ئۈزۈلمەس تارىخىي رىشتە
-
سەھىپە:Elkun élkitabliri، Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
08-11-2015
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(مەزكۈر تېما باغداش مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ قايتا نەشىر قىلىندى)
خەلقئارالىق ھون ۋە ئورال ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەرىنىڭ 2011 –يىلى 21 – فېۋرالدىن 24 – فېۋرالغىچە دوناي دەرياسى بويىدا ئۆتكۈزگەن ئۇچۇرىشىشى توغرىسىدا يېزىلغان ئەدەبىي خاتىرە
( «دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر» ناملىق كىتاپتىن قىسقارتىپ ئېلىندى)
تارىختىن ئىككى سۆز:
«ھونلار – ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى چاغدىكى ئەجدادى. ھونلار باشقا ھەممە تۈركىي خەلقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىمۇ ئاساسلىق رول ئوينىغان». دېمەك ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ سائەت سترېلكىسى -21 ئەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان بۇ دەقىقىلەردە تارىختا ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا تۈركى ئېتنىك قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدە ئالەمشۇمۇل ئىمپراتۇرلۇقلارنى قۇرۇپ تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۆزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى، مۇستەقىل دۆلىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ۋە دۇنيا تەرىپىدىن تارىختىكى ھونلارنىڭ …..
دۆلىتى دەپ تونۇلغان، ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك مىللەت نامىنى ئىزچىل بۈگۈنكى كۈنگىچە ئون ئۇيغۇر “ئونوگۇر” دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ۋېنگىرىيە ھونلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دوناي دەرياسى بويىدىكى ياۋروپانىڭ ئەڭ گۈزەل شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇداپېشتتا -2011 يىلى -2 ئاينىڭ -21 كۈنىدىن -24 كۈنىگىچە ئېلىپ بارغان ھون ۋە ئورال ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەرىنىڭ تارىخىي ئۇچرىشىشى سىزنى ئۇيغۇرنىڭ تارىخىي ئەجدادى بولغان ھونلارنىڭ تەخمىنەن 1700 يىللار ئىلگىرى بىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئۆتمۈشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ياۋروپادىكى ئەھۋالىنى بىلىش ئىستىكىڭىزنى قوزغايدۇ ئەلۋەتتە!
مانا بۇ مەقسەت بىلەن ۋېنگىرىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ھون ۋە ئورال ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەر مەركىزلىرىنىڭ -2 نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ھەققىدە يېزىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئوقۇرمەنلەرگە ۋېنگىرىيە ھونلىرىنى بۈگۈنكى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئەجدادى ھونلار توغرىسىدا
ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىكى تارىخىي ئەجدادىدۇر. ھونلار بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرى ھازىرقى سىبېرىيە ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ زېمىنلاردىن تارتىپ جۇڭگونىڭ سېرىق دەريا ۋە دېڭىزلىرىغىچە، بايقال كۆلىنىڭ شەرقىدىكى كەڭ زېمىنلاردىن تارتىپ ئالتاي- تەڭرىتاغ ۋە ئورال تاغلىرىدىن كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ زېمىنلاردا ياشاپ كەلگەن بولسا، كېيىن ھونلار تەخمىنەن مىلادى -350 يىللىرى غەربكە قاراپ كۆچۈشكە باشلاپ مىلادى – 434 يىلى ئاتىللا ھون (406-453) تەرىپىدىن ناھايىتى كۈچلۈك ۋە بۈيۈك بولغان ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ -5 ئەسىرگە كەلگەندە غەربىي رۇم ئىمپېرىيىسىنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرگەن بولسا، ئاسىيادا ھون ئەجدادلىرى ياشىغان كەڭ زېمىنلاردا قېرىنداش بولۇپ ياشاپ كەلگەن تۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى مىللەتلەر بۇ زېمىنلاردا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، ھون ئەجدادلىرى قالدۇرغان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ دۆلەتلەر ۋە ئىمپراتۇرلۇقلارنى قۇرۇپ ھونلار ياشىغان زېمىنلارغا ۋارىسلىق قىلغان.
پۈتكۈل ھون قەبىلىلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى -3ئەسىردە ھون تەڭرىقۇت (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4209-17 – يىللار) تەرىپىدىن بىرلەشتۈرۈپ ئاسىيا ھون ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. ھون ئىمپېرىيىسىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى بولغان جۇڭگونىڭ چىن سۇلالىسى مىلادى2 – ئەسىردىن باشلاپ سەددىچىن سېپىلىنى سوقۇشىنى باشلىغان بولۇپ بۇ دەل ئاسىيا ھون ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ كۈچلەنگەن مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو بۇ دەۋرلەردە داۋاملىق تۈردە ھونلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن سېپىل سوقۇپ ئۆزىنى قوغدىغان ۋە بۇ سېپىلنى ئۆزىنىڭ قوغدىنىش چېگراىسى قىلغان. بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بەزى تارىخچىلار ھون باتۇر تەڭرىقۇتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى «ئوغۇزخان» بىلەن بىر كىشى دەپ قارايدۇ……..
بۈگۈنكى ۋېنگىرىيە:
بۈگۈنكى ۋېنگىرىيەدىكى ھونلار (ۋېنگرىيىلىكلەر (ئۆز دۆلىتىنى Magyar دەپ ئاتايدۇ (ئىنگلىزچە Hungary دەپ ئاتىلىدۇ) ئۆزىنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ياكى ھونلارنىڭ (Magyarország) دۆلەت بولۇپ شەكلىنىش ۋە مىللەت نامىنى 7- ئەسىرىدە تەشكىل قىلىنغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقى onogur (ئون ئۇيغۇر) ئىسمىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ. بۇلغارلارمۇ ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشىنى onogur (onoguria -uyghuria – utigur) قەبىلىلىرىدىن دەپ بىلىدۇ.
ۋېنگىرىيە ھونلىرى ئورال تىلى ئائىلىسىنىڭ فىننو- ئۇگرىك (Finno-Ugric) تىل گۇرۇپپىسىدا سۆزلىشىدۇ يەنى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئېستونىيە ۋە فىنلاندىيە تىللىرىغا يېقىن. دۇنيا بويىچە ھازىر ھونلارنىڭ نوپۇسى 14 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ نوپۇسنىڭ 10 مىليوندىن كۆپرەكى ۋېنگىرىيىدە ياشايدۇ، قالغان 4 مىليونى ھونلار ۋېنگرىيىگە قوشنا بولغان رۇمىنىيە، سېربىيە ۋە ئۇكرائىنىيەدە ياشايدۇ.
ۋېنگىرىيە ھونلىرى ئورخۇن يېزىقىنى تاكى 11- ئەسىرگىچە يەنى خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغانغىچە قوللانغان بولۇپ، 11 ئەسىردىن كېيىن لاتىن يېزىقىنى قوللىنىشقا باشلايدۇ. ۋېنگىرىيە بىلەن چېگرىداش بولغان دۆلەتلەردىكى سزېكەليس، چساڭو، پالوچ ۋە جاسسىچ قاتارلىق سانى بىرقەدەر ئاز بولغان مىللەتلەرمۇ ھازىرقى ھونلارنىڭ ئېتنىك مىللەت تەركىبىگە تەۋە دەپ قارىلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر داۋام قىلغان ۋېنگىرىيە دۆلىتى مىلادى 895- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ياۋروپادىكى ئەڭ قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭ بىر بولۇپ ھىساپلىندۇ يەنى ياۋروپادا تۇنجى گېرمان ۋە فرانسۇزلار تەرىپىدىن ۋەردۇن شەرتنامىسى (Treaty of Verdun) ئاساسىدا مىلادى 843- ئانگلو-ساكسون (Anglo-Saxon)دۆلىتى قۇرۇلۇپ 60 يىل كېيىن قۇرۇلغان قەدىمى دۆلەتتۇر. موڭغۇللار ۋېنگرىيىنى 1241 ۋە 1242- يىللىرى ئىستىلا قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى موڭغۇل-ھون ئۇرۇشلىرىدا ۋېنگىرىيە ئاھالىسىنىڭ تەڭ يېرىمى يەنى تەخمىنەن 2 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالىنىڭ ئۇرۇشتا ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئوسمان ئىمپېرىيىسى ۋېنگرىيىگە 1526- يىلىدىن 1699- يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ۋېنگىرىيە 1526- يىلى ئاۋسترىيە بىلەن بىرلىشىپ ياۋروپادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىمپېرىيە ئاۋسترىيە – ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرىدۇ ۋە بۇ ئىمپېرىيە 1918- يىلى پارتلىغان 1- دۇنيا ئۇرۇشىغىچە داۋام قىلىدۇ. گېرمانىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ ۋېنگرىيىگە 1- قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا قولىدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشىنى كاپالەتلىك قىلىشى بىلەن يەنە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قارشى كۈچلەر قاتارىدا ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. ۋېنگىرىيە 2- قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ يېڭىلىپ 1945- يىلى 13- فېۋرال سوۋېت ئىتتىپاقىغا شەرتسىز تەسلىم بولىدۇ ۋە 1947- يىلى پارىژ تىنچلىق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويىدۇ. ئاقىۋەتتە ۋېنگىرىيە 1918- يىلىدىن 1945- يىلىغىچە بولغان 2 قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا زېمىنىنىڭ %72 دىن، ئاھالىسىنىڭ %66 دىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
سوۋېت كوممۇنىستلىرى ۋېنگرىيىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق سوۋېت ئىشغالىيىتىگە قارشى 1956- يىلى 23- ئۆكتەبىر ۋېنگىرىيە ئىنقىلابى باشلىنىدۇ ۋە بۇ ئىنقىلاب 1956- يىلى 10- نويابىر سوۋېت ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرۇش بىلەن ئاياغلىشىپ، باستۇرۇلۇش داۋامىدا يۈزبەرگەن قانلىق توقۇنۇشتا 2500 دىن ئارتۇق ۋېنگرىيىلىكلەر ۋە 700 سوۋېت ئەسكەرلىرى ئۆلىدۇ. نەتىجىدە بۇ ۋەقەدىن كېيىن تەخمىنەن 000،200 دىن ئارتۇق ۋېنگرىيىلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە مۇساپىر بولۇپ قېچىپ كېتىدۇ.
رۇمىنىيە كوممۇنىستلىرى تارىختىن تارتىپ ۋېنگىرىيە زېمىنى بولۇپ كەلگەن ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا رۇمىنىيە ئۆز تەۋەلىكىگە قوشۇۋالغان ترانسيلۋانىيەنىڭ يېزا قىشلاقلىرىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ ۋە بۇ ھەرىكەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ 1988- يىلى 6- ئايدا 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نامايىش قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مىخائىل گورباچېۋ ۋېنگرىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرىدۇ. ۋە شۇ يىلى 5- ئايدا ۋېنگرىيىلىكلەر ئاۋسترىيە بىلەن بولغان چېگرا سىم توسۇقلارنى ئېلىپ تاشلايدۇ. 1989- يىلى سېنتەبىردە بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈلۈشكە باشلىنىشىدىن كېيىن 10- ئاينىڭ 23- كۈنى ۋېنگىرىيە ئۆزنىڭ 3- قېتىملىق ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىنى جاكارلايدۇ.
ۋېنگىرىيە 2004- يىلى 1-ماي رەسمىي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن. ۋېنگرىيىنىڭ ھازىرقى يەر كۆلىمى km2 , 03093 بولۇپ دۇنيا بويىچە دۆلەتلەر يەر-كۆلىمى بويىچە 109- ئورۇندا تۇرىدۇ. ۋېنگرىيىنىڭ 2011- يىلىدىكى نوپۇسى 10،164،000 بولۇپ دۇنيادىكى دۆلەتلەر بويىچە 83- ئورۇندا تۇرىدۇ. ۋېنگرىيىنىڭ 2009- يىلىدىكى ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا كىشى بېشىغا كېلىدىغان مىللىي دارامەت 18،566 دوللار. ۋېنگىرىيە “فورېنت” پۇل بىرلىكىنى قوللىنىدۇ.
خەلقئارالىق ھون ۋە ئورال ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەر مەركىزلىرىنىڭ -2 نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 21-فېۋرالدىن 24- فېۋرالغىچە ۋېنگرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپېشت شەھىرىدە ئېچىلدى
ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك ئاسىيا ۋە ياۋروپادا قىتئەلىرىدە ئالەمشۇمۇل ئىمپراتۇرلۇقلارنى قۇرۇپ دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە تارىخ سەھنىلىرىدە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ئابىدىلەرنى تىكلىگەن ۋە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى “بىز ئون ئۇيغۇرلار” دەپ ئاتاپ كەلگەن ھون ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياۋروپادىكى تارىخى يۇرتى ۋېنگرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ۋېنگىرىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر ۋېنگىرىيە مەركىزى ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھون (ۋېنگرىيىلىك) ۋە ئورال – ئالتاي تىللىق يازغۇچى، شائىرلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى 2011- يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە بولۇپ ئۆتتى.
بۇ يىغىلىش ھون ۋە ئورال – ئالتاي تىللىق يازغۇچى، شائىر ۋە سەنئەتكارلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ۋە ئۆز-ئارا چۇشنشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر تارىخىي ئۇچرىشىش بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار ۋە ۋېنگرىيىلىك يازغۇچىلار بولۇپ 50 دىن ئارتۇق يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلار ئىشتىراك قىلدى.
بۇ پائالىيەتكە يەنە يىللاردىن بۇيان ئەنگىلىيىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ھەم خالىس كەلگەن ۋېنگرىيىلىك ئۇيغۇر ھەۋەسكارلىرىغا، تاماشىبىنلارغا بۇداپېشت پرېزىدېنت مېھمانخانىسىدا ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرىنى كۆرسىتىپ مەخسۇس كونسېرت بەردى.
يىغىننىڭ تۇنجى كۈنى ۋېنگرىيىلىكلەر (ھونلار) ئۈچۈن ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ زالىدا سائەت 9 دا ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيەتنىڭ رەئىسى jános szentmátoni ئەپەندىنىڭ قارشى ئېلىش سۆز قىلىشى بىلەن تەنتەنىلىك باشلاندى. يىغىندا ئىككىنچى بولۇپ سۆزگە چىققان خەلقئارا قەلەمكەشلەر ۋېنگىرىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى zoltán sumonyi ئەپەندى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى……. (داۋامىنى تۆۋەندىكى ئۇلنىشتىن ئوقۇڭ)
ئەسكەرتىش:
بۇ ماقالە جەمئى 60 بەت، ھەجىمى چوڭ بولغاچقا ئوقۇشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن PDF شەكلىدە بىر ئېلكىتاپ قىلىپ نەشىر قىلىندى. ماقالىنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى ئۈلنىشتىن ئوقۇڭ:
http://www.azizisa.org/elkun_kitap/Uzulmes_tarixiy_rishte.pdf
———————————————————————————————
ماقالىنىڭ كېلىش مەنبەلىرى
- باغداش تور بېكىتى مۇنبىرى:«ئۈزۈلمەس تارىخىي رىشتە»
http://bbs.bagdax.cn/thread-28622-1-1.html
- مەزكۇر ئەسەر باغداش تورى مۇنبىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تور سەھىپىسىگە ئەينەن كۆچۈرلۈپ نەشىر قىلىندى:
http://www.azizisa.org/uzulmes_tarixiy_rishte
- ئۇشبۇ «ئۈزۇلمەس تارىخىي رىشتە» ناملىق ئەسەر باغداش تورى مۇنبىرى ئاساسىدا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورىدا ئېلكىتاب قىلىپ نەشىر قىلىندى. چۈشۈرۈش ۋە ئوقۇش مۇقىم ئادىرېسى:
http://www.azizisa.org/elkun_kitap/Uzulmes_tarixiy_rishte.pdf