈرۈمچىدە ياشاش بېيجىڭدە ياشاشتىن ئاسان، خۇتەندە ياشاش ئۈرۈمچىدە ياشاشتىن ئاسان(ماددى جەھەتتىن).

 

چەتئەل تۇرمۇشى كۆپ كىشىلەرنىڭ تەلپۈنۈش ئوبىكتى بولسىمۇ، ئەمما ياشاش ئۇنچىۋالا ئاددى ئەمەس. شۇڭلاشقا بەزىدە ئىقتىسادىي ۋە روھىي جەھەتتىن ۋەتەندە ياشىغاندىن تەس كۈنگە قالىدىغان گەپ. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ماگىسترلىق ئۇنۋانى ئالدىم. ئەمما ئەنگىلىيەدە بۇ سەۋىيە تۇلۇق كۇرس سەۋىيەسىگە تەڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ مائارىپ سىستېمىسى بىزنىڭكىدىن ئىلغار. ئىجادچان ۋە ئەركىن تەپەككۇرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇلارنىڭ مەقسىتى بولسا، بىزنىڭ مائارىپىمىز ئىمتىھان قەغىزىدىكى نومۇر بىلەن ئادەم ئۆلچەيدۇ…دېمەك، چەتئەلدە ياشاش ئۈچۈن بىزدە مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىدار ۋە ساپا بۇلۇشى كېرەك. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ھەممىنى يېڭىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. جاپا تارتىمىز، رىيازەت چىكىمىز، تەنھالىقتا قالىمىز، مىھىر-مۇھەببەتكە تەشنا بولىمىز…. ئەمما، ئۇ يەردە ئىنسان قەدىر-قىممىتىگە، مىسلىسىز بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىرىشكىلى بولىدۇ…

 

شۇ كۈنلەردە پارىڭىمىز ۋەتەندىكىلەرنىڭ ئۇلارغا قانداق قارايدىغانلىقى ئۈستىدە بۇلۇپ، مەلۇم بىر تور بېكەتتىكى ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىگە قارىتا يېزىلغان باھالارغا كۈزۈم چۈشتى. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى 2006-يىلى لوندون ئونۋېرسىتېتىنىڭ شەرق، ئافرىقا تەتقىقات بۆلۈمىدە بىر يىلدەك زىيارەتچى تەتقىقاتچى سۈپىتىدە تۇرغان بولۇپ، ”لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى“ دېگەن تىمىدا شېئىر يېزىپ ”شىنجاڭ مەدەنىيتى“ ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ئىدى. مەن ”شىنجاڭ مەدەنىيتى“ ژورنىلىدا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ لوندون ھەققىدىكى يەنە بىر پارچە ماقالىسىنىمۇ ئوقۇغان ئىدىم. ھېلىقى شېئىرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ جاپالىق، تەنھالىق تۇرمۇشى ھەققىدە مەلۇم تۇنۇشقا ئىگە بولغان ئىدىم. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شېئىرىدا لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن نۇقسانلىرى كۆپرەك تەسۋېرلەنگەن ئىدى. مەن ئىلگىرى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ باشقا يازمىلىرىدىن ھەرقانداق بىر شەيئىگە تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتىدىغان خاراكتىرىنى بىلىپ يەتكەنىدىم. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى باشقا جانباقتى ۋە ئۈزىدىن-ئۆزى ھۇزۇرلىنىپ يۈرىيدىغان باشقا يازارمەنگە ئوخشىمايتتى. ئۇ باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە بىزنىڭ كەمچىلىكلىرىمىزنى بىزدىن بۇرۇن كۆرگەن تالانتلىق كىشى ئىدى. ئەمما لوندۇندا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا توردىكى سېسىق گەپلىرىنى بىرمۇ-بىر ئۇقۇپ چىقتىم ۋە ”لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى“ دېگەن شىئېرنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. قارىسام لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئۇنچىلىك دەرىجىدە ناچار ئەمەس ئىدى. ئۇلار يەنىلا بىزگە شۇنچىلىك قىزغىن ئىدى. يات بىر مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئىدى. ئۇلار ماڭا ئۇزىنىڭ جاپا تارتىشىنىڭ نەتىجىسىنى كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرى كۆرىدىغانلىقى، ئۆزى جاپا تارتسىمۇ پەرزەنتلىرى كىيىنكى كۈنلەردە باشقا ئەنگىلىيىلىك بالىلارغا ئوخشاشلا كۈن كۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يازمىسىغا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئىنكاس قايتۇرغان بۇلۇپ، ئىنكاسلانىڭ ئۇمۇمىي خاھىشىدىن قارىغاندا ئابدۇقادىر جالالىدىنغا نىسبەتەن نارازىلىق ئىنكاسى چوڭ ئىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چەتئەلدىكى، بۇلۇپمۇ لوندۇندىكى ئۇيغۇرلار ھېلىقى شىئېردا تەسىۋىرلەنگەندەك ئۇنداق ناچار تۇرمۇش كەچۈرمەيتتى. ئۇنداق چېچىلاڭغۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنداق بىر-بىرىنى ياراتمايدىغان، كۈرەلمەيدىغان، چىقىشالمايدىغان، قاچىدىغان ئەمەس ئىدى. ئۇلارمۇ لوندوندىكى باشقا كۆچمەنلەرگە ئوخشاشلا بەزىلىرى كۆچمەنلەر رايۇنىدا، بەزىلىرى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى تەبىقە رايۇنلىرىدا ئولتۇراقلىشىپ ياشايتتى…

