مۇساپىر

Musapir

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun shi’éri: Musapir.mp3

 

مۇساپىرنىڭ ھەر كۈنى
مۇساپىرچە داۋام ئېتىدۇ
تەقدىرى قىسمەتكە باقمايدۇ
ھايات ئۆز قاياشىدا ئاقمايدۇ
ئالدىراڭغۇ ۋاقتىنىڭ
ئۆتۈشىدىن
ماكاننىڭ كۆچۈشىدىن
ئۆز ئەلىدىن يىراق ئەلدە
سېغنىشتىن پۇچىلانغان يۈرەك
بىرەر قېتىممۇ
بېشى ئاستىدىكى مامۇق ياستۇقنىڭ
يۇمشاقلىقىنى سەزمەيدۇ!


مەن كەزگەن بۇ يولىدا
تەلەيگۇلى گۈلى ئاسان ئېچىلمايدۇ
لەڭگەردە چارچىغان چۆل كارۋىنى
كېچىنىڭ يېرىمىنى
مۇساپىرنىڭ چۈشىدە تۈنەيدۇ!

جاھان كەزدى مۇساپىرمەن
مەجبۇرمەن
ئارقامدا قالدۇرماي
ئاتام ھەدىيە قىلغان مىراسنى
ئېغىر بولسىمۇ ئۆزۈم بىلەن
يۈدۈپ ماڭىمەن
ئەمما بالامنىڭ
مەندەك مىراسخور بولۇپ
بۇ دۇنيادا ياشىماسلىقنى تىلەيمەن!

 

ئاخشام ئۆيىنى سېغىنغان
چوڭ شەھەردىكى بۇ مۇساپىر
بىر چۈش كۆرۈپتۇ:
«ئۇ ئاستا يەر ئاستىدىن چىقىپتۇ
قۇم باسقان شەھەرنىڭ
يۇلتۇز ئۆچكەن ئاسمىنىغا بېرىپتۇ
دونكىخوتنى دوراپ
يۈركىنى قولى بىلەن سۇغۇرۇپ ئېلىپ
چىراق قىلىپ يېقىپتۇ!»

 

مۇساپىرنىڭ كۆڭلىنى
دېڭىزدەك كەڭرى دەيدۇ
گاھى تاشقىن بولارمىش
گاھى بۇلۇتتەك يۇمشاق
گاھى تاشتەك قاتتىق ئۇيۇپ كېتەرمىش
ئوتتۇرىدا قالغىنى
شام ئوتىدا پەرۋانىدەك
كۆيۈپ كېتەرمىش…
شۇڭا بۇ دەردىنى
بېشىغا كەلمىگەن كىشى بىلمەيدۇ!

 

يەر ئاستى ياكى ئۇستىدە
مەيلى ساق ۋە ساراڭدەك
ياشىسۇن مۇساپىر
كېچە ۋە كۈندۈزى پەرقسىز
مەن چۈشىنىمەن
ھايات شۇنداق يات ئەلدە!

 

مەن  
قاچان ئۆيۈمنى تېپىپ
توپا كېچىپ ئوينىغان بالىلىقنىڭ
چىغىر يولنى كۆرىمەن
بىلمەيمەن…
بىراق يۈركىمدىن
بۇ بىرى كەم تەڭسىز دۇنيادىن
مۇساپىرنىڭ ئارمانىغا يېتىپ
ياشىشىنى تىلەيمەن!

 

 

2015 – يىلى 26 – مارت لوندون يەر ئاستى پويىزنىڭ شىمالىي لىنيەسىدە كېتىۋاتقاندا يېزىلدى.

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !