دەرەخ ھەققىدە ئەپسانە
-
سەھىپە:Elkun she'irliri، Media، Ün
باھا:0 دانە
12-01-2016
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Derex_heqqide_epsane.mp3
بۇ كوچىنىڭ دەرەخلىرىدە ئۇزۇلـمەس
نەۋ باھارنىڭ ئىزلىرى قالغان
قىشتىمۇ سۈكۈتتە ھاياتلىق ئۇنىڭدا كۆكلەيدۇ
ھېلىمۇ شاخلىرى كېسىلگىنىگە پەرۋاسىز
قاغا ـ قوزغۇنلا ئەمەس
گاھى كۈندۇزى كۆك ئاسمان ـ
گاھى كېچىدە ئاي يۇلتۇزلار پارلايدۇ …….
ئۇلار قەددى مەزمۇت ئاسمان ئاستىدا
قەھىرماننىڭ ھەيكىلىنى ئەسلىتىدۇ.
بۇ كوچىدىن، بۇ شەھەردىن نەزىرى ـ
ئۇزاقتىكى ئورمان خانلىقىغا تاشلاغلىق
مەڭگۈلۈك ئارمىنى بوستانلىققا باغلاغلىق
كېچىللىرى پەرىشتىلەرگە ـ
دەرت ـ ئەلەملىرىنى تۆكۇشىدۇ…
ئادەملەرقۇربانى بولغان دەرەخلەر ئۈچۈن
جان بېگى ئەزرائىل ئۈستىدىن
ئورمان ئىلاھىغا شىكايەتلەر پۈتۈشىدۇ!
ئورمان باتۇر تەسكەي تەرەپتە
ياغاچ كەپىدە روھى ئۇخلاغلىق
قورسقى ئاچسا ئويغۇنىدۇ
كېيىك ئەمەس توشقان ئوۋلايدۇ
ئوۋ مىلتىقىنىڭ ئوقى تۈگەپ كەتكەن …
ئەمما بۈركىتى جېنىغا ياراملىق .
ئاپپاق غوجا گۈلخان ياققان ئاۋۇ گۇمبەز
پالاندى ئاشىق ـ مەشرەپنى يەكلىمىدى
داپ بىلەن ساپايىدىن چىققان ئاۋازلار
سۇپىلارنى بۇ كېچىدە مازارغا چىللىدى…
بىر زاماندا نۇسىرەت تۇغى ئېسىلغان ـ
دۇم كۆمۇتۇرۇلگەن قازانغا ئوخشاش گۈمبەزلەر
يېرىمى چېقىلغان، يېرىمى يەر ئاستىغا كۆمۇلدى.
چىرىپ كەتكەن شادىلار ـ ياغاچ شاخلىرى
ھەممىسىنىڭ جازاسى ـ دارغا ئېسىغلىق
ئۈچ ئەسىر بولدى تېخى ئۆلـمىدى!
بۇ قارىماققا بىر ئەپسانىگە ئوخشايدۇ
مەن ئادەم بولۇشتىن بۇرۇن ئاڭلىغان ـ
شاخلىرى كېسىلگەن دەرەخلەرنىڭ مامات ھەققىدە
ماڭا پىچىرلاشلىرى دەپ بىلدىم.
قەدەملىرىم دەرەخ ئاستىدا قۇرتتەك مىدىرلايدۇ
بىر كۈن مەدىكار ئىشلەپ چارچىغان چېغىم
قۇللۇقتىن پەرقىم يوق بۈگۈنۇم ھالىم
يەتتە ئالەمگە سەيلىگە قاچقان تۇيغۇمنى ـ
ئالتە شەھەر ئالىمىدىن ئۇزاق
ئاخىر ماڭا تەسلىم بولۇشقا قايتۇرۇپ كەلدىم
قورسىقىمنىڭ ئېچىۋاتقىنىنى بىلىپ
ئالدىراش ئۆيۇمنى ئىزدەپ يول ئالدىم!
2016 ـ يىلى 8 ـ يانۋار، لوندون