قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي سەنۇبەر تۇرسۇن

قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي سەنۇبەر تۇرسۇن

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇش خۇسۇسىيىتىدىكى بارلىقى ئەمەس، ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھايات تومۇرىدۇر.

 

خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك قىزى، ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتور سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ 3 دانە ئۇن (audio CD) ۋە سىن (DVD) پلاستىنكىلىرى ئامېرىكا، ئىتالىيە ۋە تۈركىيىدە يېقىندا نەشردىن چىقتى. مەن ئاۋۋال بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھۆرمەتلىك سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنى ئۇتۇقلىرى بىلەن تەبرىكلەيمەن.

 

سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇش خۇسۇسىيىتىدىكى بارلىقى ئەمەس ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھايات تومۇرىدۇر. بىر مىللەتنىڭ يېتۈك مىللەت بۇلۇپ، باشقا بىر مىللەت تۈركۈملىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى، ئۆز مىللىي كىملىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئانا تىلى، ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان تۇپرىقى، مىللىي تارىخ ۋە مەدەنىيىتنىڭ بولۇشى زۆرۈر بولغىنىغا ئوخشاش، سەنئەت يەنى ناخشا – مۇزىكا مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە، كىشىلەرنىڭ مىللىي، ئۆزلۈك تۇيغۇسىنى ئويغىتىشتا ئوخشاشلا مۇھىم رول ئوينايدۇ….. ئىنساننىڭ بارلىق ئىلىمگە جۈملىدىن سەنئىتىگە شۇ قەدەر ماھىر بولغان، ئەلمىساقتىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىكىدە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى ھەر بىر دەۋر ۋە زامانغا يارىشا ئۆز سەنئىتىنى بېيىتىپ كەلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. مەدەنىيەتتىكى بۇ ئالاھىدىلىكنى ئوخشاشلا مىللەتنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان بارلىق مەدەنىيەت ئۆرنەكلىر بىلەن بىرىكتۇرۇپ ۋە تاكاممۇلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنى باشقا مەدەنىيەتلەردىن پەرقلەندۈرىدىغان خاس مىللىي كىملىك ئوبرازىنى شەكىللەندۇردى.

 

قىسقىسى بولۇپمۇ دۇنيا ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بىر گەۋدىلىنىشى ناھايىتى تىز ئەلەمگە ئېشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرنىڭ مۇڭلۇق، لىرىكىلىق ناخشا – مۇزىكىلىرىنىڭ خەلقئارادا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە چۈشەندۈرۈلىشى ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى باشقىلار تونۇيدۇ، بىلىدۇ، چۈشىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوبرازىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئىجابىي چۈشەنچىلەر تەبىئىيكى بىز ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئەگەر سىز ئۆز ئانا ۋەتىنىڭىزنىڭ سىرتىدا بىر مەھەل ياشاپ باققان بولسىڭىز بۇ خىل سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخارلىق ھېسىياتنى ئاسان چۈشىنەلەيسىز. چۈنكى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئوخشىمىغان ماكان ۋە زاماندا ئىپادىلەيدىغان مەنىسى كۆپ خىل ۋە چوڭقۇر. ئەگەر ئۇيغۇر سەنئىتى خەلقئارالىق سەھنىگە ئېلىپ چىقىلسا سەنئەتنىڭ مەنىۋى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى تېخىمۇ يۈكسەك ئورۇنغا كۆتۇرلىدۇ.

 

ئادەملەرنىڭ قېنىدىكى تەبىئىي خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بىرى ئۆزىدە قانداق نەرسە كەم بولسا شۇ نەرسىگە ئېرىشىشنىڭ يوللىرىدا كۈرەش قىلىشتۇر. بىز ياشاۋاتقان بۇ يەر شارى قارىماققا ئۆز ھەجمى جەھەتتىن خېلى چوڭ كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئىنسان ئەقىل بۇلىقى – ئىلىم، بىلىم ۋە تېخنىكىلىق ئۇقۇم جەھەتتىن كىچىك بىر مەھەللىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. چۈنكى تېگى – تەكتىدىن بىز ئىنسانلارنىڭ ئېيتىدىغان ناخشىمىز بىر ناخشىدۇر، چالىدىغان مۇزىكىمىز بىر ئاھاڭدۇر! ئادەملەر قەدىمدىن تارتىپ ناخشىنى پەقەت ئىككى مەقسەتتىلا ئېيتىپ كەلگەن – ئۇ بولسىمۇ خۇشاللىق ۋە قايغۇدىن ئىبارەت.

