لوندون قەشقەر كوچىسى
-
سەھىپە:
باھا:0 دانە
07-10-2015
لوندون كوچىلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ «كىچىك» ئىزلىرى
(بۇ ماقالە بىرىتانىيە BBC ئاگېنتلىغىنىڭ ئۆزبەك سەھىپىسىدە 2008- يىلى 10-يانۋار ئېلان قىلىنغان)
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى ئاڭلاش: London_Qeshqer_kochisi.mp3
ئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدى
ئەگەردە سىز كۇنلەرنىڭ بىرىدە بۇيۇك برىتانىيىنىڭ لوندون شەھىرىگە كېلىپ زىيارەتتە بولغىنىڭىزدا، لوندون كوچا خەرىتىسىگە قاراپ «ك» ھەرپىدىن كوچا ئىسمىنى ئىزدىسىڭىز سىزگە ۋە پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇش بولغان بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ ئىسمى «قەشقەر كوچىسى» (Kashgar Road) كۇزىڭىزگە چېلىقىدۇ ۋە سىزنى ھەيرانلىققا چومدۇرىدۇ.
قەشقەر كوچىسى Thames دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكىPlumstead بولىگىگە جايلاشقان.
ۋەھالەنكى ئاسىيانىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان، ئەمما بۇگۇنكى كۇندە غەربكە ناھايىتى ئاز تونۇلغان بۇ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى 11-ئەسىرلەردە ئۇيغۇر قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي، مەدەنىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. «قەشقەر» سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تۇركى تىلىدىكى مەنىسى «دەريا قېشى ياكى قاش» دىگەن سۆزدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، قەشقەر شەھىرى زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئىككى قېشىغا جايلاشقان. ……….
لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى بولسا بۇيۇك برىتانىيىنىڭ پايتەختى لوندون شەھەرنىڭ شەرقىگە، Thames دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى Woolwhich سانائەت رايونىنىڭ مەركىزى بولغان Plumstead بۆلىگىگە جايلاشقان. بۇ يەر بۇيۇك برىتانىيە پادىشاھلىقى تەرىپىدىن 1805 يىلى بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كۇنسايىن ئېشىۋاتقان ھەربىي سانائىتى ئۇچۇ ئورۇن تەييارلاش مەقسىتىدە «پادىشاھلىق توپ-زەمبىرەك ھەربىي ئەشيا ئىسكىلاتى» (The Royal Arsenal) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
بۇرۇن غەرب ئۇچۇن تامامەن ناتونۇش بولغان قەشقەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر پەقەت 1860 ۋە 1870- يىللىرىدىلا بۇيۇك برىتانىيە مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلىشكە باشلايدۇ بولۇپمۇ بۇيۇك برىتانىيە ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت ئىككى ئىمپېرال كۇچنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز تەسىر كۇچىنى كېڭەيتىش ئۇچۇن رىقابەتكە چۇشكەن «كاتتا ئويۇن» ئۇرۇشىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. قەشقەر ئىسمىنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرىدا تۇنجى تىلغا ئېلىنىشى ئاساسەن شۇ ئۆلكىدە يۇز بەرگەن يەرلىك ۋەقەلەرگە باغلانغان بولۇپ يەنى 1860- يىللىرىدىكى مانجۇ چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى چوڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ باشلانغان ھەم قوقەند قوماندانى ياقۇپ بەگنىڭ قەشقەرىيەگە ھۆكۇمدار بولغان بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. 1865- يىلى ياقۇپ بەگ قوقەندتىن قەشقەرگە كېلىدۇ. 1867- يىلى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئۆزىنىڭ ھۆكۇمرانلىقى ئاستىغا ئالىدۇ.
ھېيتكاھ جامەسى قەشقەرنىڭ سىموۋلىغا ئايلانغان.
