مۇھەببەت قەلئەسى

مۇھەببەت قەلئەسى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun: Muhabbet_qelesi.mp3

 

باغلىغان قەلبىمىزنى مەۋھۇم مۇھەببەت،
چارچىغان كۈتۈشلەرگە تويۇنغان تاقەت.
تۇنجى قېتىمدا بىزنى ئۇچراشتۇرغان يەر ـ
ئاشىقلارنىڭ ئىستانبۇلى ـ سۇلتان ئەخمەت!


ۋىسال تېڭى ئاتقان يەر دېڭىزغا تۇتاش،
دېرىزىدە ئاي چىقىشنى كۈتىدۇ قۇياش.
چاناققەلئە شولىسى سۇدا لەيلەيدۇ.
يۇلتۇزلار كېلەر ئۇچۇپ بولۇشقا سىرداش…

 

بۇ باتۇر شەھەر، قەلئە دېڭىزدا قورغان،
يېڭىلـمەس روھلاردىن تاملىرى سوقۇلغان.
مەرمەر دېڭىزىنىڭ ئاستى ئۈنچىلەرگە لىق،
ھەر تېشىغا مۇھەببەتتىن پۈتۈك ئۇيۇلغان !

 

مەن دېگەنتىم دۇنيا گۈزەل سۆيگۈ بىلەن،
يۈزۈمگە يار ساچنى شامال ئۇرغاندا.
مۇھەببەت ئىلاھى بىزگە بەخت تىلىگەن،
بىز تۈنەپ شۇ كېچىدە يۇلتۇز سانىغاندا.  

 

دېڭىزغا قوشۇلۇپ رىزقىمىز ئاققاندا،
دان ئىزدەپ چايكىلار بېشىمىزدا ئۇچقاندا.
پىچىرلىغان ئىدىڭ «بىز ئەڭ بەخىتلىك» دەپ  ـ
گۈل چېھرىڭدىن مۇھەببەت نۇرى يانغاندا …

 

بۇ قورغاندا ئاشىق يوق ئەسىر بولمىغان،
مۇھەببەتكە مەڭگۈلۈك تەسلىم يازمىغان.
ئايرىلىشنىڭ يول خېتىنى قولىغا ئېلىپ،
بوينىغا ھىجراندىن زەنجىر باغلىمىغان!  

 

سەن بىر گۇۋاھ سۆيگىمىزگە چاناققەلئە،
ياشنىغىن قەلبىمىزدىن ئۇزاقلاپ كەتمە.
تىنچىماس دېڭىز دولقۇنىدەك يۈرىكىمىز –
پۈتۈلمەي مۇھەببەتتىن تولۇق ھېكايە!  

 

2013  ـ  يىلى، ئاۋغۇست، چاناققەلئە

 

 

_________________________________________________________

 


بۇ شېئىر باغداش مۇنبەرلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغان، مەنبە:

http://bbs.bagdax.cn/thread-45667-1-1.html

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !