كۆچىلارغا سۇ سېپىمەن سەھەردە
-
سەھىپە:Sin، Ün، Uzbek muzikisi
باھا:0 دانە
05-01-2016
كۆچىلارغا سۇ سېپىمەن سەھەردە،
(I sprinkle water on the street in the early morning)
(ئافىغانىستان ئۆزبېك خەلىق ناخشىسى)
كۆچىلارغا سۇ سېپىمەن سەھەردە،
يار ئۆتسە ئايىغى چاڭ بولمىسۇن دەپ.
خەت يازىمەن بولسام ئەگەر سەپەردە،
يار سېغىنسا كۆڭلى ئۆكسىمىسۇن دەپ.
گۈللەرنى خوش كۆرۇشۇمنى بىلىدۇ،
قولىدا گۈل دەستە بىلەن كېلىدۇ.
يارغىنىمنى كۆرسەم كۆڭلۇم تولىدۇ،
سالام دەيمەن، يات سام دېمىسۇن دەپ.
ساچىمگە تال پۇپۇكلىرى تىققىنىمدە،
ئۆسما ئېزىپ قاشىمگە قويغىنىمدە،
يايرىم سۆيگەن لىباسىنى كەيگىنىمدە،
ھويلامدا كۇتەرمەن، رىشىك قىلمىسۇن دەپ.
كۆچىلارغا سۇ سېپىمەن سەھەردە،
يار ئۆتسە ئايىغى چاڭ بولمىسۇن دەپ.
خەت يازىمەن بولسام ئەگەر سەپەردە،
يار سېغىنسا كۆڭلى ئۆكسىمىسۇن دەپ.
(ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇردى)
بۇ سىن كۆرۇنۇشنى mp3 ئۈن شەكلىدە ئايرىم ئاڭلاش:
http://www.azizisa.org/Uz_music/Kochilargha_su_sepimen_seherde.mp3