بۇيۇك برىتانىيە 1866- يىلى ئەڭ دەسلىپىدە ھىندىستانلىق ئارمىيە ئەمەلدارى مىرزا شۇجانى مەخپى ھالدا قەشقەرگە ۋەزىيەتنى ئىگىلەشكە ئەۋەتىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا بۇ ناتونۇش بولغان رايوننىڭ ئىشەنچلىك خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش ۋە قەشقەردىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۇزىتىپ بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە مەلۇم قىلىش بولغان. 1868- يىلى تۇنجى قېتىم برىتانىيىلىك سودىگەر Robert Shaw ھىندىستاندىن چاي ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ بىر سودا كارۋىنىنى باشلاپ قەشقەرگە كېلىدۇ. بۇنىڭدىن ئانچە ئۇزاق ئوتمەي يەنە بۇيۇك برىتانىيە ئىمپەرىيىسىنىڭ ھۆكۇمەت ۋەكىلى George Hayward لاداخ ئارقىلىق تاغلارنى كېسىپ ئۇتۇپ قەشقەرگە كېلىدۇ. ھەر ئىككى برىتانىيىلىك قەشقەردە ياقۇپ بەگ تەرىپىدىن بىر قانچە ئايلار كۇتۇۋەلىنىدۇ ۋە ئاخىرىدا ياقۇپ بەگ ئۆزىنىڭ بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە بولغان دوستلۇق ئىستەكلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۇلارنى يولغا سالىدۇ. بۇ كىشىلەر ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «ئىمپېرىيىنىڭ قەھرىمان ئوغلانلىرى» شەرپى بىلەن كاتتا مۇكاپاتلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ھەققىدە برىتانىيە مەتبۇئاتىدا «ئەڭ ئاخىرقى بايقالغان خەتەرلىك ۋە سىرلىق بىر رايون» دەپ خەۋەرلەر بېرىشكە باشلايدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا بۇيۇك برىتانىيە يەنە ياقۇپ بەگنىڭ رۇسىيە بىلەنمۇ سۆزلىشۋاتقانلىغىدىن خەۋەردار بولۇپ، رۇسىيە 1871- يىلى ئىلى دەريا ۋادىلىرىنىڭ شىمالىنى ئۆز ئىشغالىيىتىگە ئالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىنى تىزدىن شەرق ۋە شىمالغا كېڭەيتىپ قۇمۇل ۋە بۇگۇنكى ئۇرۇمچىنى ئۆز ھۆكۇمرانلىقىغا ئالىدۇ. 1873- يىلى بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھىندىستاندىكى باش ۋالىسى Lord Mayo 350 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان Douglas Forsythe رەھبەرلىكىدىكى بىر دىپلوماتىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قەشقەرگە ئەۋەتىدۇ. بۇ ۋەكىللەر ئاتلىق ئەسكەرلەر، تەرجىمانلار، ھۆكۇمەت ئىش بەجىرگۇچىللىرى، يولباشلىغۇچىلار ۋە مۇلازىمەتچى خادىملاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك دىپلوماتىك زىيارەتتىن كېيىن بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى ياقۇپ بەگ ھۆكۇمىتىنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇلىنىپ، بۇيۇك برىتانىيە ھۆكۇمىتى مانجۇ چىڭ ۋە ياقۇپ بەگ ھۆكۇمەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن برىتانىيە ھىندىستانى، رۇسىيە ۋە خىتاي دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىتەرەپ بولغان بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قورۇلۇش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە سۇلھى باشلايدۇ.
بۇيۇك برىتانىيە ئىمپەرىيىسى قەشقەرىيە ئەمىرى ياقۇپ بەگ ھۆكۇمىتىنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.
ئەمما بۇيۇك برىتانىيىنىڭ ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىگە بولغان قىزىقىشى ئۇزاققا بارمايدۇ چۇنكى لوندون قەشقەر بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن باشلاپ St Petersburg نى قەشقەرىيەنى ئوتتۇرىدىكى بىر مۇستەقىل بىتەرەپ دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشى ھەققىدە بىر قانچە قېتىملاپ دىپلوماتىك سوھبەتلەر ئېلىپ بارغان بولىسىمۇ رۇسىيە ئىمپەرىيىسىنىڭ تۇركىستاندىكى مەنپىئەتى سەۋەبىدىن رەت قىلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ۋاقىتتا خىتاي مانجۇ چىڭ ھۆكۇمىتى خىتاي ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يۇز بەرگەن تەيىپىڭ قوزغىلىڭىنى غەلىبىلىك باستۇرۇپ قەشقەرىيەرنى قايتا ئىشغال قىلىش ئۇچۇن جىددىي ھەربىي يۇرۇش تەييارلىقى قىلىۋاتاتتى.
