بۇ دۇنيانىڭ سەھنىسىدە
-
سەھىپە:She'ir terjime
باھا:0 دانە
28-11-2015
ۋىلىئام شېكسپېر
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئېنگلىسچىدىن تەرجىمە قىلدى
بۇ دۇنيانىڭ سەھنىسىدە ـ
پۈتكۈل ئەر ۋە ئاياللار رول ئالغان
ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بۇ سەھنىنىڭ
كىرىش ۋە چىقىش ئىشىكلىرى ئېچىلغان.
بىر ئەر ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن روللارنى ئوينايدۇ
ئۇ ھازىر ھاياتنىڭ يەتتە مۇساپىلىق رولىنى ئالماقتا
ئۇ بىرىنچى مۇساپىسىدە بوۋاقنىڭ رولىنى ئالغان چاغدا ـ
بالا باققۇچىنىڭ قۇچىقىدا يىغلاپ،
بەرگەن سۈتنى قۇسىۋەتكەن ئىدى.
زارلىنىپ خۇددى قازاندىن كۆتۈرۈلگەن ھوردەك،
ئۆز – ئۆزىگە غىڭشىپ مۇڭلۇق ناخشىمۇ ئېيتاتتى
ئەسكەر بولغان چېغىدا ئاشنىسىغا «قاشلىق» ئېتەتتى
بەزىدە ئۆزگە غەلىتە قەسەملەرنى بېرەتتى،
يۈزىگە يىلپىزغا ئوخشاش ساقال – بۇرۇتلار ئۆستۇرۋالاتتى.
غۇرۇرىنى قوغداشقا ھەر ۋاقىت ھازىر ئىدى،
شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مىجەزى چۇس –
بەزىدە ئۇرۇشقاق ئىدى.
ئۆزى ئۇچۇن كۆپۈككە ئوخشاش شەرەپ ئىزدەيتتى.
گەرچە زەمبىرەك ئېغىزىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ـ
ئەمما ھەققانىيەتتىن زادىلا ۋاز كەچەلمەيتتى.
كاپىتان ئەزىمەتلەر بەللىرىنى رۇسلاپ –
رەت -رەت تىزىلىپ تۇرغاندا
كۆزلىرى نۇرغا تولغان،
ساقال – بۇرۇتلىرى چىرايلىق ياسسالغان ـ
كاللىسى ئەقىل – ئىدىرەككە تولغان –
كۆرۈنۈشىدىن ئىلغارلىقى تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ نۆۋىتى بويىچە –
ھاياتىنىڭ ئالتىنچى مۇساپىسىدىن رول ئېلىشقا باشلىدى…
ئۇ ئالدىغا مۈكچەيگەن،
قېرىلىقنىڭ تونىنى كىيگەن ئىدى.
بۇرنىدا كۆز ئەينەك،
بېقىنىغا تەكىي تىرەكلىك ئىدى.
ئەمما ئۇنىڭ ئەقىل جەۋھىرى ـ
بۇ كەڭرى ئالەمنى ئۆزىدە ساقلاپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ پۇت – قوللىرى
ۋە بوم ئاۋازى ئىنچىكىرەپ كەتكەن،
ئۇ قايتىدىن ئۆزىنىڭ –
بالىلىقىدىكى ئىنچىكە ھالىتىگە قايتىپ كېتىۋاتاتتى …
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم –
ئۇ ھەممە ئادەملەرنى كۆرگەن ۋاقىتتا –
ئاران – ئاران ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىۋاتاتتى….
بۇ شۇنداق غەلىتىلىك بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ـ
بىر ھاياتنىڭ پۈتكەن تارىخى
بۇ ھالەت پەقەت ۋە پەقەتلا ئۇنىڭ
ئىككىنچى مەرتە بالىلىققا قايتىشى.
يەنە ئوخشاش چىشلار، ئوخشاش كۆزلەر
ئوخشاش تەملەر…
ھەممە نەرسىلەر بىر – بىرلىرىگە ئوخشاپ قېلىۋاتاتتىى.
شېئرنىڭ ئەسلى ئېنگلىسچە مەنبەسى:
All the world’s a stage
by William Shakespeare
All the world’s a stage,
And all the men and women merely players;
They have their exits and their entrances,
And one man in his time plays many parts,
His acts being seven ages. At first, the infant,
Mewling and puking in the nurse’s arms.
Then the whining schoolboy, with his satchel
And shining morning face, creeping like snail
Unwillingly to school. And then the lover,
Sighing like furnace, with a woeful ballad
Made to his mistress‹ eyebrow. Then a soldier,
Full of strange oaths and bearded like the pard,
Jealous in honor, sudden and quick in quarrel,
Seeking the bubble reputation
Even in the cannon’s mouth. And then the justice,
In fair round belly with good capon lined,
With eyes severe and beard of formal cut,
Full of wise saws and modern instances;
And so he plays his part. The sixth age shifts
Into the lean and slippered pantaloon,
With spectacles on nose and pouch on side;
His youthful hose, well saved, a world too wide
For his shrunk shank, and his big manly voice,
Turning again toward childish treble, pipes
And whistles in his sound. Last scene of all,
That ends this strange eventful history,
Is second childishness and mere oblivion,
Sans teeth, sans eyes, sans taste, sans everything.
بۇ شېئىر باغداش تورى مۇنبىرىدىن كۆچۈرۇلدى، مەنبە ئۈلۈنىشى:
http://bbs.bagdax.cn/thread-31837-1-1.html