 

يىقىندا ئابدۇقادىر جالالىدىن يازغان ”مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى“ دېگەن كىتاب نەشىر قىلىندى. مەن بۇ كىتابنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. ئوقۇپ بۇلۇپ ئۇستازنىڭ بۇ كىتابىنىڭ ياپۇنىيە ھەققىدىكى ”ئۆزلۈك بوسۇغىسىدا“ ناملىق كىتابتەك مۇۋاپىقىيەتلىك چىقمىغانلىقىنى بايقىدىم. ”ئۆزلۈك بوسۇغىسىدا“ ياپۇنلار بىلەن بىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، خاراكتېرىمىز سېلىشتۇرۇلغان، ئارتۇقچىلىق، كەمچىلىكلەر پاكتلىق ھالدا سېلىشتۇرۇلغان بۇلۇپ، ھەممە كىشىنى قايىل قىلاتتى. ”مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى“ دا گەرچە لوندون ھەققىدە ئۇمۇمىي ئۇچۇر بىرىلگەن بولسىمۇ، ھازىرقى مەۋجۇتلۇق ھالىتىمىز ھەققىدە ئويلىنىشلار ئاز ئىدى.

 

مىنىڭ نەزىرىمدە ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ھېلىقى شىئېردا لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى بەك چۈشۈرۈۋەتكەن ئىدى. شۇڭا بەزى ئىنكاسلار خىلى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئىدى. ”مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى“ دېگەن كىتابنىڭ ئۇمۇمى ۋەزنىدىن قارىغاندا ئابدۇقادىر جالالىدىن لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق ئۇيۇشۇش ئىچىدە ئۆتۈشىنى، بىر-بىرىنىڭ ئەيىبىنى يېپىپ، بىر-بىرىگە سىرداش بۇلۇشنى، كۈچلۈك جامائەت توپى شەكىللەندۈرۈپ بەلەن ياشىشىنى ئۈمىد قىلغاندەك ئىدى. گەرچە بۇ ناھايىتى ياخشى تىلەك بولسىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىن ئىشلارنىڭ بىرى. ئۆز يۇرتىمىزدا تۇرۇپ ئۇيۇشۇشنىڭ كۈچىنى كۈرەلمىگەن يەردە، ھەركىم ئۆز غېمى بىلەن ئالدىراش يۈرىۋاتقاندا كوللېكتىپ ھەققىدە ئويلىنىش مۇمكىنمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەلدىكى ھەرقانداق بىر خىزمەت ئىندىۋىدۇئاللىققا مايىل بولۇپ، ئالاھىدە توپ شەكىللەندۈرۈپ ياشاش تەس. ئۆز يۇرتىدىن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بىرىپ، باشقا يۇرتتا قەدىر-قىممەت ئىزدەۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارزۇسىدەك ياشاش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس. مىنىڭ نەزىرىمدە ئابدۇقادىر جالالىدىنىنىڭ ھېلىقى شېئىرىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ بەزىسى خىلى ئۇرۇنلۇق ئىدى. ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويغان ئىدى. لوندۇندىكى ئۇيغۇرلار روھىي ۋە ماددى جەھەتتىن ئۇنداق ناچار ئەمەس ئىدى. بىز نىمىشقا ئۇلارنىڭ ئاز-تۇلا كەمچىلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمىز؟ ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئابدۇقادىر جالالىدىن بىر نەچچە يىل تەلپۈنگەن لوندۇنمۇ شۇ ئىدى. قاقشاشنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق ئىدى، ئۇلار ئابدۇقادىر جالالىدىن قاقشاشنىڭ ئورنىغا ياراملىق پەرزەنتلەرنى تەربىيلەپ ساپالىق كىشىلەر قىلىپ تەربىيلىشى كىرەك. دەپ قارايتتى. ئابدۇقادىر جالالىدىن ”مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى“ ناملىق كىتابىدا ئېيتقاندەك گەرچە كىشىلەرنىڭ بۇ شېئىر ھەققىدىكى ئىنكاسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ لوندوندىكى تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىش، پۇل تېپىش ئۈچۈن قۇرۇلۇش ئورنىدا كۆزەتچىلىك قىلىپ باققان، نەچچە قېتىم ئۆي كۈچۈپ باققان ئىدى. ئەگەر بىز بىز ئىنتىلگەن تۇرمۇشنىڭ جاپالىرىدىن ياكى كىشىلەرگە كەلتۈرگەن بېسىملىرىدىن قاقشاپ يۈرىيدىغان بولساق، بۇنداق تۇرمۇشنىڭ جاپاسىنى راھەت كۆرمىسەك، ئارزۇسىز، نىشانسىز ھالدا ئېتىزدىكى قۇرتتەك تەييارنى يەپ ئۆتۈپ كىتىدىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدە نىمە دىيش مۇمكىن؟ توغرا، بەزى كىشىلەر لوندۇندىكلەرنىڭ ھەق ئەھۋالى يېزىلىپتۇ، دىيشىتى. ئەمما بىز ئۈزىمىزنىڭ يۇرتىمىزدىن، تۇرمۇشىمىزدىن بۇنداق ھەقلەرنى قازىدىغان بولساق، ئاچچىقتىن ئۆلۈپ كېتىمىز. ئادەمنىڭ قىيىن تۇرمۇشتىكى مۇھتاجلىقى كۈچلۈك ئىرادە ۋە مەدەتكە مۇھتاج، بۇلۇپمۇ يات مۇھىتتا تېخىمۇ شۇنداق.

 

ئادەتتە بىز دۇنيانى مۇنداق ئىككى كۆز بىلەن كۆرىمىز. بىرى، ئۆزىمىزنىڭ كۈزى. يەنە بىرى، باشقىلارنىڭ كۈزى. ئۆزىمىزنىڭ كۈزى بىلەن دۇنيا كۈرۈش ئۈچۈن بىز باشقا يۇرتلارغا سەپەر قىلىشىمىز كىرەك. سەپەر جەريانىدا خاتا تۇيغۇغا كىلىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن باشقىلار ھەققىدە بىزدە مەلۇم زاپاس بىلىم بۇلۇشى كېرەك. مۇنداق بولمىغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ بەيگە مەيدانى(赛马场) چىققان كىشى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار بەيگە مەيدانىدىلا ياشايدىكەن، دېگەن تۇيغۇغا كىرىپ قالىدۇ. جۈملىدىن شەخسىنىڭ باشقىلار ھەققىدىكى بىلىش سەۋىيەسى ئۇزىنىڭ كەچۈرمىشىلىرىگە، بىلىم سەۋىيسىگە كۆپرەك ئاساسلىنىدىغان بولغاچقا، مەلۇم بىر ئوبىكىت ئۈستىدە كىشىلەردە نۇرغۇنلىغان قاراشلار بۇلىدۇ. مەسىلەن ئۈرۈمچى ھەققىدە جەنۇب كىشىلىرى بىلەن شىمال كىشىلىرىنىڭ باھاسىدا رۇشەن ئوخشىماسلىقلار بۇلىدۇ. بىز بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە نۇرغۇن باھالارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ باھالار ئىچىدە: ئامېرىكا بارىدىغان يەر ئەمەسكەن، بالىلىرىمىز تۈگەشتى، بالىمىزنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىمىز سورۇلۇپ تۈگىدى، بالىلىرىمىز ئۇ يەردە بىر نانغا زار ئىكەن، دېگەن باھالارنىمۇ، دۇنيادا ئامېرىكىدىن باشقا دېموكىراتىيە ئومۇملاشقان، ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ئۇنىڭدىن ئىلغارراق بىر دۆلەت يوق، دىگەندەك باھالارنىمۇ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. دېمەك، بالىسىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىقتىسادى سورۇلغان بىر كىشى بىلەن ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كەڭتاشا ئوقۇغان بىر كىشىنىڭ ئامېرىكا ھەققدىكى باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ.

 

دۇنيانى كۈرىدىغان ئىككىنچى كۆز باشقىلارنىڭ كۈزى. بىز باشقىلار يازغان كىتابلارنى، ئېلان قىلغان ماقالىلەرنى، ئىشلىگەن كىنولارنى، تور بېكەتلەرنى كۈرۈش زىيارەت قىلىش، باشقىلارنىڭ تەسىراتلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق يات جايلارغا بولغان قىزىقىشىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرىمىز ۋە بۇ ھەقتە بىلىمگە ئىگە بۇلىمىز. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كىرەككى، باشقىلارنىڭ بىزگە چۈشەندۈرىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ %100ھالدىكى توغرا بىلىم ئەمەس. ئۇنىڭغا كىنو ئىشلىگۈچىنىڭ غەرب تۇرمۇشى ھەققدىكى گۈزەل تەسەۋۋۇرى، تور بىكەت قۇرغۇچىنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن كىچىكىنى چوڭ قىلغان قىلمىشلىرى، يازغۇچىغا نىسپەتەن ئۈزى كۆرگەن كۈرۈنۈشلەرنى سېلىغداپ كۆرستىدىغان ماھارەتلىرى سىڭىپ كەتكەن بۇلىدۇ. مەسىلەن: بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكىدا قىز-ئوغۇللار ھەرقانداق بىر سورۇننى ئۇزىنىڭ يات جىنىسقا بولغان قىزىقىشىنى باسىدىغان ئۇرۇن قىلىلايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بىز ئەر-ئاياللارنىڭ شاللاق قىلىقلىرىنى كىنولاردىن كۆرۈپ، يات ئەللەر شۇنداق دەپ خاتا تۇنۇشقا كىلىپ قالدۇق. ئاندىن كىيىن كىنولارنى دوراپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدۇق. بۇنىڭ بىلەن يۇرتىمىزدا كىنولاردا تەسۋېرلەنگەن ھەرقانداق بىر شەكىلدىكى جىنسىي قىلمىش تېپىلىدىغان بولدى، بىز مۇسۇلمان ئەۋلادى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇق. ئەگەر كىشىلىرىمىزگە ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىشى قانۇنلۇق قىلىپ بېرىلسە، كىشىلەر بىر-بىرىدىن ئۇيالمىسا، بۇ يەردىمۇ ئوخشاش جىنىسلىقلار توي قىلىۋۋېرىدۇ. بۇ پاكىت. بۇ يەردە ئوخشاش جىنىسلىقلار يۇشۇرۇن ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ، خالاس.

 

ئامېرىكىدىن كەلگەن بىر تۇنۇشۇم بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئەسلىدىكى ھايۋاناتلار باغچىسىدا تاماقتىن كىيىن بىر ئازا سەيلە قىلدۇق. بىز باغچىنى بىر ئايلىنىپ بولغۇچە چىرماش بۇلۇپ كەتكەن بىر نەچچە جۈپنى ئۇچراتتۇق. تۇنۇشۇم ھەيران قالدى. ئۇ سىلەر بەك ئۇچۇق بولۇپ كىتىپسىلەر، ئاممىۋى سورۇن ئەخلاقىغا رىئايە قىلمايدىكەنسىلەر، دېدى. مەن ئۇنىڭغان ھازىر ياشلار ئارىسىدا مۇنداق ئىشنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. ئۇ: ئامېرىكىدىمۇ مۇنداق ئىشلار بار، ئەمما كىشىلەر بۇنداق ئاشكارا ئەمەس. بۇنداق ئىشلار يۇشۇرۇن بۇلىدۇ. سىلەرگە ئېيتسام، يەرلىك ئامېرىكىلىقنىڭ بەزىسى سىلەردىن مۇتىئەسسىپ ۋە جاھىل، دېدى. مەن مىيقىدا كۈلۈپ قويدۇم. ئەنگلىيىدىكى كۈنلىرىمىدە كىشىلەرنىڭ كۇچا ئاپتوبۇسلىرىدا، يەر ئاستى پويىزلىرىدا بۇ يەردىكىدەك قۇچاقلىشىپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى، باغچىلاردا ئۆز ھەۋىسىنى قاندۇرىدىغانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەرنى ناھايىتى ئاز ئۇچراتتىم. توغرا، غەرب دۆلەتلىرىدە جىنسىيەت شەخسىنىڭ ئەركىنلىكى، ئەمما ئاممىۋى سورۇنننىڭ ئۈزىگە خاس ئەخلاقى بۇلىدۇ. بۇ يەردە ياغلىقنى ئوبداق چىگىۋېلىپ، كۇچا ئاپتوبۇسلىرىدا بەللىرىدىن چىڭ قۇچاقلىشىپ تۇرىدىغان قىز-يىگىتلەرنى كۆپ كۆرگەنمەن.

 

خۇلاسە قىلغاندا، مەدەنىيەت چەت ۋە ياقا رايۇنلاردا شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا تارقىلىدۇ. چەت رايون كىشىلىرى ھەمىشە مەدەنىيەتنى خاتا ئىستېمال قىلىۋېلىپ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن، قىممەت قارىشىدىن ناھايىتى ئوڭايلا تانىدۇ. چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ كۈزى ئارقىلىق دۇنيانى چۈشىنىدىغان بۇلۇپ، پەردازلانغان تۇرمۇش شەكلى، قىممەت قاراش ئۇلارنى ئۇزىنىڭ يىلىتىزىدىن تىزلا ۋاز كىچىپ، مودا ئېقىمغا ماسلىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىممەت قاراش ۋە ئەخلاقتا يىگىلەش يۈز بىرىپ، كىشىلەر ماددى مەئىشەت ھەلەكچىلىكىدە دىۋانە، ئەخلاق باغچىسىدا سەرسانە، مۇھەببەت كوچىسىدا ۋەيرانە بۇلۇپ قالىدۇ. سىز دۇنيانى قانداق چۈشىنىۋالسىڭىز دۇنيا سىزگە شۇنداق كۈرىنىدۇ، شۇ خلىدىكى نەرسىلەرنى ئاتا قىلىدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەخلاقى مىزانلىرى، كىشىلىك پىرىنسىپلىرى بىز ياشاۋاتقان مۇھىتقا ماسلىشالمىدى ئەمەس، بىز دۇنيانى خاتا چۈشۈنىۋالدۇق. ئىنسان ئۆز ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولغۇچى ۋە ئۇنىڭ جاۋابىنى بەرگۈچى.

 

4


Mutellip_Iqbal

لوندون ھەققىدىكى تەسىراتىم مۇشۇلاردىن ئىبارەت. ئەسلىدە بۇ خىلى بۇرۇنلا يېزىشقا تېگىشلىك ماقالە ئىدى. باشقا يۇرتقا ساياھەت قىلىپلا بىر نەرسە يازىدىغان يازارمەن بۇلۇپ قالماي دىگەن ئۈمىد بىلەن قۇلۇمغا قەلەم ئالمىغان ئىدىم. چۈنكى ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان چەتئەللىكلەر سىلەردە باشقا يۇرتقا ساياھەت قىلسىلا بىر نەرسە يازىدىغان ئادەت بار ئىكەن، دىگەن گەپلىرىنىمۇ ئاڭلىغانمەن. ئەمما نېمىلا بولمىسۇن، بىزدەك دېھقانچىلىقىنى ئاساس قىلغان بىر مىللەت ئۈچۈن دۇنيانى توغرا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ماقالە، كىتاب، كىنولار، گېزىت-ژورناللار دورىدەك لازىم ئىدى. بىزنى توغرا يېتەكلەيدىغان، يات تۇرمۇشقا توغرا قارىيالايدىغان يازارمەن، ناتىقلار بىزگە دوختۇردەك لازىم ئىدى.

 

ئادرېسى: ئىستانبۇل ئونۋېرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بۇيىچە دوكتۇر ئاسپىرانتى

 

Email: ikbal302003@yahoo.com.cn

http://mutellipiqbal.com

 

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !