بۇ كېچە

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

(شېئىرنى مۇھەممەت بابۇر ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز يانفوندا قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن بىۋاستە ئاڭلاڭ:

bu_keche.mp3


بۇ كېچە يۇلتۇز يوق، ئايمۇ مۆكۈنگەن،
پەشتاقتىكى گۈللەر نۇرلۇق، جۇلالىق.
شامالدا ئىرغىيدۇ يالىڭاچ دەرەخلەر،
تىلەيدۇ يۈرىكىم ئۆزىگە پاناھلىق!

 

يۇلتۇزۇمنى سېغىنىپ ئاسمانغا باقتىم،
قەيەرگە كەتتىڭ سەن بۈگۈن سىردىشىم ؟!
سۈكۈتتە ئۆزۈمدە تۇغۇلىدۇ سۇئال ـ
نېچۈك ھالىم مېنىڭ، تەتۈر قاياشىم؟! …..

 

كوچا چىرغى يېنىق، نۇرلۇق، چىرايلىق،
گۈل ئۇستىدە كۈن نۇرىدەك چاقنايدۇ.
بۇ يەردە ئادەملەر بەزمىدە مەستخۇش،
تاڭ سېغىنىپ خورازلار سەھەر چىللايدۇ…

 

پەسىل بىلەن نە كارى پەشتاقتىكى گۈل،
ئۈشۈسىمۇ بەرگىسىدىن ئېچىلىپ تۇرىدۇ.
يوق ئەمەستۇر ئارىمىزدا ئادەم مىسالى،
ئۆزنى بىلـمەس ئۆزگىگە جاننى بېرىدۇ!

 

غۇۋا كۆرۈنگەن ئاي نۇرى، ئۇستىدە بولۇت،
گاھ يورۇپ، گاھى ئۆچۈپ، مەنزىلىگە راۋان….
بۇ كوچىغا چىراغ تۆكسىمۇ سۇنئىي نۇرىنى،
ئايدىڭ كېچە يانار چۈش ۋە ئوڭۇمدا ھامان !

 

يالىڭاچ دەرەخ شاماللارغا ئۇسۇل ئوينايدۇ…
قارا كېچە بولۇپ ماڭا بەختسىز ھەمرا.
تاتلىق قەلبىم ئاشىقلىقتىن تىنماي ئۆرتەيدۇ،
قاچان يېتەر بۇ ھالىمغا بۇ بايقۇش دۇنيا؟!

 

2015 ـ يىلى، 26 ـ دېكابىر، لوندون.

 

 

Bu_keche

 

 

 

مەنبە باغداش ۋە بوزقىر تورى مۇنبەرلىرى: 

http://bbs.bagdax.cn/thread-41209-1-1.html

http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=8507

 
 



باھا يېزىش چەكلەندى!