 

ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋادىلىرىدا ياشاپ، دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۆزگىچە خاس مەدەنىيىتىنى ياراتقان. ئەمما كىيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە دۇنيا ئىقتىساد ئالاقىسىنىڭ قورۇقلۇق يوللىرىدىن دېڭىز يوللىرىغا كۆچىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىدە ياشاپ كەلگەن بۇ خەلق ماكانىنىڭ دېڭىزغا يىراق بۇلىشى سەۋەبلىك دۇنيادىكى باشقا خەلقلەر بىلەن ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىدە يىتىم قالدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىي پرىنسىپىدىن چەتنىگەن سوپى – ئىشانچىلىقلىقنىڭ دىيارىمىزغا سىڭىپ كىرىشى ۋە خەلق ئارىسىدا ئومۇملىشىشى تەركىدۇنياچىلىقتىن ئىبارەت يىڭى پىكىر ئېقىمىنى قوزغىدى. نەتىجىدە جۇغراپىيلىك جەھەتتىن يىتىم قالغان خەلقىمىز روھىي جەھەتتىن بىخۇدلۇق، نادانلىق ۋە تەپرىقىچىلىك ئىللەتلەرگە قۇل بولدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا پەن – مەدەنىيەت يىڭىلىقلىرىدىن ئاستا – ئاستا چەتتە قالدى. باشقىلار دۇنيانى بويسۇندۇرۇش غەرزىدە بۇلۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇرلار دۇنيانى تەرك ئىتىش يۇلىغا قەدەم قويدى. قىسقىسى، ئۇيغۇرلار نۇرغۇن نەرسىللىرنى يوقۇتۇپ 20- ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىغا ئاران ئۇلاشتى… يۇقىرىقىدەك بىر تۇرلۇك تارىخىي سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئۇيغۇرلار دۇنياغا ناھايىتى ئاز تونۇلۇپ كەلدى.

 

بىر چەتئەل كۆرگەن ئۇيغۇر پەيلاسوپىمىزنىڭ ئېيتقىنىدەك (ئا.جالالىدىن) تەرەققىي قىلغان ئەللەردە قۇرت – قوڭغۇز، بىرەر ياۋا ئوت-چۆپلەر ئۈچۈن 10 نەچچە بەتلەپ قامۇسلىرىدا ئىزاھاتلار بېرىلگەن بولسا ئەمما دۇنيادا 12 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى بار، يەر – زېمىنى غەربىي ياۋروپا بىلەن تەڭ كېلىدىغان، ئۆز تىل – يېزىقى بار بولغان بىر مىللەتنىڭ تونۇشتۇرۇلمىغانلىغىنى، ھەتتا بۇ مىللەت ئىسمىنىڭ ئىنگىلىز يېزىقىدا يېزىلىشىمۇ تېخى بىرلىككە كەلمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇر مىللىتى Chinese muslim, Uyghur, Uighur, Uygur دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ، بۇ مىللەتنى تونۇشتۇرۇشقا يېرىم بەتلىك ئىزاھات ئۈچۈنمۇ ئورۇن بېرىلمىگەنلىكى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان ئاچچىق ھەقىقەت. ھەق سۆز ۋە رېئاللىق ھەمىشە ئاچچىق ۋە رەھىمسىز ئەمما بىز بۇقىسمەتلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ئۈزىمىز ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشىمىز زۆرۈر.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تۇنۇلالماسلىقى، تونۇلسىمۇ ئاز تونۇلۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭ سەۋەبلىرى تارىخي ئامىللارغا چېتىشلىق ئەلۋەتتە. چەتئەلدە ئۇيغۇر ئوبرازىنىڭ ئاجىز بولۇشىدىكى قىسمەت تۇپەيلى ”مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس“ دېگەندەك بۇ ھالەت ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بولۇپمۇ ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ مۇھاجىرەتتە ياشىغانلارنىڭ يۈرگىنى چەتئەل غېرىبچىلىق تۇيغۇللىرىغا مەھكۇم قىلىپ، ”تونۇلمىغان مىللەت“ كىملىكى كىرزىسىدە يۇرەكلىرنى ئاچچىق تىلغايدۇ. ئەگەر سىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇھاجىرەتلىك ھاياتنىڭ رېئاللىقلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇسىدا گاڭگىراپ، ھەسىرەتلىك ئاھلىرىڭىز بىلەن سۆيۈملۈك ۋەتىنىڭىزنى ئوڭىڭىزدا ۋە چۈشىڭىزدە سېغىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىڭىزنىڭ بىرىدە ”ئۇيغۇر“ دېگەن ئىسمى بىلەن ئاتاقلىق ناخشىچمىز سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ 3 دانە ئۇن (audio CD) ۋە سىن (DVD) پلاستىنكىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلىدا ئۇيغۇرلارنى نەچچە ئون بەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر بىلەن ئامېرىكا، ئىتالىيىە، تۈركىيىدە (تۈرك تىلىدا) دە نەشردىن چىقىشى تەبىئىيكى سىزنىڭ ئۇيغۇر سۆيەر قەلبىڭىزگە بىر زور خۇشاللىق، مىللىي ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

 

ناخشا – مۇزىكا دېمەك بىر مىللەتنىڭ مىللىي روھىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى روشەن گەۋدىلەندۈرىدىغان، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە مىللىي كۈچ – قۇۋۋىتىنى ئويغىتىدىغان، ئۆز زاماندىكى شادلىقى ۋە قايغۇسىنى يارقىن كۇي ۋە مۇڭلۇق ئاۋازلار بىلەن ئىپادە قىلىدىغان بىر سەنئەتتۇر.

 

سەنئەت ئالاھىدە بىر تالانتتۇر. شۇ سەۋەبتىن جەمئىيىتىمىزدە ھەممە كىشى سەنئەتكار بولالمايدۇ، ئارىمىزدىن 10مىڭ ھەتتا يۈز مىڭلارچە ئىنسانلار ئارىسىدىن ئۆز خەلقىنىڭ قەلب تارىسىنى چېكلەيدىغان ھەقىقىي سەنئەتكارلار ناھايىتى ساناقلىقلا چىقىدۇ. سەنئەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىنى تەشكىل قىلغان مۇزىكانتلار بىلەن ناخشىچىلار تۇغما قابىلىيەت ئىگىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەسپى ئۇتۇقلىرى تۇغما تالانت بىلەن جاپالىق ئۆگىنىشنىڭ مۇجەسسەملىنىشى تۈرتكىسىدە مىۋە بېرىدۇ. دېمەك بىزدە ھەقىقىي سەنئەتكارلار ناھايىتى ئاز. بۇگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نوقۇل ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قوغلىشىپ ئۇن – سىن نەشىر قىلىش سەۋەبىدىن خەلقىمىز ئىستىمال قىلىۋاتقان سەنئەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەدىئىي، ئىجتىمائىي ۋە تەربىيىۋى قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتتى، سۈپەتتىن كۆرە سان كاساتچىلىق ئەۋج ئالدى. كۆپلىگەن پاخال، سۇپىتى تۆۋەن، غەيرى – رەسمى ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرى بارلىققا كەلدى، بۇ شاكاللار تۈپەيلى بەزىدە ”مېغىز “ لارمۇ شاكاللار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدى. ھەقىقىي تالانتلىق سەنئەتكارلىرىمىزغا يېتەرلىك ئېتىبارلار بېرەلمىدۇق، خەلق قەلبىنى چېكىدىغان سەنئەتنىڭ قىممىتىنى بىلەلمىدۇق ۋە شۇ سەۋەپتىن باشقىلار قانداقتۇر بىر مەقسەتلەردە بىزگە ھەدىيە قىلىنغان ”ئۇيغۇرلار سەنئەتكە ماھىر خەلق“ دېگەن قالپاق ئىچىدە ئۆزىمىزنى بىر تەرەپلىمە تەنقىدلىدۇق. ئۆزگىنى ھەددىدىن زىيادە، بىر تەرەپ ھالەتتە تەنقىدلەش، چۇشكۇنلەشتۇرۇش، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئورنىغا ”پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاش“ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالمىدۇق ۋە ئۇنى مىللىتىمىزنىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتىگە يارىشا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزدەنمىدۇق. يۇقىرىقى مەسىلىلەر بىز نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىغان، بىزنىڭ توغرا بىر يول تېپىپ ۋاقتىدا ھەل قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىدۇر. ھالبۇكى ”قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز يوق“ دىگەندەك بىزگە بىرىلگەن بۇ ساخاۋەتلىك شان – شەرەپ ”ئۇيغۇرلار ناخشا – ئۇسۇلغا ماھىر مىللەت“ دېگەن نامنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر خەلقى سۆيۇپ ئوقۇيدىغان، مىللىي روھىنى تازلايدىغان، كۇچ – قۇۋەت، جاسارەت ئۇرغۇتىدىغان، مېھنەتكەش دېھقانلىرىمىزنىڭ يۇرەك تارىسىنى چېكەلەيدىغان ناخشا – مۇزىكىلار ۋە سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ سانى يىلدىن – يىلغا ئازىيىپ باردى.

 

ئەگەر ئۇيغۇر سەنەتكارلار خەلقىنىڭ مەنىۋىي ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى ئۆز كەسپىدە تولۇق ئەكىس ئەتتۇرۇلمىسە ئۇلارنڭ خەلقىمىز قەلبىدىكى ئورنى قۇرۇق نام – شۆھرەت تاماسىدىكى شۇئارچىلاردىن پەرقلەنمەس ئورۇنغا چۇشۇپ قالىدۇ. مىللي خاسلىق بىلەن ئستىتىك گۇزەللىك زوقى بېرەلمەيدىغان بىر مەيدان كونسېرت كىشىلەرگە بىر توپ شوئارچىلارنىڭ سەھنىسى بولۇپ تۇيۇلىدۇ دە مۇنداق ئەسەرلەر يىللاردىن كىيىن ناھايىتى تىزلا كىشلەرنىڭ كاللىسىدىن غايىپ بولىدۇ. خەلقنىڭ ئارزۇ -ئارمىنىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن، خەلق ئىچىدىكى كلاسسىك ئاھاڭلارنى ئۆز ناخشا مۇزىكىلىرىنىڭ رېتىمدە مىللىي خاسلىق بويىچە ئەكىس ئەتتۇرەلىگەن، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە يېڭلىق يارىتىش روھىيىتى بويىچە مىللىي خاسلىققا ئىگە ئاھاڭ ۋە ناخشىلارنى خەلقىگە تەقدىم قىلالىغان ناخشىچى ۋە كومپىزوتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى خەلقىمىز ھەر ۋاقىت ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ ۋە مۇنداق ئېسىل ئەسەرلەر كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ خاتىرىسىگە مەڭگۇلۇك يېزىلىدۇ، بۇ خاتىرە مەڭگۇ ئۆچمەيدۇ. خەلقىمىزنىڭ كۆپ سانلىقى يەنىلا دېھقان، بوستانلىقلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەبىئي بېيىتىش بۆشىكىدۇر چۈنكى ئۇلار ھەر – ھالدا غەيرى مەدەنىيەت غىدىقلاشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىستىمالنىڭ مۇتلەق كۆپ سالمىقىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۆز ھېسياتىنى چۈشىنىدىغان، قايغۇ – ئەلەم ۋە خوشاللىقىنى ئۆز ناخشىلىرىغا قوشۇپ ئېيتالايدىغان چولپانلىرىنى خەلقىمىز بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ.

 

خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي روھىيىتىنى بېيىتىدىغان مۇنداق ئېىسل ناخشىلار ئۇيغۇر روھىيىتىنى تازىلايدىغان سېھرى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان بولىدۇ ۋە ناھايىتى تىزلا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىغىچە تارقىلىدۇ. يېزا بالىلىرى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، يادلايدىغان ۋە دوراپ ئېيتىدىغان، ئانا تىلنىڭ مىسلىسىز گۈزەل ۋە يېقىملىغىنى ھېس قىلدۇرىدىغان، نۇلارنىڭ ناتىۋان قەلىبلىرىدە ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈلۈك كۈيى بولۇپ ئورنايدىغان قەلب كۈچى بولۇپ قالىدۇ…. ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىسى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە زامان ۋە ماكانغا ۋەكىللىك قىلىپ خەلقىمىزنىڭ يادىغا ھەمىشە ئالاھىدە بىر ۋەقە ۋە ئۆتمۇشلەرنى ياد ئەتتۇرۇپ، ئۆز تارىخىنىڭ يىلتىزىنى ئۇنۇتۇلدۇرمايدۇ.

