ئۇيغۇرنىڭ يېڭى يىلى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئۇيغۇرنىڭ يېڭى يىلى

                 Uyghurning_yengi_yili.mp3

(شېئىرنى بابۇرخان دىكلىماتسىيە قىلغان)

 

يېڭى يىل ـ يېڭى تۇيغۇ، يېڭى تىلەكلەر،  

كونا يىلىنىڭ ماتەمگە ئۇلىشىپ كېلەر.

بىلمەيمىز يەنە قانچىسى شۇنداق كېتەر؟ 

ئەمما ئۇيغۇر ياشايدۇ ئارمىنى بىلەن!

 

كونا يىلنىڭ ئاخىرى بىر كۈنلا  قالغان، 

ئادەملەر يېڭى يىللىق تىلەكلەر يازغان…

بىر مۇساپىر ئۇيغۇر ئۆيىنى سېغىنغان، 

ئەمما ئۇيغۇر ياشايدۇ ئارمىنى بىلەن!  

 

بۇ كوچىدا ئادەملەر شالاڭلاپ قالغان، 

بىرى ئالدىراش كېچىلىك بەزمىگە ماڭغان.

بىرلىرى كونا يىلدىن ھېسابلار ئالغان….  

ئەمما ئۇيغۇر ياشايدۇ ئارمىنى بىلەن! ……  

 

دۆڭكۆۋرۈكتە بىر بالا قولىدا پايپاق، 

ئارزۇسى بىر كويغا ئېلىشىچە ساتماق.

بەشكېرەمدە ئانا ئوغلىنى سېغىنماق …

 ئەمما ئۇيغۇر ياشايدۇ ئارمىنى بىلەن!  

 

لوندوننىڭ كوچىسىدا ئوقۇغۇچى بالا، 

پۇلىنىڭ يوقلۇقىدىن غېمى بەك تولا.

كېلەر مەۋسۇمدە ئوقۇشى قانداق بولا … 

ئەمما ئۇيغۇر ياشايدۇ ئارمىنى بىلەن!  

 

كاۋاپچى مەھەمەتقارى ياقا يۇرتتا…

پىساكەش ئالىمجان يولدا، نيۇ ـ يورىكتا.

ھەر يەردە بولايلى، جانلار بېقىلـماقتا، 

ئەمما ئۇيغۇر ياشايدۇ ئارمىنى بىلەن!  

 

يېڭى يىل كېچە سالىيۇتى ھەشەمەتلىك،

كاتتا شەھەرلەر تەنتەنىسى ھەيۋەتلىك …

ھېيتگاھنىڭ ئاسمىنىدىن ئاي كېتىكلىك، 

ئەمما ئۇيغۇر ياشايدۇ ئارمىنى بىلەن!

 

ئاتا غۇرۇرى كۆمۈلگەن تەكتىماكان –

تەڭرىتاغ ۋولقانلىرى سۈكۈتكە پاتقان. 

كىرورەن گۈزلىنىڭ كۆزىدە ياش ئاققان …

ئەمما ئۇيغۇر ياشايدۇ ئارمىنى بىلەن!  

 

قاراڭ ئەنە ئوماق قىز «ئىز» نى ئوقۇغان، 

ئوغرى يىللارغا مۇتەللىپ جاۋاپ يازغان.  

ھەممىمىز بۇ ھايات كۈرىشىدە تاۋلانغان…

شۇڭا دەيمىز ئۇيغۇر ياشار ئارمان بىلەن!  

 

مەرھابا ئەي يېڭى يىل ئۇيغۇردىن ساڭا، 

مېھنەت بىلەن كۈتىمىز سېنى كەلسەڭ يانا. 

تولسۇن باغرىڭ تەبەسسۇمگە ۋەتىنىم ئانا،  

شۇڭا ياشار ئۇيغۇر بۈگۈن ئارمان بىلەن!  

 

2015 ـ يىلى 31 ـ دېكابىر، لوندون. 

 

 

Uyghurning yengi yili

 

 

مەنبەلەر:

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى –
http://www.azizisa.org/uyghurning_yengi_yili

 

باغداش تورى –
http://bbs.bagdax.cn/thread-41481-1-1.html

 

بوزقىر تورى –
http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=8548

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !