نورۇزدا چېچەكلىگەن تۇيغۇ
-
سەھىپە:Elkun she'irliri، Media، Sin
باھا:0 دانە
25-03-2016
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Noruz_chechek.mp3
قۇش مۇڭلىرى قۇياش بىلەن تەڭ ئويغۇنۇپ،
چېچەك ئاتقان باغچا ئىچىدە سايرايدۇ.
مەن كەزگەن يالغۇزلۇق ئۆزۈمگە غېرىپ،
ئاھ ۋەتەن سېنى سېغىنىش جاننى قىينايدۇ!
باھار كېلەر بۇ كوچىنىڭ ھەر تېمىدىن،
قەلەندەرمەن، كېزەرمەن مۇناجات قىلىپ.
ئات ئىتىپ ئوينىغان كۈننى تال چىۋىقتىن،
تىلەيمەن كەلسىكەن دەپ ئارقىغا يېنىپ؟!
تارىمدىن ئۇزاق نورۇز ھىجرانغا يېقىن،
بېرەلمەس باھار چېچىكى ئۇيغۇرچە پۇراق.
ئېچىلىپ تۇرسىمۇ قەدەمدە گۈللەر لېكىن،
مەن ئىستىگەن مەنزىلىم يولىدىن يىراق!
مەيلى كەلسەڭمۇ تەكرار ھايات سەپرىمدە،
ئەمما بول باھارىمنىڭ ئۈمىدى نورۇز!
ياقايلى بىللە گۈلخان سوغۇق پەسلىدە،
يانسۇن ئۇ چىراغ بولۇپ ئاسماندا يۇلتۇز!
2016 – يىلى 21 – مارت، لوندون
بۇ شېئىرنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىنى ئوقۇش :
http://www.azizisa.org/en/a-blossoming-sensation-for-nowruz
بۇ شېئىر باغداش ۋە بوزقىر تور مۇنبەرلىرىدىمۇ ئېلان قىلىندى
باغداش تورى مۇنبىرى:
http://bbs.bagdax.cn/thread-46529-1-1.html
بوزقىز تورى مۇنبىرى:
http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=8982&fromuid=1823