مانا بۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە «كاتتا ئويۇن» ئىشتىراكچىلىرى ئارىسىدا قەشقەرىيەگە بىرقەدەر ئادىلىلاراق مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەن بۇيۇك برىتانىيە ئىمپەرىيىسى ئۆز مەنپەئەتلىرىگە پايدىسىز بۇ ئۆزگىرىشلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ. 1876- يىلى مانجۇ چىڭ ھۆكۇمىتى خىتاي گېنىرالى زو زۇڭتاڭنى 200، 000 كىشلىك زور قوشۇن بىلەن بىلەن 40، 000 كىشلىك ئەسكىرى بولغان ياقۇبەگنى يوقتۇپ، قەشقەرىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئەۋەتىشى بىلەن تەڭلا بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى ئەگەر خىتاي چىڭ ھۆكۇمىتى بۇ رايوننى قايتىدىن ئۆز ھۆكۇمرانلىقى ئاستىغا ئالسا رۇسىيىگە قارشى كۇچلۇك بىر قالقان بولالايدىغانلىقنى جەزىم قىلىدۇ ۋە ياقۇپ بەگنى قوللاشتىن تامامەن ۋاز كېچىپ ئەكسىچە قارشىسىغا سىياسەت قوللۇنۇپ زو زۇڭتاڭغا قورال ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.
روسسىيە سودىگەرلىرىمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت تۇتۇپ زو زۇڭتاڭ ئەسكەرلىرىنى ئاشلىق بىلەن تەمىللەيدۇ. گەرچە زو زۇڭتاڭنىڭ قەشقەرگە ئېلىپ بارغان ھەربىي ئىستىلاسى ئاستا ۋە ئىقتىسادى چىقىمى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ئەمما مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ. زو زۇڭتاڭ ئۇرۇمچىنى 1876- يىلى 8- ئايدا ئىشغال قىلىدۇ ۋە زور كولەمدىكى قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ. ياقۇپ بەگ 1877- يىلى 5-ئاينىڭ 28- كۇنى كورلىدا ۋاپات بولىدۇ ۋە شۇ يىلى 12- ئايدا قەشقەر خىتاي مانجۇ چىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا چۇشىدۇ. زو زۇڭتاڭ 1878- يىلى 1- ئايدا قەشقەرنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى قەدىمي شەھەر خوتەننى ئىشغال قىلىپ قەشقەرىيەگە ئېلىپ بارغان ھەربىي ئىستىلاسىنى تاماملايدۇ.
1881- يىلى رۇسىيە ئىلى ۋادىسىنى خىتاي مانجۇ چىڭ ھۆكۇمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. خىتاي مانجۇ چىڭ ھوكۇمىتى 1884- يىلى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ «شىنجاڭ» (يېڭى زىمىن، يېڭى چىگرا) دەپ نام بېرىدۇ ۋە رەسمىي شەكىلدە خىتاي مانجۇ چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىپ بېكىتىدۇ. يەنە شۇنىڭغا قارىماي بۇيۇك بىرىتانىيە ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيىلىرى قەشقەرىيەدە ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كۆرسىتىشنى يىللارچە داۋام قىلدۇرىدۇ. كېيىنكى يىللاردا بىرىتانىيىلىك قېدىرىپ تەكشۇرگۇچىلەرنىڭ قەشقەرىيەدە ئېلىپ بارغان ئىش ئىزلىرى تەسۋىرلىنىپ يېزىلغان ئاجايىباتلىردىن برىتانىيە خەلقى يىللارچە ھۇزۇر ئالىدۇ بىراق ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇچ ئىمپېرىيە ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئوتكەن ناھايىتى شەپقەتسىز، مۇرەككەپ سىياسىي «كاتتا ئويۇن» نىڭ قۇربانى بولغان قەشقەرىيەنى ياد ئېتىش ئۇچۇن مەڭگۇلۇك ئابىدە قىلىپ قويۇلغان لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى (London Kashgar Road) شۇ تارىخنىڭ شاھىتى سۇپىتىدە بۇگۇنگىچە ئۇن-تىنسىز ساقلىنىپ كېلىدۇ.
ئەسلى خەۋەر مەنبەلىرى:
http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2008-06/10/content_3172.htm
http://bbs.misranim.com/thread-77713-1-1.html
http://www.bbc.com/uzbek/news/story/2008/01/080110_qeshqer_ar.shtml
http://www.bbc.com/uzbek/news/story/2008/01/080110_qeshqer_st_lat.shtml
http://www.azizisa.org/london_qeshqer_kochisi