 

مىنگىلى ئۇلاغ ئىزدەپ،
ئىچكىلى بۇلاق ئىزدەپ.
قاچانغىچە يۈرۈيمىز،
باغدىن تۆت قۇلاق ئىزدەپ.

 

قىزىل گۈل قۇلاقىغا،
خۇشتارمەن پۇراقىغا.
ھەر كىمنىڭ گۈلى بولسۇن،
قىسماققا قۇلاقىغا….

 

(ناخشا تېكىسى: ھەر كىمنىڭ گۈلى بولسۇن)

 

بار مېنىڭدە ئاچچىق بىر يىغا،
كۆرمىسىكەن دەيمەن باشقىلار.
قايغۇ ماڭا يىغلاۋاتقاندا،
كۈلۈمسىرەپ بەرسىكەن دۇنيا….

 

(ناخشا تېكىسى: ئانام بولۇپ بەرسەڭچۇ دۇنيا)

 

مانا يۇقىرىقى ناخشىلارغا ئوخشاش يىنىك رېتىم، تېكىستلەردىكى مەنىلىك جۈملىلەر، تىلىنىڭ ئاددىي بۇلىشى، مىللي خاسلىققا باي يېقىملىق ئاھاڭللار ھەممە تەڭ ۋە ئاسان ھوزۇرلىنالايدىغان ئاممىۋىي بابلىقى كۈچلۈك ناخشىلار بۇلبۇل كەبى لەرزان ئاۋاز ۋە مۇڭلۇق كۈۇيلەرنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ئىجرا قىلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل رىشتىسنى ئۆزىگە باغلايدۇ. بۇ مۇڭلۇق كۈي ۋە ناخشىلارنى ئورۇنداشتا ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۇپ ئورۇنلاپ كەلگەن، خەلقنىڭ مۇڭلىرىنى ئۆز ناخشىلىرىدا يۈكسەك مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك سەنئەتكار قىزى، ئاتاقلىق ناخشىچى، مۇزىكانت ۋە كومپوزىتور سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم شەرەپ بىلەن ئورۇن ئالىدۇ!

 

مەن بۇ يازمىدا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ جۈملىدىن خەلق ياقتۇرىدىغان نادىر ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىسىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي قىممىتىنىڭ مىللىي خۇسۇسىيەت بويىچە جەمئىيەتنى ۋە ياش ئەۋلادلارنى ”ئۇيغۇرلۇق“ مەدەنىيەت ئۇقۇمى بىلەن تەربىيىلەشتە، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتا، ياشلارنى ئۆز مەدەنىيىتىنى سۆيۈپ چوڭ بولۇشقا دەۋەت قىلىشتا كۆپ ئىجابىي روللار ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىمەن……

 

ماقالىنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى ئۇلنىشتىن ئۇقۇڭ :

 

http://www.azizisa.org/Qanatlanghan_kuy.pdf

 

 

ئەسكەرتىش:

 

«قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي سەنۇبەر تۇرسۇن» ناملىق ماقالە جەمئى 3 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ 2014- يىلى يېزىپ تاماملاىغان ئىدى. مەزكۈر ماقالىنىڭ ھەجىمى چوڭ ۋە ماقالىگە كىرگۈزۈلگەن مېدىئا تەركىپلىرىنىڭ كوپ بولىشىنى نەزەردە تۇتۇپ 3 قىسىم ماقالىنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە توپلاپ pdf شەكلىدە ئەلكىتاپ قىلىپ نەشىر قىلىدى. 

 

 

ماقالىنىڭ تولۇق pdf ئەلكىتاپ نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلنىشتىن ساقلىۋېلىڭ، :

 

http://www.azizisa.org/Qanatlanghan_kuy.pdf

 


ماقالىنى باغداش تورىدىن ئوقۇش: 

 

«قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي سەنۇبەر تۇرسۇن» 1- قىسىم

http://bbs.bagdax.cn/thread-20139-1-1.html

 

«قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي سەنۇبەر تۇرسۇن» 2- قىسىم

http://bbs.bagdax.cn/thread-25657-1-1.html

 

«قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي سەنۇبەر تۇرسۇن» 3- قىسىم
http://bbs.bagdax.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=25677&fromuid=14288

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !